ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ھىكايە،رومان،پوۋىستلار قەلبىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم كىم
كۆرۈش: 262|ئىنكاس: 8
go

قەلبىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم كىم

توردا
177سائەت 
نادىر تېما
دوست
54 
يازما
858 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-12 19:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەر ھەپتىدە بىر قىتىم ئېچىلىدىغان يىغىن ئاخىرلىشاي دىگەندە ، ئستانسا باشلىقى ئىشخانىدىكى قىزغا ئىستانسىدىكى 200 نەچچە نەپەر خىزمەتچىگە بىر پارچىدىن ئىمتاھان قەغىزدەك سوئال - جاۋابلىق جەدۋەل تارقىتىشنى ئورۇنلاشتۇردى . ئۇنىڭ تېمىسى << قەلبىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم كىم ؟ >> بولۇپ مەن ئويلانمايلا << دادام >> دېگەن ئىككى خەتنى يازدىم يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، خىزمەتداشلار ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇردۇق ، تېخى توي قىلمىغانلار ھەممىسى ئاتا - ئانىسىنى ، توي قىلغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى پەرزەنتىنى يېزىپتۇ .
يەنە بىر قېتىملىق يىغىندا ئىستانسا باشلىقى مۇنداق دېدى ؛
_ ئۆتكەن قېتىمقى سوئال - جاۋابلىق تەكشۈرۈش جەدۋىلىدە بىرەيلەننىڭ جاۋابى تولىمۇ ئالاھىدە بولۇپ تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ . مېنىڭ پەرىزىم بىلەن ئۇنىڭ ئويلىغانلىرىنىڭ ئوخشاش ياكى ئوخشاش ئەمەسلىكىنى بىلمەيمەن . تۆۋەندە يولداش ۋارىسنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى يازىدىغانلىقنى سەھنىگە چىقىپ سۆزلەپ بېقىشىقا تەكلىپ قىلىمەن .
ۋارىس خەۋەرلەر بۆلۈمنىڭ كونا مۇخبىرى بولۇپ ، مەيلى خىزمەت سىتاژى ، مەيلى تەجىرىبىسى جەھەتتىن ياكى خىزمەت نەتىجىسى جەھەتتىن بولمسۇن ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيتتى . ئۇ تەمكىن ھالدا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ؛
_ مېنى تونۇيدىغان خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ ، ئانامنىڭ كېسىلى ئېغىر ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى . دادام ياش چىغىدا ھەددىدىن زىيادە چارچاپ ھالىدىن كەتكىنى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلالمايدۇ . ئايالىم يېقىندا ئىش ئورنىدىن قالدى . ئۆيدە يەنە ئىمۋاتقان كىچىك بالام بار . ئۇلارنىڭ ھەممىسى قان قېرىنداشلىرىم . لىكىن ئاشۇ ئائىلىنى قامدايدىغان مەن بىر ئادەم . ھازىرقى خىزمىتىمنى ئىستانسا رەھبەرلىرى بەرگەن . شۇنداقلا ئۆزۈم بەرگەن . چۈنكى ، بىر ئادەم ئۆزى خىزمەت قىلغان ئورۇنغا ئۈنۈم ئېلىپ كېلەلمىسە ، بۇ ئورۇنمۇ ئۇ كىشىگە ھەق بەرمەيدۇ . مېنىڭ مۇشۇ خىزمىتىم بولغاچقىلا مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ . شۇڭا ، ماڭا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، ئۆزۈمنىڭ قەلبىدىكى ئورنۇم ئەڭ مۇھىمدۇر . مەن ھەر ۋاقىت ئۆزۈمگە ئوبدان ياشا ، ياخشى خىزمەت قىل ، دەپ تەلەپ قويىمەن . ئەگەر مەندىن بىرەر مەسلە چىقىپ قالسا ، كىمنى ئەڭ مۇھىم دەپ يېزىشىمدىن قەتئىينەزەر ھېچقانداق ئەمىلي ئەھمىيتى بولمايدۇ ...
ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلىششى بىلەن تەڭ تۆۋەندە گۈلدۈراس ئالقىش سادا ياڭرىدى . ئارقىدىنلا ئىستانسا باشلىقى مۇنداق دېدى ؛
_ مەن مۇشۇ كىچىككىنە سىناق ئارقىلق كۆپچىلككە شۇنداق ئىيتىمەنكى ، قەلبىڭىزدە كىم ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇردىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر ، ئۆزىڭىزنى قەدىرلىشىڭىز ، ئۆزىڭىزنىڭ خىزمىتىنى قەدىرلىشىڭىز لازىم . شۇنداق قىلالىسىڭىزلا قېشىڭىزدىكىلەرگە بەخىت ئېلىپ كېلەلەيسىز .
مەنبە _ << پەن ۋە تۇرمۇش >> ژۇرنىلدىن ئىلىندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا summayya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-12 20:47

