ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تاغدىن-باغدىن ئاچچىق ھەقىقەتلەر!!
كۆرۈش: 141|ئىنكاس: 8
go

ئاچچىق ھەقىقەتلەر!!

توردا
1085سائەت 
نادىر تېما
دوست
154 
يازما
1897 
تېما
414 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-7 08:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاچچىق ھەقىقەتلەر!!!

1- كۆرۈنۈش

ئانا- رېستۇراندا باشقا ئەر بىلەن نازلىنىپ تانسا ئوينىماقتا،ئاتا- شۇ رېستۇراننىڭ ئايرىمخانىسىدا كۆڭۈل ئاچماقتا،
پەرزەنت- مۇزدەك سوغۇق پەلەمپەيدە ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلىمەكتە!!!


2- كۆرۈنۈش
يېزا يولىدا بىر ئانا يۈرىكىنى مۇجۇقلىغىنىچە ياتماقتا،چۈنكى بايىلا قۇلىقىدىكى ئالتۇن ھالقىنى يۇلۇپ ئېلىۋالغان ئوغرى دەل ئۇنىڭ
ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنىگە ئون نەچچە يىل بولغان ئوغلى ئىدى.
3-كۆرۈنۈش
80ياشلاردىكى بېلى مۈكچەيگەن بوۋاي ھارۋىسىدىكى سېتىلمىغان يېسىۋىلەكلەرگە قاراپ كىچىك بالىدەك ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى،چۈنكى ئۇ يالغۇز
نەۋرىسىگە پايپاق ئالغاچ كېلىشكە ۋەدە بەرگەن ئىدى.


4- كۆرۈنۈش
ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن ئوغۇل ئۆيىنى سىيرىپ -سۈپۈرۈپ قېچىپ چىقىپ نەشە چېكىپ، پاھىشە ئويناپ يۈرمەكتە، بىچارە ئانا، ئاتىنىڭ« مانا بۇ سەن تۇغقان ئوغۇل!» دەپ ۋارقىراشلىرىغا،تاياق-تېپىكلىرىگە چىداپ ئوغلىنىڭ ئىنسابىنى تىلەپ ياش تۆكۈپ دۇئا قىلماقتا!!!
5- كۆرۈنۈش


بولۇشىغا ھاراق ئىچىپ مەس بولغان قىز،يول ياقىسىدىكى چىملىققا يىقىلدى،ياش تاكسى شوپۇرى ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇنى يۆلىمەكچى بولدى ۋە
بۇرنىغا ئۇرۇلغان كۈچلۈك ھاراق ھىدىدىن سەسكىنىپ قىزنى تاشلىۋەتتى ۋە ئۇنىڭ يۈزىگە شالاققىدە بىرنى تۈكۈرۈپ " ئېسىت!سەنمۇ ئۇيغۇر قىزى بولدۇڭمۇ؟ھەي... زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى" دېگىنىچە ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىتىپ قالدى.
6- كۆرۈنۈش

شەھەرگە تۇغقان يوقلىغىلى كىرگەن يېزىلىق ئايال، شەھەردىكى ئاۋات ئاشخانىغا كىردى،ئۇ يېرىم سائەت ساقلىغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا بىرپىيالە ئىسسىق چاي قۇيۇلمىدى،ئۇ بۇيرۇتقان موما سەيمۇ ئەكىلىپ بېرىلمىدى،ئايال ھارغىن قەدەملىرىنى سۆرىگىنىچە چىقىپ كەتتى.
7- كۆرۈنۈش

ئاتا بىلەن ئانا ئەمدىلا نەچچە ئايلىق بولغان موزاينى سېتىپ پۇلىنى يىراقتىكى ئوقۇۋاتقان
ئوغلىغا ئەۋەتتى،ئوغۇل پۇلنى ئېلىپلا دوستلىرى بىلەن " ئوۋ ئوۋلاش " قا چىقىپ كەتتى.
8- كۆرۈنۈش


