سۆيگۈ تىۋىشى 
تەتىلدە سەھراغا كەلگەن كۈنۈمدە، مەھەللە بېشىدا ئۇچرىدۇڭ يولدا. ئۆزۈمنى يۇقتىپ يىقلىپ كەتتىم، بار ئىكەن ئەسلىدە تار ئېرىق سولدا. 
مەن ئۆزۈمنى يۇقاتقان ئاشۇ جايدا، ئۇچرىدى نىگاھىڭ تۈنۈگۈن قايتا. ھېچ ئۈمۈت ئۇچقۇنى كۆرمەي كۈزۈڭدىن، يۇشۇرۇن تەلمۈرۈپ كەتتىمغۇ ئاستا. 
مەن ئۆزۈمنى يۇقاتقان ئاشۇ جايغا، بۈگۈنمۇ ئىز بېسىپ ئەگىشىپ كەلدىم. پەرۋاسىز جىسمىڭدىن ساقىماس سۆيگۈ، ئەمما مەن بىر ۋۇجۇد ئىشقىمنى بەردىم. 
مەن ئۆزەمنى يۇقاتقان ئاشۇ جايغا، ئەتىمۇ شۇ چاغدا كىلەمسەن نىگار. ئالدىڭنى تۇسۇپلا ھالىمنى ئېيتسام، مەن بىلەن بەش مىنۇت بۇلامسەن دىدار. 
مەن ئۆزەمنى يۇقاتقان ئاشۇ جايدا، ۋىسالسىز كۈتۈشنىڭ گۈلى ئېچىلسا. ئىلاھىم بىر ئۆمۈر ئارمانىممۇ شۇ، دىدارلىق شەربىتى لەۋلەر قېتىلسا. 
مەن ئۆزەمنى يۇقاتقان ئاشۇ جايدا، گەر نىگار سەن ماڭا بەرسەڭ بىر ئۇپۇش. جىسمىڭغا قېتىلىپ سىڭىپلا كەتسەم، مەڭگۈگە يۇقالسا تاقەتسىز كۈتۈش. 
مەنبە قەلىمىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-26 21:10
|