ئىزمۇنبىردە مەشرەپ بار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئىز مۇنبىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرۋاتقان بىكەت باشلىقى، باشقۇرغۇچىلار،ئىزمۇنبىرىنى قوللاپ كەلگەن ئەزىز بارلىق قېرىنداشلار،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى مول مەزمۇنلۇق بىلىملىرى بىلەن ،مۇنبەرنى رەڭدارلىققا ،ۋە جەلىپكارلىققا ئىگە قىلغان ھەر خىل تىيما ئىنكاسلاردىن ھوزۇر بىرىپ كەلگەن بىلىمگە تەشنا قەلىبلەرنى ئابى ھايات كەۋسەۋلىرى بىلەن سۇغۇرۋاتقان مۇنبەر ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق قېرىنداشلار ،ھەممىڭلارغا مەن فاتىمەدىن ئەڭ ئالى ئىھتىراملار بىلەن قىزغىن سالام.
مەن يەنە ئىز تورى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەجرى ئارقىلىق ئىز تورى ئىز مۇنبىرنى بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتلارغا ئىرىشتۈرگەن بىكەت باشلىقى sql ئەپەندىم ،ئالىمجان ئەپەندىم ۋە ئىز تورى مۇنبەر ئىشخانىسىدىكى بارلىق جاپاكەش باشقۇرغۇچىلار ئارقا سەپ خىزمەتچىلىرگە ۋاكالىتەن تۇرمۇشىڭلارغا بەخىت ،خىزمەتلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن. كەلگۈسى يۇلىڭلار تېىخىمۇ پارلاق داغدام بولسۇن.ھەممىڭلارغا بەخىت ئامەت مەڭگۈ يار بولسۇن.
بىرىنچى قېتىملىق مەشرەپ پائالىيتى تۇنجى كۇچار مۇنبىردە ناھايىتى داغ-دۇغلۇق بىلەن ئۆتكۈزۈلۈپ مەشرەپكە ھېرىسمەن ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشتى. ۋە مەشرەپ پائالىيتىنىڭ مۇنبەرلەر ئارا يۈزلىنىشىگە داغ-دام يول ئېچىپ بەردى. مەشرەپ گۈل چېيى قولدىن-قولغا ئۆتۈپ ئىككىنچى قېتىملىق مەشرەپ گۈل چېيىنى قۇياش مۇنبىرى ئالدى.ۋە، ناھايىتى كاتتا ھەيۋەتلىك داغ-دۇغا بىلەن قۇياش مەشرىپى ئۆتكۈزۈپ بەردى. بىز ئىزمۇنبىرى قۇياش مۇنبىردىن ئۈچۈنچى قېتىملىق مۇنبەر مەشرەپ گۈل چېيىنى ئۆتكۈزۋالغاندىن كىيىن بارلىق ئىز تورى،مۇنبىردىكى قېرىنداشلار بۇنىڭدىن تۇلىمۇ سۈيۈندۈق، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىز تورى مۇنبىردىكى بارلىق تورداشلار بۇ قېتىمقى ئىز مۇنبىردە ئۆتكۈزلىدېغان ئىز مەشرىپىگە تەكلىپ قىلدېغان،كۇچار مۇنبىرى،قۇياش مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلارغا ئەڭ ئالى سالام يوللايمىز.كىلەر قېتىملىق ئىز مەشرىپىگە ۋاقتىدا قاتنىشىپ بېرىشىڭلارنى چىن كۆڭلىمىزدىن تەكلىپ قىلىمىز.
مەشرەپ بىلەن باشلاندى دوسلۇق، قولدىن قولغلارغا ئۆتۈپ گۈل چاي. ئەنئەنمىز مەڭگۈ داۋاملاشسۇن، مۇنبەر ئارا ئېيتىشىپ ۋاي-ۋاي.
مەشرەپ پائالىيتى باشتىكى مەشرەپنىڭ قائىيدىسى بۇيچە 3 ئاينىڭ 30 كۈنى چارشەنبىگە ئۇرۇنلاشتۇردۇق ،ھەممىڭلارنىڭ ۋاقتىدا خەۋەر تېپىپ ئىز مەشرىپىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ بىرشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
تۇنجى قېتىملىق مەشرەپ 3 ئاينىڭ 2 كۈنى (چارشەنبە)كۇچا مۇنبىردە ناھايىتى ئۆزگىچلىك بىلەن كاتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.ئىككىنچى قېتىملىق مەشرەپ 3 ئاينىڭ 16 كۈنى يەنى (چارشەنبە ) قۇياش مۇنبىرىدە ناھايىتى داغ-دۇغا بىلەن كاتتا ھەيۋەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق ئىز مەشرىپىنىمۇ ئالدىنقى ئىككى مۇنبەردىن ئۆلگە ئېلىپ يىڭىچە ئۇسلۇپ بىلەن كاتتا ئۆتكۈزۈشكە بارلىق كۈچىمىز بىلەن تىرشىمىز.ھەر قانداق كونا يىڭى ئەزالارنىڭ مەشرەپكە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز.
ئەمسە ئىز مەشرىپىنىڭ مەشرەپ باغىقى ھەممىڭلارغا كەتتى. ھۆرمەتلىك خۇش چىراي خانىم قىزلار. ھۆرمەتلىك قەيسەر باتۇر تاغنى تالقان قىلغۇدەك كۈچى بار جاسارەتلىك ئەپەندى يىگىتلەر. سىزلەرنى 3 ئاينىڭ 30 كۈنى ئۆتكۈزىلىدېغان ئىز مۇنبىرمىزنىڭ مەشرەپ چېيىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىمىز. ھۆرمەت: بىلەن ئىزمۇنبىرى. ھەممىڭلارنىڭ ۋاقتىدا قاتنىشىپ بىرشىڭلارنى چىن كۆڭلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن. مەشرەپ ئورنى :ئىز مۇنبىرى
تور ئادىرسىمىز /bbs/ سەمىڭلاردا بولسۇنكى ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت. مەشرەپ پائالىيتىنى يەنە داۋاملاشتۇردېغان مۇنبەرلەر بولسا مەشرەپكە ۋاقتىدا قاتنىشىپ مەشرەپ گۈل چېينى ئۆتكۈزىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-27 00:47
|