ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تاغدىن-باغدىن ئەخلەت تىپىشتۇرغان مۇھاببەت
كۆرۈش: 217|ئىنكاس: 5
go

ئەخلەت تىپىشتۇرغان مۇھاببەت

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2152 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-11 17:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئەخلەت

_ ئۇلا ركارىدوردا ئەخلەت خالتىسى كۆتۈرگەن ھالەتتە ئۇچۇرشۇپ قالدى. بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قىتىم پاراڭلىششى ئىدى.
_خەيرىلىك سەھەر....
_خەيرىلىك سەھەر....
_ خانىم ، سىز 610- ئۆيدە تۇرىسىزغۇ دەيمەن؟
_ ئەپەندى ، سىز 612- ئۆيدە تۇرامسىز؟
_ھەئە.
_ مەن سىزنى تونىمايمەنغۇ...
_ ئۇنداق ئەمەس... كەچۈرۈڭ، سىزگە ئىيىتسام ، مەن سىزنىڭ ئەخلىتىڭىزنى كۆرىۋالغان .
_ نېمەمنى دەيسىز؟
_ ئەخلىتىڭىزنى.
_ ھە......
_ ھەر قىتىملىق ئەخلىتىڭىز ئانچە كۆپ ئەمەسكەن، ئۆيىڭىزدە ئادەم ئاز بولسا كىرەك.
_ شۇنداق، مەن يالغۇز تۇرىۋاتىمەن .
_ ھىم..... ئەپەندى، قاراپ باقسام، سىز دائىم كونسىرىۋالىق يىمەكلىكلەرنى يەيدىكەنسىز.
_ شۇنداق ، مەن ئۆزۈم تاماق ئىتىشىم كېرەك، بىراق ئىتەلمەيمەن.....
_ بۇنى چۈشىنىمەن.
_خانىم سىزمۇ .....
_ بولدى<<سەن>> دەۋىرىڭ!
_ مىنىڭ ھالىمغا باقماي ئىش قىلغىنىمنى كەچۈر، مەنمۇ دائىم ئەخلىتىڭدە ئىشىپ قالغان يىمەكلىكلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرگەن ، موگو دىگەندەك نەرسىلەر بار ئىكەن .
_ مەن تاماق ئىتىشكە بەك ئامراق ، ھەر خىل قورۇمىلارنى قورۇيمەن . بىراق، ئۆزۈم يالغۇز بولغاچقا ، دائىم ئىشىپ قالىدۇ.
_ خانىم سىز.... ياق، سىنىڭ ئائىلەڭ يوقمۇ؟
_ بارلىقى بار، بىراق بۇ يەردە ئەمەس.
_ ئىسبىلتو سايىنتودىمۇ؟
_ بۇنى قانداق بىلدىڭ ؟
_ ئەخلىتىڭدە ئىسبىلتو سايىنتودىن ئەۋەتىلگەن كونېۋىرىتلارنى كۆرگەنىدىم.
_ توغرا ، ئاپام ھەر ھەپتىدە ماڭا خەت يازىدۇ.
_ ئۇ ئوقۇتقۇچىكەن ھە؟
_ قىززىق ئىش! بۇنى قانداق بىلدىڭ؟
_ كونۋىرىت پوچىركىسىدىن بىلدىم ، ئۇ چوقۇم ئوقۇتقۇچىنىڭ خىتى،
_ساڭىمۇ خەت جىق كىلىدۇ، مەن بۇنى ئەخلىتىڭدىن بىلىۋالدىم،
_ شۇنداق.
_ بىر كۈنى ، سەن پۇرلىشىپ كەتكەن بىر پارچە تىلگىراممىنى تاشلىۋىتىپسەن.
_ شۇنداق.
_ بىرەر كۆڭۈلسىز خەۋەر كەپتۇمىكەن؟
_ دادام ئۆلۈپ كىتىپتۇ، ئۇ بەك قىرىپ كەتكەنىدى، جەنۇپتا تۇراتتى، بىز كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان.
_ شۇڭا، شۇنۇڭدىن باشلاپ تاماكا چىكىپسەندە؟
_ سەن قانداق بىلىپ قالدىڭ؟
_ يىقىندىن بىرى ئەخلىتىڭدە پۇرلىشىپ كەتكەن تاماكا قىپى پەيدا بولۇپ قالدى.
_ تامامەن توغرا، بىراق مەن ھازىر تاماكىنى تاشلىۋەتتىم.
_خۇداغا شۈكۈر ! مەن ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيمەن.
_ بۇنى بىلىمەن، بىراق يىقىندىن بىرى ئەخلىتىڭدە قۇرۇق دورا قۇتىلىرى پەيدا بولۇپ قالدىغۇ....
_ ئۇيقۇ دورىسىنىڭ قۇتىلىرى، مەن بىر مەزگىل ئۇيقۇ دورىسى ئىچكەنىدىم ، ھازىر ئىچمەيمەن.
_ يىگىتىڭ بىلەن خاپا بولۇشۇپ قالغانمىدىڭ؟
_ بۇلارنىمۇ ئەخلەتتىن بايقىدىڭمۇ؟
_ سەن ئاۋال بىر تال گۈل بىلەن بىر ئاتكىرىتكىنى تاشلىدىڭ، كىيىن بىر نەچچە پارچە قەغەز سالفېتكا تاشلىدىڭ.
_ شۇنداق ، شۇ كۈنلەردە مەن يىغلاپ ئازاپلانغانىدىم، ھازىر ئۇ ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى.
_بىراق، بۈگۈن يەنە بىر نەچچە تال قەغەز سالفىتكا پەيدا بولۇپ قالدىغۇ؟
_ زۇكام بولۇپ قاپتىمەن.
_ ھە.
_ئەخلىتىڭدە دائىم خەت جۈپلەش ئويونى تونۇشتۇرۇلغان ژۇرنال تۇرىدىغۇ؟
_ شۇنداق، ئۆيدىن سىرىتقا چىققۇم كەلمەيدۇ، نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەمسەن؟
_ قىز دوستۇڭنىڭ سەۋەبىدىنمۇ؟
- ياق!