توردا
110سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
791 
تېما
13 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-13 11:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . مەن بۇ سۇئالغا ‹‹ ئانام ›› دەپ جاۋاپ بىرىمەن . چۈنكى مىنىڭ ئويلىغانلىرىممۇ ۋارىسنىڭكىگە ئوخشىسا كىرەك . بىراق ۋارىس بىلەن مىنىڭ شارائىتىم ئوخشاشمايدۇ .

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2152 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-13 11:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە ، ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن.

توردا
434سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2444 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-13 11:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخىشى تىما ئىكەن . ئەجىرڭىزىگە كۆپ تەشەككۇر . داۋامىلىق تىرشىڭ . ئامەت سىزىگە يار بولىسۇن .

توردا
124سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
582 
تېما
57 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-14 09:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە .

Rank: 8Rank: 8

توردا
895سائەت 
نادىر تېما
دوست
74 
يازما
2030 
تېما
82 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-14 09:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەممىڭلا رەھمەت دەپسىلەغۇ؟ توۋا...كالللا ساقمۇ قىرىنداشلا...تىما ئىگىسى سىلەگە كەمپۈت ياكى ناۋات بەمىگەندۇ؟
تىمىنى كۆرۈپ ،ئوقۇپ چۈشۈنۈپ ئويلغان ، ھىس قىلغىنىڭلانى يازمامسىلە مانداق؟
مىنىچە بولغان ئاتا-ئانام قىرىنداشلىرم ئوخشاشلا مۇھىم، ئەگەر تىمىدا ئايالىڭىز بىلەن بالىڭىزدىن كىمنى تاللايسىز دىگەن بولسا مەن چوقۇم ئايالىمنى تاللىغان بولاتتىم، چۈنكى ئاللاھ نىسىپ قىلسا، شۇ ئايالىم بولسا ، بالا دىگەننى يەنە تۇغالايدۇ،...
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىقىمدىن.

توردا
64سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
108 
تېما
13 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-14 14:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەي ...خوتۇندىگەنى بۇگۇن قويۋەتسەك،ئەتىسى يەنە بىرنى ئالغىلى بولىدۇ ،لىكىن ئوز بالىمىزنى ئەتىسىلا تاپالايمىزمۇ؟ئاتا-ئانا،ئاكا-ئاچا،ئۇكا-سىڭىللارنىمۇئەتىسىلا تاپالايمىزمۇ؟؟........توغرىمۇ دوسلار!!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xaxyurak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-14 14:50

توردا
64سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
108 
تېما
13 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-14 14:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە ئاۋال ئاللا ئەڭ مۇھىم،ئاندىن تۇققان-قېرىنداشلار مۇھىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xaxyurak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-14 14:50

توردا
31سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
171 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-15 00:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە ئاۋال ئاللا ئەڭ مۇھىم،ئاندىن تۇققان-قېرىنداشلار مۇھىم مەنمۇ مۇشۇ گەپكە قايىل
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 00:08

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.