ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى دوستلىشىشقا بولمايدىغان كىشىلەر
كۆرۈش: 183|ئىنكاس: 4
go

دوستلىشىشقا بولمايدىغان كىشىلەر

توردا
20سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
98 
تېما
58 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىچ سىرىنى بەرمەيدىغانلار _ بەزى دوستلار ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى يوشۇرىدۇ ، ئۆزىگە ناھايىتى پۇختا ، نەچچە ئون يىل ئارلاشسىڭىزمۇ ئۆزىنىڭ ئوي - خىياللىرىنى بىلدۈرمەيدۇ ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنىمۇ تۈزەتمەيدۇ . بۇنداق ئادەملەر بىلەن ئارلاشقاندا ئادەم ئۇلارنىڭ سەمىميىتىدىن گۇمانلىنىپ قالىدۇ .
پايدا - مەنپئەتنى كۆزلەيدىغانلار _ بۇنداق دوستلار سىزگە بۇدۇشقاقتەك چاپلىشۋىلىپ بەك ئاۋارە قىلىدۇ . پايدا يەتسە ، سىز بىلەن ئارلىشىدۇ ، پايدا يەتمىسە دەرھاللا يىراقلىشىدۇ .
پىتنىخورلار _ بەزىلەرنىڭ ھىچقانداق قابىليىتى يوق ، ئەمما چېقىمچىلىق قىلىپ زىددىيەت سېلىشقا ماھىر ، ئۆسەك سۆز تارقىتىشقا ئامراق ، ھەتتا تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدۇ . بىر توپتا مۇشۇنداق ئادەمدىن بىر - ئىككىسى بولسا ئىتتىپاقلىق بۇزۇلىدۇ .
ۋەدىسىدە تۇرمايدىغانلار _ بەزىلەر ئالدىڭىزدە ئىش ، ۋەزىپىلەرنى بولۇشچە ئۈستىگە ئېلىۋالىدۇ ، ئەمما ھېچ ئىشنى بىجىرمەيدۇ ، لەۋزىدە تۇرمايدۇ ، بۇنداق ئادەملەرگە ئىش تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ .
تۇتۇرۇقسىز گەپ قىلىدىغانلار _ بۇنداق دوستلار زوق - شوخ بىلەن گەپ قىلىدۇ ، مەمەدانلىق قىلىدۇ ، تاغدىن - باغدىن سۆزلەيدۇ ، تۇتۇرۇقسىز گەپ قىلىدۇ . بۇنداق ئادەملەر بىلەن ئارلاشسىڭىز سىزگە ئازراقمۇ ياخشى تەرىپى يۇقمايدۇ .
مەنسەپنى تونۇپ ، ئادەمنى تونۇمايدىغانلار _ بۇنداق ئادەملەر ھوقۇقىڭىز بار چاغدا سىزگە بولۇشىچە خۇشامەت قىلىدۇ ، ئەمما دەم ئېلىشقا چىققاندا دەرھال سىزدىن يۈز ئۆرۈپ ، يېڭى يۆلەنچەك ئىزدەيدۇ .
زىيادە يىقىنچىلىق قىلىدىغانلار _ بەزى دوستلار ناھايىتى قىزىققاق ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنى يىپىدىن يىڭنىسغىچە سورايدۇ ، بۇنداق دوستلار بىلەن ئارلاشسا ئادەمنى ھاردۇرۋېتىدۇ .
مىجەزى زىيادە ئېغىرلار _ بەزىلەر تۇغۇلىشىدىنلا جىمغور ، باشقىلار بىلەن ئارلىشىشنى خالىمايدۇ . سىز ئۇنىڭغا قىزغىن مۇئامىلە قىلسىڭىز پەرۋا قىلمايدۇ ، بۇنداق دوستلار بىلەن ئارلاشمىغان تۈزۈك .
مەنبە _ << پەن ۋە تۇرمۇش >> ژۇرنىلىدىن ئىلندى .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا summayya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-12 20:55

Rank: 8Rank: 8

توردا
279سائەت 
نادىر تېما
دوست
18 
يازما
709 
تېما
23 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇنداق ئەھۋاللارنى يوق دىگىلى بولمايدۇ،شۇڭا دوست تۇتقاندا دىققەت قىلىش كېرەك~!

توردا
71سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
591 
تېما
109 
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىلىۋالدىم دىقەت قىلساق بولغۇدەك، رەھمەت سىزگە،

توردا
149سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
603 
تېما
24 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىمىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر . بەك ياخىشى تىما ئىكەن بۇنىداق ئىشىلارنى كۈنىدە ئۇچىرىتىپ تۇرمىز . سىزىنىڭ بۇ تىمىڭىزىنىڭ پايىدىلىق قىمىتى بەك چوڭ ئىكەن ، داۋامىلىق تىرشىڭ نادىر تىمىلار بولىسا ھارمىغايىسز .

توردا
203سائەت 
نادىر تېما
دوست
43 
يازما
930 
تېما
127 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قانداق كىشىلەر بىلەن دوست بۇلۇشىنى قانداق كىشىلەر بىلەن دوست بولماسلىقىنى ئۈگۈنۋالىدىم. رەخمەت سىزگە، ئەھمىيەتلىك تىمىلىرىڭىز ئۈزلۈپ قالمىسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-15 17:49

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.