رومال ئارتقان، ئورالغان بىر قىز دېسكوخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇياق- بۇياققا قارىۋىتىپ بېشىدىن رومالنى ئالدى، ئۇزۇن يوپكىسىنى سالدى،ئەمدى بۇ قىز چاچلىرى قىپقىزىل بويالغان،پادىچىلار ئىشتىنى كەيگەن مودا خېنىمغا ئايلاندى، ئادەمنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرىدىغان
كىيىملىرى پۇرلاپ سومكىغا سېلىندى. ھېچكىمنىڭ بۇ ئىككى قىياپەتتىكى قىزنىڭ بىر ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.
9- كۆرۈنۈش


دوختۇرخانىدا بىر ئاتا دوختۇرغا يالۋۇرماقتا : " دوختۇر ئۆتۈنۈپ قالاي،بالامنى ياتاققا ئالسىڭىز، ئۇ كارىدوردا يېتىۋاتقىلى ئىككى كۈن بولدى،بىزگە ئېچىڭىز ئاغرىسۇن ". دوختۇر چالۋاقىغىنىچە "
بوش كارىۋات يوق دېدىمغۇ" دەپ قويۇپ ماڭدى، ئۇ نەچچە قەدەم مېڭىشىغا ئېسىل ياسانغان بىر ئايال ئۇنىڭ يانچۇقىغا بىر كونۋېرتنى تىقتى، دوختۇر ھېلىقى كىشىنىڭ كۆزىچە ۋارقىرىدى " بۇ خانىمنىڭ
قېزىنى 17- كارىۋاتقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇڭلار!"
10- كۆرۈنۈش


كۆردۈممەن،كۆردۈڭسەن ئانا ئاھىنى، ئاتىنىڭ قايغۇسى،كۈلپەت-زارىنى. پەلەكنىڭ چاقلىرى تەتۈر چۆرگىلەر، نېمە ئىش بۇ زادى قانداق بولغىنى؟؟؟

مانا بۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ،مانا بۇ بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى ئاچچىق ھەقىقەتلەر!!!


مەنبە ساقلېۋالغانلېرىم

توردا
298سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
795 
تېما
49 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-7 13:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تېمىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ....
بۇنداق ئىشلار ھەقىقەتەن كۆپ ،بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە كىشلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمىشنىڭ ئايرىلماس بىرقىسمىغا ئايلىنىپ قالماقتا .....
سۆزلەپ كەلسەك تۈگىمەيدۇ .لىكىن دەل ئۇنىڭ ئەكىسچە ئىشلارمۇ نۇرغۇن .....
رەھمەت سىزگە ئەتتىگەندە مۇنبەرگە كىرىپ خۇش بوپ قالدىم دىسە نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزىلىپ قالمىسۇن.....

توردا
158سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
774 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-7 14:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى تەسۋىرلەنگەن ھەقىقەتلەركەن بۇلار

توردا
431سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2429 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-7 17:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەنىمۇ . ھەقىقەتىلەرنى ساقىلۋاپىسز . بۇ تىمىڭىزغا كۆپ رەخىمەت بۇنىدىن كىيىنمۇ داۋامىلىق يوللاپ تۇرۇڭ .

توردا
13سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
11 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-7 17:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئۆزۈمنى تۇتالمايۋاتىمەن....

توردا
109سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
791 
تېما
13 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-7 17:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . راس دەيسىز . بۇنىڭ ھەممىسى بىز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ تۇرىۋاتقان ، ئىچىمىز سىيرىلىۋاتقان ، ئەممە بىز كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئاچچىق ھەقىقەتلەر . ھازىرقى جەمىئەتتە بىز بۇنىڭغا ئىچىمىزدا ئۆكۈنۈش توردا ، ئادەم يوق كوچا كويلاردا ئىككى ئىغىز قايناپ تاشالايمىز خالاس .
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ، تەۋپىق ، ھىدايەت ئاتا قىلسۇن .

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-7 18:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇشۇنداق تۇرمۇش كارتىنىسى ھەمىمىزنى ساراسىمىگە سىلىۋاتىدۇ .

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1568 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-7 18:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مانا بۇ ھەقىقىي تۇرمۇش .............

توردا
197سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
822 
تېما

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-7 19:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راست،چىن ھەقىقەتلەر ...... كۆزىڭىز بەك ئۆتكۈركەن ھەم ئىپادىلەش كۈچىگە باي ئىكەنسىز جۇمۇ ....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 17:12

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.