پاك دۇنياغا ئىنتىلدىم چەكسىز 

پاك دۇنياغا ئىنتىلدىم چەكسىز، چىن كۆزۈمدە بېقىپ يېنىشلاپ. رەزىللىكنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئۆتۈپ كەتتىم كۆزەينەك تاقاپ. 
پاك دۇنياغا ئىنتىلدىم چەكسىز، ۋۇجۇدۇمنى قايتىدىن ياساپ. ناپاكلىكقا چۆكسەم مەن ئەگەر، رۇھىم كىزىدۇ چەكسىز ئازاپ، 
پاك دۇنياغا ئىنتىلدىم چەكسىز، ياخشىلارغا ،تىلەكلەر- تىلەپ. رەزىل ،پاسىق، بەت- نىيەتلەرگە، ئاللادىن ئىتقات- ئىمان تىلەپ . 
پاك دۇنياغا ئىنتىلدىم چەكسىز، ئەجىر-مىھنەت ياشاش نىشانىم. سايىدەك ئەگەشكەن شەيتانلار، قالسۇن ئارقىمدىن بۇلۇپ يىتىم. 
پاك دۇنياغا ئىنتىلدىم چەكسىز، ھىسلارغا باي غورورۇم بىلەن. ياشاش نىمە بىلمەن ئىنىق، تۇغۇلدۇم مەن ھامان ئۆلىمەن. 
مەنبە قەلىمىم |