سالامەتلىككە پايدىلىق ھەرىكەتلەر
چىشنى كاسىلدىتىش : ھەر كۈنى بەدەننى ئەركىن قويۇپ بېرىپ ، كالپۇكنى بوشراق ھىملاشتۇرۇپ ، چىشنى بىر نەچچە قېتىم كاسىلدىتىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ، چىش ۋە چىش مىلىكىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ ، چىشنى مۇستەھكەملىگىلى ، چىش ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
كېرىلىش : ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرغاندا مۇسكۇل ھەرىكىتى ئازلىغانلىقتىن ، مۇسكۇلدىكى قان تومۇرلارغا نۇرغۇن قان يىغىلىپ قالىدۇ - دە ، يۈرەككە قايتىدىغان قان نىسبەتەن ئازىيىپ كېتىدۇ ، شۇ سەۋەبتىن ماغدۇرسىزلىنىش كېلىپ چىقىدۇ . بۇنداق چاغدا تازا بىر كېرىلىۋالسا چارچاشنى تۈگىتىش رولىنى ئوينايدۇ .
ئەسنەش : بەك چارچاپ كەتكەندە ياكى بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئېشىپ كەتكەندە ، قاندىكى كاربون 4 ئوكدىسدى كۆپىيىپ كېتىدۇ . بۇنداق چاغدا بىر ئەسنىۋالسا كۆكرەك كېڭىيىپ ، ئوكسىگىن سۈمۈرۈلۈپ ، كاربون 4 ئوكسىدى چىقىپ كېتىدۇ . مۇسكۇللار بوشاپ قاندىكى ئوكسېگىن بىلەن كاربون 4 ئوكسىدىنىڭ نىسبىتى تەڭشىلىدۇ . شۇ ئارقىلىق ھارغىنلىق تۈگەپ تېتىكلىشىپ قالىدۇ .
كۆز قارىچۇقلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش : كۆز قارىچۇقلىرىنى ئوڭدىن بىر نەچچە قېتىم سولغا ، سولدىن ئوڭغا بىې نەچچە قېتىم ھەرىكەتلەندۈرۈپ بەرگەندە ، كۆز ئالمىسىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ ، كۆرۈش نېرۋىسى ، ئەينەكسىمان تەنچىنىڭ سېزىمچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى ، كۆرۈش نېرۋىسى ، ئەينەكسىمان تەنچىنىڭ دۇغلىنىشى ، گىلاۋكوما ، كاتاراكتا ، يىراقنى ياكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك قاتارلىق كۆز كېسەللىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
يۈزنى ئۇۋىلاپ بېرىش : يۈز قىسمىنى دائىم ئۇۋۇلاپ بەرگەندە ، يۈز قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى كۈچەيتكىلى ، تېرىنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىپ ، ھۆسىن تۈزەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .
قورساقنى سىيلاپ بېرىش : قورساقنى يېنىك سىيلاپ بەرسە ، قورساق بوشلۇقىدىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئاشقازان - ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ۋە ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ . ئۇخلاشتىن بۇرۇن قورساقنى سىلاپ بەرسە ، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ . قىزىل قان تومۇر قېتىشىش ، يۇقىرى قان بېسىم ، مېڭە قان - تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغۇچىلار قورسىقىنى سىيلاپ بەرسە ، قان ئايلىنىش راۋانلىشىدۇ .
قولاقنى ئۇۋۇلاپ بېرىش : ئىككى قولى بىلەن قۇلاق سۇپرىسىنى بوش تۇتۇپ ، ئالدى بىلەن ئالدىدىن كەينىگە ، ئاندىن كەينىدىن ئالدىغا بىر قانچە قېتىم ئۇۋۇلاپ بەرگەندە قۇلاق ۋە كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى |