ھەممە ئىشنىڭ تەبىئىي بولغىنى ياخشى
بىر كۈچۈك توختىماستىن ئۆزىنىڭ قۇيرۇقىنى قوغلاپ چۆرگىلەپ، ئاخىر ھېرىپ يېتىپ قاپتۇ.
يەنە بىر ئىت ئۇنىڭدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپتۇ. كۈچۈك: «دوستۇم، ماڭا ئېيتىپ بەرگىن، ناۋادا مەن ئۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىنى قوغلىيالىسام، مەن مەڭگۈلۈك بەخت ۋە خۇشاللىققا ئېرىشەلەيمەن، شۇنداقمۇ؟ شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىنى قوغلاپ ھېرىپ قېلىۋاتىمەن» دەپتۇ. ئىت كۈچۈكنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ خۇرسىنىپتۇ ھەم: «مەنمۇ بىر چاغلاردا مۇشۇنداق قىلىپ ساڭا ئوخشاش ھېرىپ – چارچاپ كەتكەنىدىم. مەن خۇشاللىق ۋە بەختنى قوغلاپ يۈرگەن چېغىمدا ئۇ مەڭگۈ مېنىڭ ئالدىمدا ئەمەس ئىكەن، دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، مەن ئەتەي خۇشاللىق ۋە بەختنى قوغلاشمىغان چېغىمدا، ھەممە ئىشلار تەبىئىي بولغان چېغىدىلا، ئاندىن بەخت بىلەن خۇشاللىقنىڭ تۇرمۇشۇمدا ماڭا ھەر ۋاقىت ھەمراھ ئىكەنلىكىنى بايقىدىم» دەپتۇ.
ھېكمەت: بەخت ۋە خۇشاللىق ئەسلىدىنلا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مۇھىمى، بىزنىڭ ئۇنىڭدىن قانداق ھۇزۇرلىنىشىمىزدا. نۇرغۇن كىشى ھەر كۈنى دېگۈدەك نام - ئاتاق ۋە ماددىي جەھەتتىكى ھۇزۇرلىنىشنىلا ئويلاپ يۈرسىمۇ، لېكىن يەنىلا بەخت ۋە خۇشاللىققا ئېرىشەلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بەخت ئىچىدە تۇرۇپ، بەختنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىگەنلىكتۇر. بەخت بىلەن خۇشاللىققا قارىغۇلارچە قوغلىشىش ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولامدۇ؟ ياق، ئۇنداق ئەمەس، ھەممە ئىشنىڭ تەبىئىي بولغىنى ياخشى.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
|