- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-14
- تىزىملاش
- 2011-4-1
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 20سائەت
- جۇغلانما
- 698
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 99
- تېما
- 59
- توردا
- 20سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 3
- يازما
- 99
- تېما
- 59
|
پىسخولۇگىيە ئالىملىرى روھىي ساغلاملىقنى ساقلاشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئامللىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ، شۇ ئارقىلىق روھىي ساغلاملىقنى ساقلاشنى تەۋسىيە قىلماقتا.
1. ئۆزىگە بەك قاتتىق تەلەپ قويماسلىق كىرەك . بەزى ئادەملەر ئۆزىگە يۈكىنى بەك ئارتىۋىلىپ ،ئاخىرىغا بارمايلا روھىي چۈشۈپ كىتىدۇ. .ئوڭۇشسىزلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۇن .نىشاننى ئۆز قابىلىيتى دائىرىسى ئىچىدە ئورۇنلاشتۇرۇشى ،ئۆزىنىڭ مۇۋەپىيقىدىن بەھىر ئىلىشنى بىلىش كىرەك . شۇنداق قىلغاندىلا روھىي ھالىتى تەبىئي ھالدا كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ .
2. باشقىلاردىن بەك زۇر ئۈمىد كۈتمەسلىك كىرەك . نۇرغۇن كىشىلەر ئۈمىدىنى باشقىلارغا باغلايدۇ. ئاياللار يولدىشىنىڭ نام-ئاتاق چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلسا، ، ئاتا-ئانىلار باللىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىدى قىلىدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپ تەلەپكە يىتەلمىسە، دائىم ئۈمدىسىزلىندۇ. ئىختىساسلىق خادىم بولۇش ناھايىتتى قىيىن . تىرىشىش ئارقىلىقمۇ بۇ تەلەپكە يېتەلمىسە، رەنجىمەسلىك ۋە ئۈمدسىزلەنمەسلىك كىرەك.
3. ئۆز كەيپىياتىنى كونتۇرۇل قىلىش قابىلىيىتىنى بولۇش كىرەك. ئادەم ئاچچىقلانغاندا كەيپىياتى بۇزۇلۇپ ، نۇرغۇن خاتا ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ. ئاچچىقلانغاندا ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتى جىدىيلىشىپ ، جىسمانى ۋە روھىي ساغلاملىققا تەسىر يىتىدۇ -دە،دائىم خاتا ئىش قىلىپ قويۇپ ،كىيىن پۇشايمان قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۇن بىر ئىش قىلىشتىن بۇرۇن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆز- ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلىش لازىم.
4. باشقىلارغا يول قويۇشنى بىلىش كىرەك .چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان ئادەم يىراقنى كۆرەلەيدۇ. نەزەر دائىرسى تار ئادەملەر دائىم كىچىك ئىشلاردىن پۇتاق چىقىرىدۇ.. پەقەت چوڭ ئىشلارنى تەسىرگە ئۇچىراتمىغان ئاساستا ،زىدىيەت ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئازايتىش ئۈچۇن . كچىك ئىشلاردا چىڭ تۇرۋالماسلىق كىرەك.
5. ئۆز ئىديسىنى ئۆزگەرتىشنى بىلىش كىرەك . ئادەم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرغان چاغدا ،كۆڭۈلسىزلىكلەر تەبىئىي ھالدا پەيدا بولىدۇ.. بۇ ۋاقىتتا ئىدىيسىنى ئۆزگەرتىپ ، تەپەككۈر قىلىپ ،ئۆزى ياخشى كۆردىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ،روھىيى كەيپياتنى نورماللاشتۇرغاندىن كىيىن ،ئۆزى يولۇققان قىيىن مەسىللىلەرنى ،قايتىدىن ھەل قىلىش كىرەك .
6. باشقىلارغا ئۆزىنىڭ كۆڭۈلسىزلىكلىرىنى سۆزلەپ تۇرۇش كىرەك . ئۆزىنىڭ كۆڭۈلسىزلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر سىرداش دوسلىرى ۋە ئاتا- ئانا .ئاكا- ئۇكىلىرىغا سۆزلەپ تۇرسا ،روھىي كەيپىياتى ياخشىلىنىدۇ.
7. باشقىلارغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم بىرىش كىرەك . باشقىلارغا ياردەم بەرگەندە ئۆزىنىڭ كۆڭۈلسىزلىكلىرىنى ئۇنتۇپلا قالماسىتىن ،بەلكى ئۆزىنىڭ ئابرۇي قىمىتىنى ئۆستۇرۇپ ھەققىي دۇسلۇققا ئىرىشكىلى بولىدۇ.
8.ئىشلارنى بىر-بىرلەپ قىلىش كىرەك . ئادەم جىددىي بىر تەرەپ قىلىش زۆرۇر بولغان ئىشلارغا يولۇققاندا ،روھىي بىسىم ناھايىتتى زور بولىدۇ .ئادەم جىدىيلىشىپ ،كۈن بويى غەم قىلىپ ،دائىم روھىي چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق كىسەلكىلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۇن ئىشنى بىر- بىرلەپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىش كىرەك .
9. ئۆزىنى ئىنىق تونۇش كىرەك . بەزىلەر ئۆزىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ ، ھەممىلا يەردە باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىپ، دائىم جىددى كەيپىيات ئىچىدە تۇرىدۇ.بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى بىلەلمەي قاتتىق تۇرىۋالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ جىسمانى ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.
10. باشقىلارغا كەڭ قورساق بولۇش كىرەك . باشقىلارغا دوستانە مۇئامىلىدە بولۇپ ، كۆپ دوسىت تۇتقاندا روھىي كەيپىياتى نورمال ،كۆڭلى خۇشال بولىدۇ.
11. كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرىگە مۇۋاپىق قاتنىشىش كىرەك . بۇ روھىي بىسىمنى تۈگتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
مەنبە؛ << ئائىلە ۋە ساغلاملىق >> دېگەن كىتاپتىن ئىلىندى.
|
|