- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-14
- تىزىملاش
- 2011-4-1
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 20سائەت
- جۇغلانما
- 689
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 98
- تېما
- 58
- توردا
- 20سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 3
- يازما
- 98
- تېما
- 58
|
341 - ماددا دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتقان ۋە ئۆلتۈرگەنلەرگە ياكى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى قانۇنسىز سېتىۋالغان، توشۇغان ۋە ساتقانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
ئوۋچىلىق قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنغان رايوندا، ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنغان مەۋسۇمدا ياكى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان قورال - سايمان ۋە ئۇسۇللار بىلەن ئوۋچىلىق قىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.
342 - ماددا يەر باشقۇرۇش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى تېرىلغۇدىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش ئۈچۈن قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغان، تېرىلغۇ يەرنى كۆپلەپ ۋەيران قىلغانلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
343 - ماددا قېزىلما بايلىقلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، كان ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كان ئاچقانلارغا، دۆلەت پىلانلىغان كان رايونى، خەلق ئىگىلىكىدە مۇھىم قىممەتكە ئىگە كان رايونى ۋە باشقىلارنىڭ كان رايونى دائىرىسىگە خالىغانچە كىرىپ كان ئاچقانلارغا، دۆلەت قوغداش خاراكتېرىدە ئېچىشنى بەلگىلەنگەن ئالاھىدە كان تۈرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېچىپ، ئېچىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلغاندىن كېيىنمۇ توختاتماي، قېزىلما بايلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قېزىلما بايلىقلارنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
قېزىلما بايلىق قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قېزىلما بايلىقنى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدە ئېچىپ ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
344 - ماددا ئورمان قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەتىۋارلىق دەل - دەرەخلەرنى كەسكەن ۋە ۋەيران قىلغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
345 - ماددا ئورماننى ياكى باشقا دەل - دەرەخلەرنى ئوغرىلىقچە كەسكەنلەردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلارغا 7 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورمان قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئورماننى ياكى باشقا دەل - دەرەخلەرنى كەلسە - كەلمەس كەسكەنلەردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
پايدا تېپىش مەقسىتىدە، ئورمان رايونىدا ئوغرىلىقچە كېسىلگەن، كەلسە - كەلمەس كېسىلگەن دەل - دەرەخ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى قانۇنسىز سېتىۋالغان، توشۇغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى ئورماننى ياكى باشقا دەل - دەرەخلەرنى ئوغرىلىقچە كەسكەن ۋە كەلسە - كەلمەس كەسكەنلەرگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
346 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 338 - ماددىدىن 345 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافنىڭ ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
7 - پاراگراف زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش
ۋە ياساش جىنايىتى
347 - ماددا زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغانلار، مىقدارىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىغا ۋە جىنايى جازاغا تارتىلىدۇ.
زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:
(1) ئەتكەسچىلىك قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان ئەپيۈن 1000 گرامدىن، خروئىن ياكى مېتىلامفېتامىن 50 گرامدىن كۆپ بولغانلار ياكى باشقا زەھەرلىك بۇيۇم مىقدارى كۆپ بولغانلار؛
(2) زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ياساش گۇرۇھىدىكى باش ئۇنسۇرلار؛
(3) زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغۇچى، ئېلىپ - ساتقۇچى، توشۇغۇچى ۋە ياسىغۇچىلارنى قوراللىق قوغدىغانلار؛
(4) تەكشۈرۈشكە، توختىتىپ قويۇشقا ۋە قولغا ئېلىشقا زورلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلار؛
(5) تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلغان خەلقئارا زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكىگە قاتناشقانلار.
ئەتكەسچىلىك قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان، ياسىغان ئەپيۈن 200 گرامدىن كۆپ، 1000 گرامدىن ئاز، خروئىن ياكى مېتىلامفېتامىن 10 گرامدىن كۆپ، 50 گرامدىن ئاز بولغان ياكى باشقا زەھەرلىك بۇيۇملارنىڭ مىقدارى كۆپرەك بولغانلارغا 7 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئەتكەسچىلىك قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان ئەپيۈن 200 گرامدىن ئاز، خروئىن ياكى مېتىلامفېتامىن 10 گرامدىن ئاز ياكى باشقا زەھەرلىك بۇيۇم مىقدارى ئاز بولغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن 2 -، 3 -، 4 - تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا شۇ تارماقلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئىشقا سېلىپ ۋە كۈشكۈرتۈپ زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زەھەرلىك بۇيۇم ساتقانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلىپ، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش ۋە ياساش قىلمىشلىرىنى كۆپ قېتىم سادىر قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنمىغانلارنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم مىقدارى قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ.
