ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر يـــۈرىگـــىم ســۇ
كۆرۈش: 104|ئىنكاس: 6
go

يـــۈرىگـــىم ســۇ

Rank: 8Rank: 8

توردا
213سائەت 
نادىر تېما
10 
دوست
40 
يازما
417 
تېما
33 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 15:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

يۈرىكىم سۇ
چىمەنگۈل ئاۋۇت


پەشتاقتىن ئاۋايلاپ چىقىۋاتىمەن،
لېفىتنىڭ ئىشىكىدە تۇرغۇم كەلمىدى.
يامغۇردا ھۆل بولغان نەمخۇش چاچلىرىم،
ئورماندۇر ئاھ لېكىن بۆرە كەلمىدى.


سومكامنىڭ بېغىنى چىڭ تۇتقان قولۇم،
ئىسسىق بىر تىترەكنى قالماقتا تۇيۇپ.
ئەتىرگۈل شېخىغا ئوخشايدۇ كۈلەر،
مەن بەلكىم ياشايمەن تىكەنلا يۇلۇپ.


لېۋىمنى بوش چىشلەپ ئالدىممەن نەپەس،
تاملارغا قاراشتىن قوقتۇم ئۆزەمچە.
ئويلۇدۇم كۆزۈڭنىڭ زۇلمەتلىرىنى،
سەھەر ئۇ ھەرگىزمۇ ئەمەستۇر كېچە.


نەچچىنجى قەۋەتكە چىقتىمكىن ھازىر،
كۇنگىردىن ئىللىق نۇر پەشتاققا چۈشتى.
ئۇزۇندىن چاڭ باسقان كىچىك بىر چىراغ،
ئۇھ ،مېنى كۆرۇپلا تۇيۇقسىز ئۆچتى .


جايىمدا نېمە دەپ تۇرۇپ قالدىمكىن،
ساقىدى چېچىمدىن ئاسماننىڭ يېشى.
مەن بايا ئوتلىغان بىر پىيالە چاي،
سوۋىدى ئىشخانىدا بەلكىم شۇ پېتى.


كارىدور شۇقەدەر تىنىچ بەك تىنىچ،
پەشتاقتىن لەيلىگەندەك چىقىۋاتىمەن.
ئەينەككە قارىۋالدىم يەنە بىر قېتىم،
پىلسىرات كۆۋرىكىدىن ئۆتىۋاتىمەن.


سەن ئامراق رەڭمۇ ھەي بۇ ئەمەس ئىدى،
قارىدىم ئۇچامدىكى قارا كىيىمگە.
چېچىمنى تۈزەشتۈردۈم تىرنىقىم بىلەن،
قان نەدى يۇقتىكىن قاچان لېۋىمگە؟


يامغۇرنىڭ توختىغۇسى يوقتۇر تېخىچە،
پۇخادىن چىققۇدەك راسا كېرىلدىم.
سەزدىممەن تۈگمەمنىڭ ئۈزۈلگىنىنى،
بىرتال غۇنچىدەك قات-قات يېرىلدىم.


ئىشىكنى ئاچتىڭسەن باغرىڭ بىلەن تەڭ،
كۆزۈمگە سۇس تارتقان سۈرمەم ئىرىدى.
قۇشلارنىڭ ناۋاسى ئۆچتى ئورماندىن،
قاي سەۋەپ ئاھ بۇنى ھېچكىم بىلمىدى.


يۈرىكىم سۇ بولدى قۇرىدى دەريا،
ئالقىنىڭ ئارىسىدا يۈزلىرىم ئاسمان.
نەزىرىم يەردىكى قىلىچتا قالدى،
يالمىدى پەريادىمنى لالىرەڭ تۇمان.

[wmv=1]http://images.shaitai.com.cn/Images/lypf/2010622/2010622-634128098784468750_BGSOUND_.mp3[/wmv]


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xatay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-7 15:20

دىل ئازار ، خۇدا بىزار

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
310 
تېما
24 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 15:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن .ناھايتى ياخشى يېزىپسىز ؟ كوپ رەخمەت

توردا
124سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
582 
تېما
57 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 16:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شىئىېرىڭىز ماڭا بەك ياراپ كەتتى-

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
310 
تېما
24 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 16:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش BARNA1 نىڭ يازمىسى

يۇ رەكلىرىڭىز ئېقىپ كەتمىگەندۇ؟

توردا
271سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
904 
تېما
149 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 17:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق ياخشى يېزىلىغان شىئىركەن ئەجەپ زوق بېغىشلىدا ئادەمگە

توردا
434سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2444 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 23:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخىشى شېئر ئىكە ن . ئىلھامىدىگەن بار يەردە بار دە . داۋامىلىق يوللاپ تۇرۇڭ . نادىر تىمىلىزغا تەشىنا ئىز .

توردا
124سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
582 
تېما
57 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-8 01:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش savdayi نىڭ يازمىسى

بۇ نىمە گەپ ئەمدى.يۇركۇم نەگە ئاقاتتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-22 23:06

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.