ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › ئەدەبىي يازمىلار › قېرنىداشىلار ئارا ئىناق ئۆتۇش ئەخىلاقى

      

كۆرۈش: 50|ئىنكاس: 3
go

قېرنىداشىلار ئارا ئىناق ئۆتۇش ئەخىلاقى

توردا
434سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
47 
يازما
2444 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 18:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تۆھىمەت بىلەن قاماققا ئېلىنىغان ئۇچ گۇناھىكارنى قازىكالان ئۆلۇمىگە ھۆكۈم قىلىپ ، پادىشاھنىڭ ئالىدغا روبىرو قىپىتۇ . قائىدىگە ئاساسەن ، ئۆلۇمىگە ھۆكۇم قىلىنىغان گۈناھىكارلارغا ئۇرۇق - تۇققانىلىرى بىلەن ئاخىرىقى قېتىم كۆرۇشىۋېلىش ھوقۇقى بېرىلگەنىلىكى ئۈچۈن ، پادىشاھ گۈناھىكارلارنىڭ چوڭىراقىدىن سوراپىتۇ .
- سېنىڭ قانىداق تۇققانىلىرىڭ بار ؟
-خۇتۇنۇم بار ئىدى . بەلىكىم ئۇ ھازىر جانابىڭىزىنىڭ ئوردا دەرۋازسى ئالىدىدا تەلىمۇرۇپ تۇرغان بولسا كىرەك .
- سېنىڭىچۇ - دەپتۇ پادىشاھ ئوتتۇرا ياشلىق گۇناھكاردىن.
-ئانام بار ئىدى.-دەپتۇ ئۇ مەيۈس ھالدا.
-ياخشى،سېنىڭىمۇ تۇققانلىرىڭ باردۇ؟-دەپ سوراپتۇ پادىشاھ ئەڭ ياش گۇناھكاردىن.
-مېنىڭ ئاتا -ئانام يوق،-بۇ دۇنيالىقىتا بىرلا ئاچام بار،-دەپتۇ ياش گۇناھكار
پادىشاھ بۇ گۇناھكارلارنىڭ تۇققانلىرىنى چاقىرىشىنى بۇيرۇپتۇ.پادىشاھنىڭ ئالدىغا بىرنىچى بولۇپ چۈمبەل ئارتىقان بىر ئايال كىرىپ ئولتۇرۇپتۇ.ئاردىن خېلى ۋاقىت ئۆتۈپتۇ،لېكىن يەنە ھېچكىم كەلمەپتۇ، شۇ چاغدا پادىشاھ:
-بۇ ئايال قايسىڭلارنىڭ قېرىندىشى ؟- دەپ سوراپىتۇ ئۇلاردىن:
-مېنىڭ خوتۇنۇم شۇ ئايال ئىدى.-دەپتۇ چوڭ ياشلىق گۇناھكار.
-سېنىڭ ئاناڭ كەلمەيدىغۇ؟-ئوتتۇرا ياشلىق گۇناھكاردىن سوراپتۇ پادىشاھ.
-خان ھەزرەتلىرى،مۇشۇ ئايال ئانام بولىدۇ،
-دەپتۇ ئۇ.
-ئەجەپ ئىش دەپتۇ پادىشاھ كىچىك گۇناھكارغا قاراپ،سېنىڭچۇ؟،ئاچام بار دېگەن ئىدىڭغۇ؟
-ھە،شۇدانداق شاھىم،ئاشۇ ئايال مېنىڭ ئاچام بولىدۇ،-دەپتۇ كىچىك گۇناھكار كۆزى بىلەن ئايالنى ئىما قىلىپ.پادىشاھ ئويلىنىپ قاپتۇ."دېمەك،ئۈچلىسى قان-قېرىنداش ئىكەن.بۇ ئايال بىر يولى ئۈچ نەپەر جىگەر پارىسىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان بوپتۇ.بۇ ئىش ئىنىساپتىن بولمىسا كېرەك"دېگەن خىيال ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئاز-تولا مېھىر-شەپقەت ھېسىنى ئويغىتىپتۇ.
-ھەي بۇزرۇكۋار ئانا،قېرىنداشلىرىڭىنىڭ گۇناھى ئېغىر لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ئەپۇ قىلىماقچىمەن،بۇ ئۈچىدىن بىرنى تاللا،شۇنى ئۆلۈمدىن ئازاد قىلاي،-دەپتۇ پادىشاھ.
ئايال ئىنىتايىن ھەيران ۋە قىيىن ئەھۋالدا قاپتۇ، مۈرىلىرىنىڭ سىلىكىنىشىدىن ئۇنىڭ ئۆرتۈنۈپ يىغىلاۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇرۇپتۇ،ئۇ، گويا ئۈچ ئوت ئوتتۇرىسىدا كۆيگەندەك بوپتۇ.بىچارە قانداق قىلىسۇن؟بىر-بىردىن شېرىن،بىر-بېردىن قەدىرلىك قېرىنداشلار تۇرسا.ئاخىرى ئايال تەقدىرىگە تەن بىرىپ ،ئۆزىنى بىر تۇتۇۋاپتۇ:
-شاھىم،شۇنچىلىك مەرھەممەت ۋە ئىلىتىپاتلىرىغا قۇللۇق،دۆلەتلىرى زىيادە بولسۇن،ئەگەر مۇمكىن بولسا،ئۇكامنى ئازاد قىلسىلا.
ئۆز پىكىرچە بۇنداق تەلەپنى زادى كۈتمىگەن پادىشاھ:
-نېمە ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئوغلۇڭنى ياكى سۈيۈملۈك ئېرىڭىنى تىلەپ ئالمايسەن؟-دەپ سوراپتۇ.
-شاھىم،-دەپتۇ ئايال خېلى دادىللىشىپ،
-ئەتە ياكى ئۆگۈن بىر ئەرنىڭ پېشىنى تۇتسام،يەنە ئەرلىك بولالايمەن.سەۋەب قىلىسام خۇدايىم پەرزەنىت ئاتا قىلار.لېكىن ئاتا-ئانام ئاللىبۇرۇنلا ئۆلۈپ كېتىشىكەن،شۇڭا ،مەن ھېچقاچان ئۇكا تاپالماسلىقىم ئۆزلىرىگە ئايان.
ئايالىنىڭ جاۋابىدىن پادىشاھنىڭ دىلى مومدەك ئېرىپتۇ ۋە قەلبى دولقۇنلىنىپتۇ.ئاچىنىڭ ئەقىللىقىلىقى،ئۆز ئۇكىسىغا بولغان مېھىر- مۇھەببەتنىڭ ماگىنىتى پادىشاھنىڭ كۆڭلىنى شەپقەت تۇيغۇللىرى بىلەن تولدۇرۇپتۇ. مېھىرىبان ئايالنىڭ شەپقەتلىك قەلىبىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن،پادىشاھ ئۈچلى گۇناھكارنى ئۆلۈم جازاسىدىن ئازاد قىپىتۇ.ئاقىل ۋە مېھرىبان ئايالىنىڭ خانىدانى شات - خۇرامىلىققا تولۇپىتۇ . قېرىنىداشىلىق مېھرىنىڭ ئاقىۋېتى ، ساداقىتى ۋە ئەقىل- پاراسىتى كىشىلەرىگەئۆمۇرلۇك ئىبىرەت بولۇپ قاپىتۇ .
مەنبە ؛قىز - ئاياللار ئەخىلاقى دىگەن كىتاپىتىن ئېلىنىدى

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
20 
يازما
713 
تېما
114 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 18:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توغرا ئىيتىسىز .. بۇ دۇنيادا قىرىنداشلىق مېھرىدىن ئارتۇق مېھىر - مۇھەببەت بولمىسا كېرەك ... لېكىن ھازىر قىرىنداش دىمەستىن سىتىۋىتىدىغان ئىشلارمۇ يوق ئەمەس .... بەك ياخشى تىما ئىكەن .. ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر ....

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 19:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك تەسىرلىك ئىكەن . ھازىر بۇنداق قىرىنداشلار بەك ئاز تىپىلىدۇ . تىخى بەزىلىرى مىراسىت تالىشىپ بىر _ بىرىسىدىن جۇدا بولۇشۇپ كىتىدۇ .

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
33 
يازما
2152 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-18 10:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەزى ھايۋاندىن ئۆتەر ئىنسانلارمۇ بار ئۆزىنىڭ قىرىندىشىنى پۇل مال- دۇنيانى دەپ سىتىۋىتىدىغان، بۇ تىمىڭىز ھەممىىمىزگە ئۈلگە بولغۇسى ، ھارمىغايسىز.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-22 23:06

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.