قەشقەر يۇمۇرلىرى
بىر كۈنى ئىككى ئامرىكىلىق قەشقەر ھېيىكاھ جامەسى ئالدىدىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ ئولتۇرىشىغا تاڭجاڭ بىر چەينەك چاي ئەكىلىپ قۇيۇپتۇ ،ھېلىقى ئىككىسى تەڭلا سەنكىيۇ ۋېرۇيماچ(رەھمەت)دەپتىكەن،ھىلىقى تاڭجاڭ دەرھاللا تاماق بۇيرىغان ئوخشايدۇ دەپ:«ھېيييييييي ماۋۇ ئىككى مىھمانغا سەي قۇژماي يېرىم ئاش »-دەپتۇ.
بىر كۇنى دۇستۇم بىلەنبىللە ناشتا قىللى دەپ بىر ئاشخانغا كىردۇق. بۇ ئاشخاننىڭ بۇلاق مانتىسى ئۇخشىغاچقاخىرىدارمۇ كۆپ ئىدى. بىر خىرىدار پول تۇلگەچ ئۇستامغا -ئۇستام بۇ مانتىنىڭ گۆشىنىمانداق ئاز؟؟دىيىشگىلا، ئۇستاممۇ -بەش موچەنلىك مانتىنىڭ ئىچىدىن پاقلان مەرەپچىقسا بۇلامتى ئەمسە؟؟دىگۈدەك .
بىر كۇنى سىنىپتامۇئەللىم دەرىس سۆزلەۋاتسا ئىككى كىچىك «ئاشىق مەشۇق » گودۇڭ گودۇڭ قىلىپ ئوتتاغىدەك ، مۇئەللىمنىڭ ئاچچىغى كىلىپ : گۇلنىسا خىنىم ماڭا قايلىسلا ، گودۇڭشىپ ئولتىرالماي قاللا ، «ۋەتەن »دىگەن سۆز بىلەن جۇملە تۇزسىلە ، دەپتىكەن ،ئۇ قىز قوپوپ ۋەتەن مىنىڭ ئانام . دەپـتۇ . مۇئەللىم گەپ قىلالماي ، ياسىنجــــــــون !(ھىلىقى قىزنىڭ يىگىتى )، ئۆزلىرى بىرنى تۇزۇپ باقسىلا دەپتىكەن ، ئۇبالا مۇئەللىمگە بىر قاراپ ، گۇلنىساغا بىر قاراپ : ۋەتەن مىنىڭ قىينانام دىگۇدەك . |