غىزالىنىش، قارىماققا، ئاددىي ئىش. قورساق ئاچقاندا قەيەردە، نېمە يېيىش ھەر كىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى. چۈنكى ھازىر ھەركىمنىڭ يانچۇقىدا پۇلى بار، ئاشپۇزۇل، رېستورانلارمۇ كۆپ. ئەمما، دائىم سىرتتا غىزالىنىشنىڭ ئائىلە تائام مەدەنىيىتىمىزگە، ئائىلە ئىناقلىقىغا، ئائىلە بەرىكىتىگە، ئۆز ئارا ھۆرمەت، مېھىر – مۇھەببەتكە كەلتۈرۈۋاتقان زىيانلىرى، يوقىتىۋاتقان ئەنئەنىلىرىمىزنى ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. بىزدە «ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈڭ ياخشى...» دەيدىغان گەپ بار. چۈنكى، ئۆي دېگەن شۇنداق ئۇلۇغ ماكانى، ئاشۇ كىچىككىنە ماكاندا ئارزۇ – ئارمانلىرىمىز، قايغۇ-شادلىقىمىز، ئاچ –توقىمىز ھەل بولىدۇ. ھەممە مېھىر-مۇھەببەت، راھەت-پاراغەت، ئازادىلىك، ھۇزۇر – ھالاۋەت شۇ ماكاندا ھاسىل بولىدۇ. شۇڭا، بىز ھەرقانچە كاتتا سورۇندا، ھەرقانچە ئالىي ئېھتىرام بىلەن كۈتۈلسەكمۇ، يەنىلا ئۆيىمىزنى سېغىنىمىز، ئۆيىمىزدە ئۆزىمىزنى ئازادە ھېس قىلىمىز. ئۆيىمىز بىزگە ھەرقانداق ئېسىل سورۇندىن، كاتتا مېھمانسارايدىن ئىللىق، يېقىملىق تۇيۇلىدۇ. ئىناقلىق تەرتىپلىك، بەرىكەتلىك، پىلانلىق، ئېدىتلىق ئائىلىنىڭ بەلگىسى. بۇ يەردە مەن ئۆينىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا ئاتا قىلىدىغان باشقا خاسىيەتلىرى ھەققىدە ئەمەس، ئائىلىدە ئۈچ ۋاق قازان قايناپ، ئائىلە ئەزالىرى دەرقەمدە ئولتۇرۇپ غىزالىنىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختالماقچى. ئۆي تائاملىرىمىزنىڭ ئۆزگىچە تەملىك، مەزىلىك بولۇشى چېۋەر، چاققان، تۆشۈكى پاكىز خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئەقىل-ئىدراكى، پەم-پاراسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئائىلىدە ئائىلە ئەزالىرى دەرقەمدە غىزالىنىش ئەلمىساقتىن ئائىلىۋى گۈزەل ئەخلاقنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپ كەلگەن. ئەمما، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېچىلىۋاتقان ئالىي رېستوران، ھەشەمەتلىك ئاشپۇزۇللار، ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك تەرەققىياتى ئائىلە ئەخلاقىنىڭ بۇ مۇھىم مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىۋەتتىمۇ ياكى خانىم-قىزلىرىمىزنى ھۇرۇن قىلىۋەتتىمۇ، ئەيتاۋۇر، ھەممىمىز سىرتنىڭ تامىقىغا يۈگۈرىدىغان بولۇۋالدۇق. نەتىجىدە ئاددىيسى خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ تاماق تەييارلاشتىكى پەم-پاراسىتىمۇ نابۇت بولماقتا. بۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى، ئۈچ ۋاق غىزالىنىشتا ئەر – خوتۇننىڭ دېگىنى بىر يەردىن چىقمىغاچقا، ئەرلىرىمىز سېغىنغان تاماق ئائىلىدە پىشمىغاچقا، نەدە كۆڭۈل تارتقان غىزا بولسا، شۇ يەرگە بارىدىغان ياكى ئەر-خوتۇن مۇشۇ تۈپەيلى جېدەل-ماجىرا قىلىپ، نىكاھ سوغۇقچىلىقى بولىدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىپ قالدى. ئائىلە ئەزالىرى بىر داستىخاندا