ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئىز تورىغا تەكلىپ ئەلۋىدا جېنىم!(ئۇيغۇرۇم)
كۆرۈش: 66|ئىنكاس: 1
go

ئەلۋىدا جېنىم!(ئۇيغۇرۇم)

توردا
52سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
53 
تېما
10 

ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئوت ئالغان يۇرگۇمنىڭ سىغىنىش ئىچىدە سىرغىپ چۇشكەن تامچىلىرىدىن ساڭا سالام !

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! ئابى ھاياتتىن خۇي ئالغان ئەتىر گۇلدىن بۇي ئالغان،تولۇن ئايدىن نۇر ئالغان جامالى ئاي ھىسياتقا باي كۆڭلى ئاپپاق روھىيتڭمدىكى غەم گۇلزارىم ياخشىمۇ سەن! ھاردۇقىڭ چىقىپتىمۇ .يۇمران نازۇك قوللىرىڭ بىلەن بۇ ۋاراقچىنى تۇتۇپ جان ئالغۇچى ئوتلۇق كۆزىڭ بىلەن ئۇشبۇ مەكتۇپنى ئوقۇۋاتقىنىڭدا ھەسرەتلىك تىنىقلىرىم يۇزىڭگە ئۇرۇلغاندەك بولدىمۇ. بەزى ھەجىۋى ئىبارىلەرنى ئوقۇۋىتىپ نازلىنىپ كۇلگىنىڭدە مىنىڭ بەدرەك تۇكلۇك يىرىڭ ئىقىپ تۇردىغان يۇرگۇمدىن سنى خۇش قىلغۇدەك سۆزلەرنىڭ ھىلىمۇ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ، يۇركىڭ ئالاقزادە بولۇپ، ئۆپكەڭ تىترەپ ،چىرايىڭ چەيزىرەڭ بوپ كەتكەندۇ .
چۇشلىرىمدە نامايەن بولغان مەۋھۇم تەسۋىرىڭىنىڭ قىيناشلىرىدىن ئۇشبۇ مەكتۇپنى يىزىش قارارىغا كەلدىم ، ھېچقاچان ئۆزىڭ بۇ پىنھان بوشلۇقتا بۇ شىرىن ئازاپ گىرەلىشىپ كەتكەن جىلۋىدار يۇتگۇمنىڭ چالۋاقاشلىرىنى ئوقۇپ كامادەك كۆزلىرىڭىنى قىسىپ ئىنجىقلاپ كۇلۋەتتىڭىغۇ دەيمەن ،مەنمۇ ئابدۇخالىق تۇرغۇننىڭ ياش تۆكەلەمسەن دىگەن ناخشىسغا قۇلاق سالغاچ سىنىڭ پولاتتەك يۇركىڭىگەئىسپىرىت چېچىۋاتىمەن . مەندىن ئەھۋال سورساڭ رەنا مىجىتنىڭ بىلمېدىڭ دىگەن ناخشىسىغا ئاۋاز قوشۇپ شىرىن ئەسلىمىلەرنى ئويلاش ئۇچۇن ھەقىسما خىياللارنى قىلىۋاتىمەن، ھەتتا خاتىرەمنى يوقتۇپ باشقىچە ياشاش قارارىدا تاملارغا ئۈسسۈپ بىشىمنى يارلاندۇرۋالدىم، ئەمما قارىمامسەن شۇ ئىشتىن تارتىپ سۆزلەپ ئولتۇرغىنىمنى راستىمنى ئىتسام بىۋاستە يۇرەككە تەسىر قىلدىغان بۇ ئازاپقا مۇپتىلا بولۇپ جىنىم بەك قىينىلىپ كەتتى، مەن كۆرگەن كۇننى باشقا بىرى كۆرسە ئىدى جىگەر ئۆپكە بۆرەك يۇرەكلىرىنى قوشۇپ چىچىۋەتكەن بولاتتى!
