- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-15
- تىزىملاش
- 2011-3-17
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 40سائەت
- جۇغلانما
- 1687
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 313
- تېما
- 109
- توردا
- 40سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 6
- يازما
- 313
- تېما
- 109
|
يېقىندا ئىقتىسادى ئەھۋالى خىلى ياخشى بىر دوستۇم بىلەن بالىلار تەربىيسى ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇ ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ، لىكىن بالىلىرىنىڭ ياخشى تەربىيلەنمىگەنلىكى توغرىسىدا زارلىنىپلا سۆزلەپ كەتتى . كىيىن ھىلىقى دوستۇمنىڭ بالىسى بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالدىم . مەن بالىدىن<< ئائىلەڭلارنىڭ تۇرمۇشى شۇنداق ياخشى تۇرسا ، نىمە ئۈچۈن سەن مەكتەپتە ياخشى ئوقىمايسەن، بۇنداق قىلساڭ ئاتا- ئاناڭغا يۈز كىلەلەمسەن >> دېدىم . لىكىن ھىلىقى بالىنىڭ مۇنداق چوڭقۇر مەنىلىك پىكىر قىلىشىنى نەدىن بىلەي. بالا گىپىنى مۇنداق باشلىدى.
<< ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى ،دادام تىجارەت قىلىپ خىلى پۇل تاپتى . لىكىن مەن بۇ پۇللاردىن بەك سەسكىنىمەن ، پۇلىمىز بولمىسىكەن دەپ ئويلاپ قالىمەن. نىمىشقا دېمەمسىز؟ دادام يۇرتمۇ - يۇرت يۈرۈپ تىجارەت قىلىدۇ. بانكىدا نۇرغۇن پۇلىمىز بار ئىكەن. لىكىن دادام بىزنىڭ تەربىيلىنىشىمىز ئۈچۈن پەقەت پۇل سەرىپ قىلمايدۇ. ئاددىسى يىل بويى بىرەر كىتاپ ئىلىپ بەرمەيدۇ. گېزىت-ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇشقا يول قويمايدۇ. ھەتتا مەۋسۈمدە بىر تاپشۇردىغان كىتاپ پۇلىنىمۇ ۋاقتىدا بەرگىلى ئۇنىمايدۇ. ئۆيدە قولىمىزغا كىتاپ ئالغىنىمىزنى كۆرگەن ھامان ئاچچىقلاپ كىتىدۇ . دائىم مەن سەندەك ۋاقتىمدا ئۇنداق جاپا تارتقان ،مۇنداق ئىشلىگەن،سەنلەر بولساڭ ياخشى ئوقۇمىدىڭ، نەتىجەڭ تۆۋەن ، مىنىڭ تاپقان پۇلۇم سەنلەرنىڭ قولىدا ۋەيران بولىدىغان بولدى دەپ قاقشايدۇ. ئەمما ئۆزى تەربىيلىنىشىمىز ئۈچۈن قىلچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئائىلىگە كومپىيۇتىر دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىلىش خىيالىدىمۇ يوق... دەپ تارام -تارام ياش تۆكتى. ئويلاپ باقسام دوستۇمنىڭ قاقشىشىدىن بالىسىنىڭ ۋەزىنى ئېغىردەك تۇرىدۇ. بىز دائىم باللارغا بولغان تەربىينى ئۇنداق ئىشلەش كىرەك . بۇنداق ئىشلەش كىرەك. ئەخلاقى تەربىينى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كىرەك . بالىلارنى پۇلغا كۆندۈرۈپ قويماسلىقىمىز لازىم دېگەنگە ئوخشاش تەشەببۇسلارنى كۆپ قىلىمىز ،لىكىن باللار تەربىيسىگىمۇ باشقا تۈرلەرگە مەبلەغ سالغانغا ئوخشاش ئىقىتىسادى مەبلەغ سىلىشنى ئويلاپ باقمايمىز . پەقەت بالىلارنى سۆز ، تەربىيە بىلەنلا ئەخلاقلىق ، ،ئەقىللىق قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ دەپ قارايمىز . ھازىرقى ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا بالىلارغا خاس ئاغزاكى تەربىيە ئىشلەشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدىغاندەك قىلىدۇ . چۈنكى ھازىر قى << دەۋر ئىقتىسادى رىقابەت دەۋەرى، جەمىيەتتىكى نۇرغۇن نەرسىلەر پۇل بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، بالىلارغا كىتاپ - ماتىرىيال ئىلىپ بەرمىسەك ، كىنو ،تېلىۋېزۇر كۆرۈشكە يول قويمىساق، تەنتەربىيە - چىنىقىشقا ئائىت سايمانلارنى ئىلىپ بەرمىسەك،كومپىيۇتىرغا ئوخشاش ئىلغار تۇرمۇش ۋاستىلىرى بىلەن ئۇچىرشىش ئىمكانيىتگە ئىگە قىلمىساق، ئۇھالدا بالىلاردا مەنىۋى جەھەتتە قۇرغاقلىشىش،ماددى جەھەتتە يىتىمسىراش ، ئۈمىدسىزلىنىش ھادىسلىرى كۆرۈلىدۇ . ئۇنداقتا بۇنداق پۇل تاپقاننىڭ نىمە پايدىسى؟ بىز پۇلنى بالىلار ئۈچۈن ئائىلىمىزنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشى ئۈچۈن تاپىمىز . ئەلۋەتتە پۇل تاپقان ئىكەنمىز مەدىنىي تۇرمۇش كەچۈرشىمىز ، بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىقتسادى جەھەتتىن ئۇلارغا ياردەم بىرىشىمىز كىرەك . ئادەتتە ئەقلىي ئىقتىدارمۇ ماددىي ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. ئەقىلىي ئىقتىدارى ياخشى،تەبىئي يوشۇرۇن قابىلىيىتى يۇقىرى بالىلارغىمۇ ياخشى تەربىيلىنىش شارائىتى يارتىپ بېرىلمىسە ،مەلۇم تەربىيلىنىش ۋاستىلىرىغا ،ماددىي ئاساسقا ئىگەبولمىسا ئىقتىدار ئۇزاققىچە داۋام قىلالمايدۇ. تۇرمۇشتا بىز يەپ- ئىچىشكە ،ئىسىل كىيىم -كىچەك ،زىبۇ -زىننەت،گىرىم بويۇملىرىغا ،مىھمان چاقىرىشقا ،توي ،نەزىر -چىراغ ئىشلىرىغا،سەيلى- ساياسەتكە ھېچ ئىكىلەنمەيلا مەبلەغ سالىمىز ، لىكىن بالىلار تەربىيسى، بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا كەلگەندە پىخسىقلىق قىلىمىز . شۇڭا بىز پەرزەنتىلىرىمىز كەلگۈسىدە جاپا تارتىپ قالمىسۇن ،بەختىلىك تۇرمۇش كەچۈرسۈن ،ئىقتىدارلىق ئادەم بولسۇن دەيدىكەنمىز ئۇ ھالدا پەرزەنتىلىرىمىزنىڭ ھەر جەھەتتىن تەربىيلىنىشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ مەبلەغ سالايلى. بالىلار پىشىشپ يېتلىگەن ياخشى مۇھىتتا تەربىيلەنسە ئاندىن ھەقىقىي تەربىيگە ئىگە بولالايدۇ . ماددىي ۋە مەنىۋىي ئاساسقا ئىگە بولغان بۇنداق تەربىيىنىڭ ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى بولىدۇ .
مەنبە _ << پەن ۋە تۇرمۇش >> ژۇرنلىدىن ئىلىندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا summayya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-12 20:17
|
|