دەرقەمدە تاماق يېسە، بالىلار ئۆينىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، ياخشىلىقىنى ھېس قىلىدۇ، بىر-بىرىگە مەسئۇل بولۇشنى، ئائىلىگە كۆيۈنۈشنى، ياخشى نەرسە تاپقاندا تەڭ يېيىشنىڭ لازىملىقىنى ئۆگىنىدۇ، ئاتا-ئانىسىنىڭ جاپاسىنى، ئۆزلىرىگە بولغان مېھرىبانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چۈشىنىدۇ، بالىلارنىڭ ئالدىغا ۋاقتى – ۋاقتىدا تاماق قويالىغان ئانىمۇ بالىلارنىڭ، ئېرىنىڭ كۆزىگە پەرىشتىدەك كۆرۈنىدۇ. بالىلار ئۆيىدە تاماق يەپ مەڭزىنى قىزارتىپ ماڭسا، قورسىقى ھەم كۆزىمۇ توق چوڭ بولىدۇ. ئەرلەر ئۆيدە تاماقلىنىشقا ئادەتلەنسە، قورسىقى ئاچقان ھامان ئۆينى تاپىدىغان، سىرتنىڭ تامىقى تېتىمايدىغان، خوتۇنى كۆزىگە ئىللىق كۆرۈنىدىغان بولىدۇ. ئائىلە ئەزالىرى مۇشۇنداق قائىدە بويىچە ياشىغاندا بالىلار مېھىر – مۇھەببەتلىك، تەرتىپلىك، ئائىلىنىڭ پىلانى بويىچە ئىش كۆرىدىغان، بارغا شۈكرى، يوققا قانائەت قىلىدىغان بولىدۇ. ئەرلەر ئائىلە ئەزالىرى بىلەن داۋاملىق بىللە بولۇپ ئۆتكەچكە، خوتۇن، بالىلىرى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ھېس قىلىدىغان، سىرتلاردا بەتخەجلىك قىلمايدىغان بولىدۇ ۋە باشقا ئېگىز – پەس ئىشلاردىن نېرى تۇرىدۇ. ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق يىللىق تارىخىي مەدەنىيەت جەريانىدا، تائام مەدەنىيىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ كەلگەن. ئانىلىرىمىز بۇ جەھەتتە ئاجايىپ ئېسىل ئۈلگىلەرنى ياراتقان. بۈگۈنكى خانىم-قىزلىرىمىز ئەنە شۇ ئانىلىرىمىز پەرۋىشلەپ ئۆستۈرگەن گۈل دەستىلەر تۇرۇپ، ئۇلۇغ ئانىلىرىمىز ئۆگەتكەن تۆشۈك قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرمىسا، شۇ سەۋەبلىك ئاياللارنىڭ كۆڭلى يايراشقا تېگىشلىك بولغان قازان باشلىرى غېرىبسىنىپ قالسا، ئەرلىرىمىز كۆڭلى تارتقان تاماق بار يەرلەردە تاپقىنىنى سورۇپ يۈرسە، ئارزۇلاپ، ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلىۋاتقان ئاجىزەلىرىمىز ئانا بولغۇچىلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەتمەسلىكى، يېتەكلىمەسلىكى سەۋەبلىك كىشىنىڭ ئۆيىگە كېلىن بولۇپ بارغاندا قازان بېشى، قاچا -قومۇچ بىلەن يېقىنلىشالماي، ئېرى ۋە قېيىنئاتا، قېيىنئانىسىنىڭ ئالدىغا مەزىلىك بىر قاچا تاماق قويالماي سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىسا، كىمنىڭ كۆڭلى يېرىم بولمايدۇ؟! مەلۇمكى، خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ تائام تۈرلىرىمىزنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇش، تېخىمۇ موللاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتى، مەجبۇرىيىتى بار. چېۋەر، پاكىز قوللىرىمىز بىلەن لەززەتلىك تاماقلارنى ئېتىپ، بالا-چاقىلىرىمىزنى ئۆيگە جەم قىلايلى! بۇ دۇنيانىڭ جەننىتى بولغان ئائىلىمىز ئىللىسۇن!
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا world تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-20 16:34
|