- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-23
- تىزىملاش
- 2011-3-11
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 237سائەت
- جۇغلانما
- 8667
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 2156
- تېما
- 263
- توردا
- 237سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 33
- يازما
- 2156
- تېما
- 263
|
دادىغا بىرىلگەن مىدال
گىرمانىيىدە خىزمەتتە ئىنتايىن ئەستايىدىل ھەم مەسئۇلىيەتچان بىر ئاچال يۆتكۈگۈچى بار ئىدى. بىر قىتىم ئۇ ئىككى پويىزنىڭ ئۇ تۇرۇشلۇق ۋوگىزالىدىن ئۆتىدىغانلىقى توغۇرلۇق ئۇقتۇرۇش تاپشۇرىۋالدى، ئۇ بىر- بىرىگە قاراپ ئۇدۇل كەلگەن بۇ پويىزلارنىڭ بىرىگە ئاچال يۆتكىشى كىرەك ئىدى.
ئۇ ئاچال ئىغىزىغا كېلىپ ، يىراقتا بىر پويىزنىڭ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. يەنە بىر يۆنىلىشتىمۇ يەنە بىر پويىز گۈدۈك ياڭرىتىپ كىلىۋاتاتتى، ئۇ ئاچالنى يۆتكەشكە تەمشىلىپ تۇرغان پەيىتتە ، تۇيۇقسىز رىلىس ئۈستىدە ئوغلىنىڭ غەمسىز ئويناپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ قالدى. پويىز دەل ئاشۇ رىلىستىن ئۆتەتتى، بالا ئەتراپىدا بولىۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەرسىز، بىرخىلدا قىيغىتىپ ئويناۋاتاتتى.
ئاچال يۆتكىگۈچى يۈگۈرۈپ بىرىپ بالىسىنى قۇتۇلدۇرىۋىلىشنى ئويلىدى ، لىكىن ئۇ بالىسىنى قۇتۇلدۇرۇپ، ئاندىن ئاچالنى يۆتكىسە ، ۋاقىت يىتىشمەيتى، ئۇ ھالدا ئىككى پويىز سوقۇلۇپ كىتەتتى. ئۇ كۆپ ئويلاپ ئولتۇرمىدى.
ھايات-ماماتلىق پەيىتتە ، ئۇ ئوغلى تەرەپكە قاراپ<<تىز يىتىۋال!>> دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى-دە، ئاچالنى يۆتكىدى، پويىز خۇددى قۇيۇندەك ئۆتۈشكە باشلىدى.
ئاچال يۆتكۈگۈچى يەرگە يىقىلىپ چۈشتى، ئالدىدىكى رىلىسقا قاراشقا پىتىنالمىدى.
پويىز ئۆتۇپ كەتكەندىن كىيىن ، ئۇ ئوغلىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى كۆردى ، ئەسلىدە بالا دادىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا رىلىسقا چاپلىشىپ يىتىۋالغانىدى. پويىز بالىنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ كەتكەن، قورقۇپ كەتكەندىن باشقا ، ھىچقانداق يارلانمىغانىدى.
دادا ئوغلىنى باغرىغا بىسىپ خۇشاللىقىدىن يىغلاپ كەتتى.
كىيىن بۇ ئىش گىرمانىيە پادىشاھىنىڭ قۇلقىغا يەتتى، ئۇ بۇ ئاچال يۆتكۈگۈچىگە قاتتىق قايىل بولۇپ ، ئۇنى قوبۇل قىلماقچى بولدى،
ئاچال يۆتكۈگۈچى ئوردىغا كەلدى ، پادىشاھ ئۇنى تەرىپلىدى، ئاخىرىدا ئۇنىڭغا يەنە بىر شەرەپ مىدالى بەردى.
لېكىن ، نۇرغۇن كىشىلەر ، پادىشاھنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلغىننىڭ ئۆزى يىتەرلىك ئىدى، يەنە ئۇنۇڭغا ئەڭ ئالىي شان-شەرەپكە ۋەكىللىك قىلىدىغان مېدال بىرىش ئارتۇقچە دەپ قارىدى.
بۇ گەپكە قارىتا ھۆكۈمەت مۇنداق چۈشەندۈردى؛<< بىر ئادەمنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى ھەقلىق ، بۇنى ھەممە ئادەم قىلالىشى مۇمكىن ، لىكىن ھايات-ماماتلىق پەيىتتە دادىسىنىڭ گىپىنى ئاڭلايدىغان ، دادىسىغا ماسلىشالايدىغان بالىنى تەربىلەپ چىقىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، بۇ ئەمەلىيەتتە بىر دادىغا بېرىلگەن مىدال>>
مەنبە؛<<تەرمىلەر>>ژورنىلىنىڭ 2002-يىللىق 5-سانىدىن ئىلىندى.
|
|