ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر خەۋەرلەر Google ھەققىدە سىز ۋە بىز بىلمەيدىغان ئەپقاچتى ...
كۆرۈش: 110|ئىنكاس: 4
go

Google ھەققىدە سىز ۋە بىز بىلمەيدىغان ئەپقاچتى پاراڭلار

توردا
177سائەت 
نادىر تېما
دوست
54 
يازما
858 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-10 12:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


گۇگېل توغرىسىدا ئىلگىرىمۇ بىر قىسىم رىۋايەتلەر سۆزلەنگەن. ئەلۋەتتە، تۆۋەندىكىلىرىمۇ كۆپچىلىك بىلمەيدىغان گۇگېل ھەققىدىكى بىر قىسىم ھېكايەتلەر…

1. Foursquare نىڭ قۇرغۇچىسى Dennis Crowley تېخى گۇگېلدا خىزمەت قىلىۋاتقان چاغلىرىدا، شىركەتتىكى ئاتامانلارغا ئى-خەت يېزىپ، Twitter نىڭ زور ئىستىقبالى بار ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان، بىراق «چوڭاملار» بۇنىڭغا پىسەنت قىلىپ قويمىغان، چۈنكى ئۇ چاغدىكى گۇگېل شىركىتى، ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنىڭ ھېچقانداق ئىستىقبالى يوق دەپ قارايدۇ. ئالاھەزەل بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا گۇگېل شىركىتى 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئاسمانپەلەك باھا بىلەن Twitter نى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇدەك.

2. 李彦宏(بەيدۇنىڭ قۇرغۇچىسى) بولسا، Dow Jones شىركىتىنىڭ تارمىقىدىكى بىر بالا شىركەت IDD ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتىدىن چىققان، شۇ ۋاقىتتا ئۇ دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇلانما ئارقىلىق توردىكى ئۇچۇرلارنى دەرىجىگە ئايرىيدىغان بىر خىل ئۇسۇلنى بايقىغان، ئۇنىڭ بۇ بايقىشى گۇگېل بىلەن تەڭ دېگۈدەك ۋاقىتقا توغرا كېلەتتى. ئۇ بۇ ئىشنى Dow Jones دىكى خوجايىنىغا ئېيتقان، بىراق شىركەتتىكىلەر بۇ ئىشقا ئازراقمۇ كۆڭۈل بۆلمىگەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ شىركىتى بىلەن تورنىڭ ئانچە كۆپ مۇناسىۋىتى يوق ئىدى، شۇنىڭ 李彦宏 شىركەتتىن ئىستېپا بېرىپ ۋەتەنگە قايتقان ۋە بەيدۇنى قۇرغان، بۈگۈنكى كۈندە، بەيدۇ جۇڭگو بازىرىدا گۇگېلنى مەغلۇب قىلىپ ئالدىدا كېتىۋاتقان بىر گىگانت ئىزدەش ماتورى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

3. لىكەيفۇ 2002-يىلى مىكروسوفتتا ئىشلەۋاتقان چاغلىرىدا، مىكروسوفتنىڭ گۇگېلنى سېتىۋېلىشى ھەققىدە گەيتىسكە مەسلىھەت سالغان، بىراق گەيتىس ئۇلارنىڭ قويغان باھاسى بەك يۇقىرىكەن دەپ قوشۇلمىغان ۋە مۇنداق دېگەن: ئۇ شىركەتنىڭ ھېچقانداق كىرىمى يوق تۇرۇپ 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى باھا قويىۋاپتۇ، بۇ بالىلار نامراتلىقتىن تۈگىشىپ كېتىدۇ.

4. YouTube نىڭ قۇرغۇچىسى چىرايلىق قىزلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى توغرىلىق ئىشلەنگەن سىنلارنى YouTube غا يوللىغاندا، ھەر 10 سىنغا 100 ئامېرىكا دوللىرى بېرىدىكەنتۇق.

5. گۇگېلنىڭ قۇرغۇچىلىرى Larry ۋە Brin ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىكەن، 35 ياشلىق Stacy Sullivan يۈز تۇرانە ئىمتىھان بەرگەندە، Larry ۋە Brin ئۇنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنىمۇ سوراپ باققان. گۇگېلدىكىلەر بۇ نومۇر بىر ئادەمنىڭ ئەقىللىق ياكى دۆتلىكىنى بەلگىلىيەلەيدۇ دەپ قارايدىكەن.

6. Larry ۋە Brin نىڭ گولف توپ بىلەن قەتئىي خوشى يوق ئىكەن، شۇڭا تا ھازىرغىچە بىرەر گولف توپ مۇسابىقىسىگىمۇ خالىسانە قوللاش ئېلىپ بېرىپ باقماپتۇ.

7. گۇگېل باشقىلارنى خىزمەتكە ئېلىشتىن بۇرۇن چوقۇم 25 قېتىم يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېلىشنى بەلگىلىگەن. ئادەتتە بەلگىلەنگەن يۈز تۇرانە ئىمتىھان 20 قېتىم بولۇپ، گەرچە 4-قېتىملىق يۈز تۇرانە ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن، كېيىنكى ئىمتىھانلار ئانچە بەك قىيىن بولمىسىمۇ، بىراق يەنىلا تەرتىپ بويىچە ئىش كۆرۈلىدىكەن. ھازىر گۇگېلدىكىلەر تىرىشىپ بۇ ئىمتىھانلارنىڭ سانىنى ئازلىتىشقا ئۇرىنىۋېتىپتۇ. ناۋادا سىز گۇگېلغا خىزمەتكە كىرمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئاز دېگەندە 45 كۈندىن 60 كۈنكىگە گۇگېلدا يۈز تۇرانە ئىمتىھان بېرىپ ئاندىن رەسمىي خىزمەتكە ئېرىشەلەيدىكەنسىز.
مەنبە: كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى تورى ئاپتورى: تەدبىركار تەھرىر: قىسمەت

توردا
169سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
876 
تېما
26 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-10 12:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ ئىزدەش تورلىرى كۆپ ئىشلارغا قولايلىق يارىتىپ بىرىۋاتىدۇ

توردا
199سائەت 
نادىر تېما
دوست
38 
يازما
1051 
تېما
24 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-10 15:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم . رەھمەت سىزگە .

توردا
275سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
1050 
تېما
111 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-10 22:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇيغۇرلاردىن ئۆتەلىگەنلەر بارمىدۇ؟

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-11 19:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راسىت بۇ ئىزدەش ماتورلىرى ھەمىمىزگە كۆپ قولايلىقىلارنى ئىلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىنىسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت . ئۇلار تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئىشىلارنى كۆپ ئاسانلاشتۇرىدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 00:08

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.