348 - ماددا ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرغان ئەپيۈن 1000 گرامدىن، خروئىن ياكى مېتىلامفېتامىن 50 گرامدىن كۆپ ياكى باشقا زەھەرلىك بۇيۇم مىقدارى كۆپ بولغانلارغا 7 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرغان ئەپيۈن 200 گرامدىن كۆپ، 1000 گرامدىن ئاز، خروئىن ياكى مېتىلامفېتامىن 10 گرامدىن كۆپ، 50 گرامدىن ئاز ياكى باشقا زەھەرلىك بۇيۇم مىقدارى كۆپرەك بولغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
349 - ماددا زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان جىنايەتچىلەرنى قانات ئاستىغا ئالغانلار، جىنايەتچىلەرنىڭ زەھەرلىك بۇيۇمىنى ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تاپقان پۇل - مېلىنى ساقلاپ، يۆتكەپ ۋە يوشۇرۇپ بەرگەنلەرگە 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىرىنى تۇتقۇچىلار ياكى دۆلەت ئورگانلىرىدىكى باشقا خادىملاردىن زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان جىنايەتچىلەرنى قوغدىغان، قانات ئاستىغا ئالغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ، ئالدىن تىل بىرىكتۈرۈۋالغانلار زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
350 - ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، سىركە كىسلاتا ئانگىدرىدى، ئېتىر، خلوروفورم ياكى زەھەرلىك بۇيۇم ياساشقا كېرەكلىك باشقا خام ئەشيا ۋە ياكى قوشۇلما خۇرۇچىنى قانۇنسىز توشۇپ، ئېلىپ يۈرۈپ، چېگرىدىن كىرگۈزگەن ۋە چىقارغانلارغا ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، يۇقىرىقى بۇيۇملارنى چېگرا ئىچىدە قانۇنسىز ئېلىپ - ساتقانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى كۆپ بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى 10 يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
باشقىلارنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم ياسايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن بۇيۇملارنى بەرگەنلەر زەھەرلىك بۇيۇم ياسىغان ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
351 - ماددا زەھەرلىك بۇيۇم چىقىدىغان ئەپيۈنگۈل، كەندىر قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى قانۇنسىز تېرىغانلارنىڭ ئاشۇ ئۆسۈملۈكلىرى بىردەك مەجبۇرىي چانىتىۋېتىلىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ:
(1) تېرىغان ئەپيۈنگۈلى 500 تۈپتىن كۆپ، 3000 تۈپتىن ئاز ياكى زەھەرلىك بۇيۇم چىقىدىغان باشقا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ مىقدارى كۆپرەك بولغانلار؛
(2) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن يەنە تېرىغانلار؛
(3) چانىۋېتىشكە قارشىلىق كۆرسەتكەنلەر؛
قانۇنسىز تېرىغان ئەپيۈنگۈلى 3000 تۈپتىن كۆپ ياكى زەھەرلىك بۇيۇم چىقىدىغان باشقا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ مىقدارى كۆپ بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
ئەپيۈنگۈل ياكى زەھەرلىك بۇيۇم چىقىدىغان باشقا ئۆسۈملۈكلەرنى قانۇنسىز تېرىغانلاردىن ھوسۇل يىغىۋېلىشتىن بۇرۇن ئۆزلۈكىدىن چانىۋەتكەنلىرىگە جازا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.
352 - ماددا بى辨
تارتىش كۈچىدىن قالمىغان ئەپيۈنگۈل قاتارلىق زەھەرلىك بۇيۇم چىقىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقىنى ياكى مايسىلىرىنى قانۇنسىز ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان، ئېلىپ ۋە ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغانلاردىن مىقدارى كۆپرەكلىرىگە 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
353 - ماددا باشقىلارنى قىزىقتۇرۇپ، كۈشكۈرتۈپ ۋە ئالداپ زەھەرلىك بۇيۇم چەكتۈرگەن، ئىستېمال قىلدۇرغان ۋە ئوكۇل سالدۇرغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
باشقىلارنى زورلاپ زەھەرلىك بۇيۇم چەكتۈرگەن، ئىستېمال قىلدۇرغان ۋە ئوكۇل قىلىپ سالدۇرغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قىزىقتۇرۇپ، كۈشكۈرتۈپ، ئالداپ ياكى زورلاپ زەھەرلىك بۇيۇم چەكتۈرگەن، ئىستېمال قىلدۇرغان ۋە ئوكۇل قىلىپ سالدۇرغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
354 - ماددا باشقىلارنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم چېكىشىگە، ئىستېمال قىلىشىغا ۋە ئوكۇل قىلىپ سېلىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەنلەرگە 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
355 - ماددا دۆلەت تىزگىنلەيدىغان ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى قانۇن بويىچە ئىشلەپ چىقىرىدىغان، توشۇيدىغان، باشقۇرىدىغان ۋە ئىشلىتىدىغان خادىملاردىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، زەھەرلىك بۇيۇم چەككۈچى، ئىستېمال قىلغۇچى ۋە ئوكۇل قىلىپ سالغۇچىلارغا دۆلەت تىزگىنلەشنى بەلگىلىگەن، ئادەمنى خۇمار قىلالايدىغان ناركوز دورىلىرىنى ۋە روھىي دورىلارنى بەرگەنلىرىگە 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلىدىغان، ساتىدىغان جىنايەتچىلەرگە ياكى زەھەرلىك بۇيۇم چەككۈچى، ئىستېمال قىلغۇچى، ئوكۇل قىلىپ سالغۇچىلارغا دۆلەت تىزگىنلەشنى بەلگىلىگەن، كىشىلەرنى خۇمار قىلالايدىغان ناركوز دورىلىرىنى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى پايدا تېپىش مەقسىتىدە بەرگەنلەرگە مۇشۇ قانۇننىڭ 347 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
356 - ماددا زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ياساش ۋە ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن مۇشۇ پاراگرافتا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى يەنە ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
357 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان زەھەرلىك بۇيۇم ئەپيۈن، خروئىن، مېتىلامفېتامىن، مورفىن، نەشە، كوكائىنلارنى ھەم دۆلەت تىزگىنلەشنى بەلگىلىگەن ئادەمنى خۇمار قىلالايدىغان باشقا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
زەھەرلىك بۇيۇم مىقدارى ئەتكەسچىلىك قىلغان، ئېلىپ - سېتىلغان، ياسالغان ۋە ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلغان زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان نەق مىقدارى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ساپلىق دەرىجىسى بويىچە سۇندۇرۇپ ھېسابلانمايدۇ.
