ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › شېئىر نەسىرلەر › ئانىلار(مۇخەممەس)
كۆرۈش: 102|ئىنكاس: 4
go

ئانىلار(مۇخەممەس)

توردا
515سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
69 
يازما
2502 
تېما
328 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-30 17:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

بۇ ئالەمىنىڭ رىننىتى،ئىپىتىخارى ئانىلار،
گۈزەل ھايات پەسىلىنىڭ نەۋباھارى ئانىلار.
ۋاپا،مېھىر-شەپقەتنىڭ چىن ئىزھارى ئانىلار،
ئادىمىيىلىك،پاكىلىقىنىڭ كۈي-ئەشئارى ئانىلار،
مەۋجۇتلۇقنىڭ ئەڭ بۈيۈك تۆھپىكارى ئانىلار.

نەزەر سالساق،ھاياتقا تۆككەن تەرى ئاز ئەمەس ،
ئىنىسان قەلىبى مېھىرىسىز باھار ئەمەس، ياز ئەمەس.
ئەجرى بىلەن گۈزەللىك بەرپا بولغان-تۇرغان دەرىس،
ئۇلۇغلۇقتا،ھۆرمەتتە يېگانىدۇر مۇقەددەس،
ناۋا-كۈيلەر مەنبەسى،مەدەتكارى ئانىلار.

ھاياتلىققا گويا ئۇ ئىسىسىق قانغا ئوخشايدۇ،
مەۋجۇتلۇقىنىڭ تۈۋرۈكى قۇياش،نانغا ئوخشايدۇ.
ئېيقادتىن ھىد چاچقا گۈلىستانغا ئوخشايدۇ،
پاكلىق بىرلە نۇرلانغان نۇرسىتانغا ئوخشايدۇ.
قۇت-بەختىنىڭ خىسلەتلىك تىلتۇمارى ئانىلار.

پەرزەنىت ئۈچۈن ياشايدۇ پىدا قىلىپ جېنىنى.
بېغىشلايدۇ ھەم ئاڭا بارچە زېھىن،غېمىنى،
قان-تەرىدە ياشنىتار پەرزنىت قەلب بېغىنى.
تەقدىم قىلار بى ئارمان گۈزەل ياشلىق چېغىنى.
ھاياتلىقىنىڭ تەۋرىمەس پەرۋىشكارى ئانىلار،

كۈن-تۈنلىرى مېھنەتتە ئۆتەر تەمە-مىننەتسىز،
نى-نى ئازاپ-جاپالار چەكسىمۇ گەر پۈتمەس تىز.
جىسىمى پۇلات گوياكى،مېھىرى چوڭقۇر بىر دېڭىز،
تۇتيادۇر بىلىگەنگە ئۇ قالدۇرغان ھەر بىر ئىز،
چىن ۋاپانىڭ قورغانى-پىداكارى ئانىلار.

پەرزەنتىلەرگە پەرھىزدۇر ئانا ئەجرىن ئاقلىماق،
تامچە ئاق سۈت ۋەزننى دىل-يۈرەكتە ساقلىماق.
ھە ئېغىز سۆز-ھېكمەتنى ئەسلا تايماي ياقلىماق،
قۇتتۇر ئانا قەلبىدە چولپان بۇلۇپ چاقنىماق،
سەۋر-چىدام،غەيرەتنىڭ ھەق سەردارى ئانىلار.

ئۇلۇغ ۋەتەن ئېھ ئانا،نامىڭ بىلەن ئاتالغان،
دەريا،كۆللەر،ئېقىنلا نامىڭ بىلەن سانالغان،
زېمىن،ماكان،مەكتەپلەر نامىڭ بىلەن تارالغان،
يۇرت،ھۆر دىيار،ھەتتا تىل نامىڭ بىلەن باغلانغان...
ئىنىسانلىقىنىڭ ئەبەدىي غەمگۇزارى ئانىلار.

دەيمەن؛چىدام-غەيرەتتە تاغلار ساڭا قايىلىدۇر،
پەزىلەتتە-سۈلكەتتە باغلار ساڭا قايىلىدۇر،
ھۆرمەت،شانۇشەۋكەتتە تاڭلار ساڭا قايىلىدۇر،
ۋىسال كۈلۈپ خۇش باققان چاغلار ساڭا قايىلىدۇر،
بۇ ھاياتنىڭ دات باسماس زۇلپىقارى ئانىلار.

ئەنۋەر ئابلەت شەيدائى

توردا
434سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
47 
يازما
2444 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-30 18:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پاھ . شەمەرغۇ سىز دوسىتۇم . قاراپ بولىغىچە يىزىپ بوپىسىزغۇ . چاقىچاق .

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
33 
يازما
2152 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-30 18:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئانا نىمىدىگەن ئۇلۇغ ھە!

توردا
2سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
0 
يازما
6 
تېما
0 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-30 19:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-30 22:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئانىنى ھەر قانچە كۇيلىسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ ، بۇ دۇنيادا ئانا ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر . رەھمەت سىزگە ئەھمىيەتلىك تىماكەن ..................
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-22 23:10

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.