گۈزەللىك ئۇ -ئەسلى ھېس -تۇيغۇ ،
ئىزگۈ خىيال ، شېرىن ئەسىلمە .
گۈزەل ئارزۇ سەندە تىكلەنسە ،
ئۆزلەۋەرگىن ھەرگىز پەسلىمە . 
گۈزەللىك ئۇ -رەڭۋازلىق ئەمەس ،
ياكى بوياق ،ھەلدە كۆز بوياش .
گۈزەللىك ئۇ -چاقىنغان لاۋا ،
گۈزەللىك ئۇ -جۇلالىق قۇياش . 
گۈزەللىك ئۇ -پاكلىقنى سۆيۈش ،
گۈزەللىك ئۇ -دىلنىڭ ئاقلىقى .
گۈزەللىك ئۇ- يۈكسەك ئىنتلىش ،
گۈزەللىك ئۇ -تەننىڭ ساقلىقى . 
گۈزەللىك ئۇ -مەھلىيا قىلغۇچ ،
گۈزەللىك ئۇ -ئەخلاق ۋە ساپا .
گۈزەللىك ئۇ - دىل ، تىل بىرلىكى ،
گۈزەللىك ئۇ - ساپ مۇھىت ، ھاۋ 
مەنبە:ساقلىۋالغانلىرىم |