8 - پاراگراف باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇش،
مەجبۇرلاش، ئازدۇرۇش، سولاپ بېرىش، تونۇشتۇرۇش جىنايىتى
358 - ماددا باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغان ياكى زورلىغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:
(1) باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلار؛
(2) 14 ياشقا توشمىغان ناراسىدە قىزلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغانلار؛
(3) كۆپ كىشىنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغان ياكى باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا كۆپ قېتىم مەجبۇرلىغانلار؛
(4) باسقۇنچىلىق قىلغاندىن كېيىن، باشقىلارغا ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغانلار؛
(5) ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا زورلانغۇچىنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتنى پەيدا قىلغانلار.
ئالدىنقى تارماقتىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلاردىن قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىرلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ بەرگەنلەرگە 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
359 - ماددا باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرغان، سولاپ بەرگەن ۋە تونۇشتۇرغانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
14 ياشقا توشمىغان ناراسىدە قىزلارنى ئازدۇرۇپ ئىپپەت - نومۇسىنى ساتقۇزغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
360 - ماددا ئۆزىنىڭ سىفلىس، سۆزنەك قاتارلىق ئېغىر جىنسىي كېسىلى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىپپەت - نومۇسىنى ساتقانلار ۋە پاھىشىۋازلىق قىلغانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
14 ياشقا توشمىغان ناراسىدە قىزلارنى قوندۇرۇپ پاھىشە قىلغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
361 - ماددا مېھمانخانا، يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمەت ئورنى، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئورنى، ئاپتوموبىل كىراكەشلىك ئورنى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن ئۆز ئورنىنىڭ شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغان، زورلىغان، ئازدۇرغان، سولاپ بەرگەن ۋە تونۇشتۇرغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 358 -، 359 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرىدىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
362 - ماددا مېھمانخانا، يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمەت ئورنى، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئورنى، ئاپتوموبىل كىراكەشلىك ئورنى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىۋاتقاندا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە خەۋەر يەتكۈزۈپ قويۇش قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 310 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
9 - پاراگراف شەھۋانىي بۇيۇم ئىشلەش، ئېلىپ - سېتىش،
تارقىتىش جىنايىتى
363 - ماددا پايدا تېپىش مەقسىتىدە شەھۋانىي بۇيۇملارنى ئىشلىگەن، نەشر قىلغان، ئېلىپ - ساتقان ۋە تارقاتقانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۇلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
باشقىلارنىڭ شەھۋانىي كىتاب - ژۇرناللارنى نەشر قىلىشى ئۈچۈن كىتاب نومۇرى بەرگەنلەرگە 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ باشقىلارنىڭ شەھۋانىي كىتاب - ژۇرنال نەشر قىلىشقا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ كىتاب نومۇرى بەرگەنلەر ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ.
364 - ماددا شەھۋانىي كىتاب - ژۇرنال، كىنو فىلىمى، ئۈن - سىن بۇيۇمى، سۈرەت ياكى باشقا شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقاتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 2 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.
شەھۋانىي كىنو، سىنئالغۇ فىلىمى قاتارلىق ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى قويۇشنى ئۇيۇشتۇرغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
شەھۋانىي كىنو، سىنئالغۇ فىلىمى قاتارلىق ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ ۋە كۆپەيتىپ، قويۇشنى ئۇيۇشتۇرغانلارغا 2 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
18 ياشقا توشمىغانلارغا شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقاتقانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
365 - ماددا شەھۋانىي ئويۇن قويۇشنى ئۇيۇشتۇرغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
مەنبە ؛<< قانۇن قامۇسىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇن قىسىمىدىن>> ئىلىندى.
|
|