_ بىر نەچچە كۈن ئاۋال چىرايلىق بىر قىزنىڭ رەسىمىنى تاشلىۋىتىپتىكەنسەنغۇ؟
_ تارىتمامنى رەتلەۋاتسام چىقىپ قالدى، ئۇ ئۆتمۇشتىكى ئىشلار.
_ رەسىمنى يىرتىۋەتمەپسەن ، قارىغاندا ئۇنىڭ يىنىڭغا قايتىپ كىلىشىنى ئۈمۈت قىلىدىكەنسەندە.
- مىنىڭ ئەخلىتىمنى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىپسەن.
_ ئەخلەتلىرىڭ قىزىقىشىمنى قوزغىدى، بۇنىڭغا كۆز يۇممايمەن.
_ قىززىق ئىش، بىر كۈنى ئەخلەتلىرىڭنى كۆرۈپ ، سەن بىلەن تونۇشۇپ قىلىشنى ئويلىغانىدىم، بەلكىم يازغان شېئىرىمنى كۆرگەن ئوخشايسەن.
_ كۆرۈشلا ئەمەس، ياقتۇرۇپ قالدىم !
_ ئەگەر شېئىرىم ياقمىغان بولسا ، چوقۇم يىرتىۋىتەتتىڭ . بىراق چىرايلىق قاتلاپ قويۇپسەن.
_ كۆرگەنلىكىمنى بىلگەن بولساڭ....
_ مەن ئۇنى ئوغۇرلىق دەپ ھىسابلىغاچقا، شېئىرىڭنى ساقلاپ قويمىغانىدىم، باشقىلارنىڭ ئەخلىتىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىشقا بولامدۇ-يۇق، بۇنى بىلمەيمەن.
_ مېنىڭچە ئۇنداق ھىساپلانمايدۇ. ئەخلەت ئومومنىڭ مۈلىكى.
_ توغرا ئىيتىسەن! ئەخلەت ئادەمنىڭ مەخپىيىتىنى ئاشكارلايدۇ، تۇرمۇشىمىزدىكى ئوشۇقچە نەرسىلەرنى باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئوشۇقچە نەرسە بىلەن باغلايدۇ، ئۇ ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا چۈشىنىش، ئالاقە، ھىسىياتنى تۇتاشتۇرغۇچى ۋاستە ، ئۇ تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ ئىجتىمائىيلىققا ئىگە قىسىم، شۇنداقمۇ؟
_ سەن ئەخلەتنى ناھايىتى چوڭقۇر تەھلىلى قىپسەن، مېنىڭچە.....
- تۈنۈگۈن، ئەخلىتىڭدە....
_ نىمە بار ئىكەن؟
_ خاتا كۆرمىگەن بولسام راك پوستى تۇرغاندەك قىلاتتى،
_ مەن راك يىيىشكە بەك ئامراق،
_ مەن ئۇنى ئاقلاپ قويغان ، تىخى يىمىدىم.... مۇمكىن بولسا بىز....
_ كەچلىك تاماقنى بىرگە يەمدۇق؟
_ تامامەن توغرا !
_ سىنى ئاۋارە قىلىپ قويىدىغان بولدۇم. ئاشخاناڭنى قالايمقان قىلىۋىتەرمەنمۇ.
_ كىرەك يوق، بىردەمدىلا يۇغۇشتۇرىۋالىمەن ، ئاندىن ئەخلەتنى تاشلىۋەتسەم بولىدۇ.
_ ئۇ چاغدا ئۇ ئەخلەت مىنىڭ بولامدۇ ياكى سىنىڭ بولامدۇ؟
ئاپتورى؛ ل، ۋېلسىم (بىرازىلىيە) ئىلدانە ئابدۇرىھىم تەرجىمىسى.

توردا
202سائەت 
نادىر تېما
دوست
44 
يازما
515 
تېما
33 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-11 20:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشىكەن.

توردا
212سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
316 
تېما
19 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-12 17:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمانداق قىززىق تەھلىل قىلغاندۇ بۇلار .!

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
64 
يازما
679 
تېما
65 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-12 23:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشىىكەن ..........رەھمەت.........

توردا
689سائەت 
نادىر تېما
دوست
27 
يازما
942 
تېما
33 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-13 00:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىماندا يامان ئادەم ئاۋۇ قارىغاندا بۇرۇن فىدىراسسىيە ئىدارىسدا ئىشلىگەن ئوخشايدۇ،ئەۋەل كۈزۈتۈپ ئاندىن گەپ بىلەنلا تۇغۇرلىۋىتىپتۇ. ياخشىكەن.

توردا
31سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
171 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-15 00:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راس نىمانداق قىززىق تەھلىل قىلغاندۇ بۇلار .!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 00:08

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.