مىسكىنلىك تولغان كۆزلۇرۇم بىلەن بەزىدە سنى ئۇچۇرتۇپ قالىمەن، ئەمما چىرايىڭغا قادالغان كۆزلىرىم ئىختىيارسىز ياشقا ئەگىيدۇ، گىلىم ئاچچىق بولۇپ بەدىنىمگە زەردىلىك تىترەك ئولىشىدۇ،مۇزلاپ قىتىپ كەتكەن يۇرگۇم چاك ئاجاشقا باشلايدۇ ، نەپەس ئىلىشىم تەسلىشىدۇ روھىم جىسمىمدىن ئايرىلىپ يۇركىڭىگە ئىسلىپ ھۆكىرەپ يىغلاپ تارامىلاپ نالە قىلىشقا ئىنتىلىدۇ. پەقەت سنىڭ يىنىمدىن ئەگىپ خىلى يىراققا كەتكەندىن كىيىنلا ئەس ھوشۇمغا كىلىپ تۇكۇرگۇمنى گىلىمدىن تەستە ئۆتكۇزۇپ بىر ئۈف تارتىپ يولۇمغا راۋان بولىمەن . بۇ دەقىقىلەر شۇنچە ئازاپلىق ئامىركىنىڭ فانتاززىيلىك كىنولىرىدىنمۇ ھاياجانلىق بولسىمۇ يەنىلا ئەسلەشكە ئىنتىزار بولۇشقا ئەرزىيدۇ. ئەدەپ-ئەخلاق شەرمى-ھايا گۇزەل ئارزۇ ئارمانلىق روھىڭ پاك جىسمىڭ سادىق يۇركىڭ بىرلىشىپ،سنى رىۋاتەتلەردىكى ھۆر پەرىلەرگە ئايلاندۇرۇپتۇ ، ئەمما ئارقاڭدىن تۇيدۇرماي قارىسام بۇرۇنقى غەمكىن چىرايىڭغا ماسلاشتۇرۇپ يىنىك قەدەم ئېلىشلىرىڭ ئۆزگۇرۇپ سەنئەت ئۆمەكنىڭ قىزلىرىدەك شەھۋانىلىق ئارلاشقان كۆزلۈرۈڭ،يەر تىگىدىن مەسخىرلىك قاراشلىرىڭ ئادەمنى تولۇمۇ بىئارام قىلىدۇ.
يۈرەكتىكى گەپنى قىلسام ئاتالمىش قىرانچاغلىرىمدىن تارتىپ مەن ئەسلا ۋىسالىڭدىن ئۇمۇد كۇتۇپ باققان ئەمەس. پەقەت سنىڭ ئاشۇ كىشىنى مەس قىلىدىغان جامالىڭنى سىزغاچ شەھلا كۆزۈڭگە تويغۇدەك قارۋالغۇملا بار ئىدى، ئەمما ھازىر تويغۇدەك ئەمەس يىراقتىن كۆرۋىلىشمۇ بەك مۇشكۇل بوپ قالدى .، قارا ئەتىگەنلىك شەپەق ھىجران ئوتىغا كەچكى قىزىللىق ئىشقى ئوتىغا نەقەدەر ئوخشايدۇ ھە، كەچكى قىزىللىقنى كۆرگەن كىشىلا ھەقىقى زۇلمەت كىچىنىڭ تەمىنى تىتىيدۇ.
سنىڭ ئاشۇ جادۇ كۆزلىرىڭگە قاراپ كۆيۇپ يۇرگەن يۇرەكلەر نۇرغۇن دۇ ھە، ئەمما-مىنىڭ يۇركۇم كىيىنچە باشقا بىرى ئۇچۇن سوقسىمۇ ئۆپكەمنىڭ ئىككى قانتى ئارسىدىن مەڭگۇ سنى يۇشۇرۇن مارلايدۇ . مىنىڭ ئىككىنجى سۆيۇش نىشانىم بولغان ئاتالمىش مەھپۇبەمنى ئەسەبىلەرچە سويگۇنۇمدە سەن ئۇچۇن ئاللاھقا دۇئا قىلىمەن.ئەلۋىدا!



ئەلۋىدامەن سۆيگەن ئاشۇ گۈزەل قىز،
ئەلۋىدامەن دەسسەپ ماڭغان ئىز.
ئەلۋىدا قەلبىمدىكى مۇڭلۇق كۈي،
ئەلۋىدا قەلبىمدىكى شىرىن چۈش.


ئەلۋىدا يۇرۇكۇمنىڭ ئىشتىراكچىسى،
ئەلۋىدايۇرۇكۇمدىكى ئوتلۇق مۇھەببەت.
ئەلۋىدا بىز ئايلانغان باغچىلار ساڭا،
ئەلۋىداساڭا بولغان ۋاپا-ساداقەت.


ئەلۋىدا سۆيگۇمىزگە جۆر بولغان ناخشام،
ئەلۋىدا سۆيگۈمىزگە شاھىت بولغان ئاخشام.
ئەلۋىدا سۆيگۈمىزگە نۇر چاچقان قۇياش،
ئەلۋىدا سۆيگۈمىزگە يول ئاچقان باھار
.





ئۇيغۇرۇم



توردا
12سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
63 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قارىسام (ئەلۋىدا)نى كۆپ دەپسىز ،بىزلەگە ئەمەستۇ؟

(چاخچاق)
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-14 21:18

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.