ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 85|ئىنكاس: 3
go

ئۈچ كۆرۈنۈش

توردا
196سائەت 
نادىر تېما
دوست
43 
يازما
902 
تېما
121 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كىشىلەر ھەيدەرنى(ئالما قۇش)دېيىشىكەن، ئالما قۇش؟
بۇ قانداق گەپ؟ ئۇ دىگەن ئادەم تۇرسا!قاراپ تۇرۇپ ئادەمنى قۇش دەپ ئاتىسا بۇلامدۇ؟
دوستۇم ئەجەبلەنمەڭ! كۆزۈم كۆرمىگەن بولسا، مەنمۇ بۇنداق ئاتاشىقا قۇشۇلمىغان بۇلاتتىم. ھېلىمۇ بۇنداق(قۇش)لار ئىنىتايىن ئاز ئىكەن، ئەگەر كۆپرەك بولغىنىدا ، ماتورلۇق قاتناش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىگىسى مەن دېگۈچىلەر نەپەسىمۇ ئالالماي قالاركەن. ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك ،ئۇنىڭ قاتناش رازۋېدكا ئىشىلەيدىغانلىقى ئېنىق .ئۇنىڭ ئۇچىسىدا ھەيۋەتلىك سۈزۈك خىزمەت كىيىمى ،قولدا ھەر قانداق ئۇچارىمەن شوپۇرلارنى خالغاندا توسۇيالايدىغان بەلگە تاختسى بار ، ئۆزى بولسا گۇرپپا دەرىجىلىك ئەمەلدار. دوستۇم، تۆۋەندە ئۈچ كۆرنۈشنى نەزىرىڭىزگە سۇندۇم، كۆرۈپ بۇلۇپ، ئاندىن بىر نېمە دەرسىز.
Aكۆرنۈش
-توختا پىراۋاڭنى كۆرسەت!
-بۇلىدۇ، مانا.
-ئاپتومۇبىلنىڭ ئالدى كەينىدىكى چىراغلىرىنى ياندۇرۇپ كۆرسەت!
-ماقۇل.
-ھەي ئاداش ئاپتومۇبىلىنىڭ بىر قانچە يېرىنىڭ سىرى چۈشۈپ ماكچىيىپ قاپتىغۇ؟ يولدا ئادەم بېسىۋەتمىگەنسەن؟ يا ئاپتوموبىللار بىلەن سوقۇشۇپ كەتتىڭىمۇ؟ بولدىلا، 100يۈەن جەرىمانە تۆلە!
-ماگەپنى نېمىگە ئاساسەن تۆلەيمەن ؟قايسى نىزامدا...
-تولا ئەزىمىلىك قىلما جۇمۇ ! ھېلى بىكات، بىلەمسەن بۇ شەھەرنىڭ (مەدەنىيەتلىك شەھەر) دېگەن نامى بار ، بۇ ئەبجەق ئاپتوموبىلىنىڭ چوڭ كوچا بىلەن يۈرۈپ ياسىداق كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندۇ ھە؟ ئىناۋەتنى تۆكۈشىدە گەپ يوق . شۇنچىلىك ئىشىنىمۇ چۈشەنمەمسەن، قېنى پۇل چىقار!
-ھە، ئەستا كەچۈرۈڭ ، يېنىمىدا پەقەت 50كويلا تاماق پۇلى بار ئىدى. ئاز كۆرمەي...
-كۆرمەيۋاتامسەن ،ئۆزۈم يالغۇز ئالدىراشلىقىمىنى ؟ يېلىڭىنى چاينىساڭ ،ئاپتوموبىلىنى دەرھال پونكىت قۇرۇسىغا ئەكىرىپ توختات!
-بولدى... بولدىلا ...مانا ئېلىڭ، ئەمسە غاچچىدە تالون كېسىۋىتىڭ !
-نېمە تالون دەمسەن؟ئۇنداقتا چۈشكىچە ساقلاپ تۇر.
-بوپتۇ تالونىمۇ ئالماي.
ما گىپىڭ بۇلىدۇ. ئەمدى ھوشۇڭنى تاپتىڭ ، تىزرەك كېتىۋال.
Bكۆرنۈش
-ياخشىمۇسىز ئالما...يا...ياق!ھەيدەرجان ئۇكا؟ئۆزۈىڭىزنى يوقلاپ يىراق يىزىدىن كېلىشىم.
ھە، نېمە گەپ ؟
-مانا، بۇ ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈم...ھى ھى ھى ...
-ھىم، ناھايىتى بارى شۇ كاللىكەنغۇ بوپتۇ ،قۇبۇل قىلاي. ئەمسە،گىپىڭىنى ئەگەتمەي تىزراق قىل .
-سىزگە كۆپ رەخمەت، شۇ...بۇلتۇرقى ئاپتوموبىلىمىنىڭ نۇمۇر تاختسىنى ئالماشتۇرماقچى ئىدىم.يەنە يول ئاسىراش ھەققىي، مال يۆتكەش رەسىمىيەت ھەققىي، ئىلىگىرى تۆلمەي قالغان ...دېگەندەك رەسىمىيەتلەرنىمۇ ئۆزىڭىز ئەپلەپ سەپلەپ بىجىرىپ...
-بولدى چۈشەندىم، مۇشىنىچىلىك ئىشمىدى؟ بىراق ھەي بۇ ئىشىلار بىر قانچە ئادەمىنىڭ قولدىن ئۆتۈدىغان تۇرسا ، ئۇلارنىڭىمۇ گېلى بار دە!.
-مەيلى...مەيلى، ھېچقىسى يوق ! دەۋېرىڭ قۇلۇم كۆكسۈمدە، ئۇنداقتا نېمە كىرەك؟
-بوپتۇ، ئاڭلاپ تۇر،ئۆيۈڭدە بوردىغان قول ،غاز،توخۇ،لىم ياغاچ...دىگەندەك نەرسىلەر باردۇ بىر -ھە؟(تالقان ئۆتى )پەسىلى بۇ سەھرا دىگەندە.
-ئەلۋەتتە بار ،ئەتە كەچتە ھەممىنى نەق قىلمەن.
-ماقۇل ئىشىنىڭ ئىپىنى بىلىدىغاندەك قىلىسەن،لەۋزىڭىدە تۇرساڭلا كۆپ ئەس قاتىمىز تېخى.
Cكۆرۈنۈش
-قېنى ھەيدەرجان ئېغىز تىگىپ بەرسىلە،لايىقىدا بولمىسىمۇ.
-سەن ساھىبخان خادىدەك ئۆرە تۇرۇۋالماي، بىر يەردە ئولتۇرساڭچۇ؟ تەكلىپنى رەت قىلالماي كەلدۇققۇ مانا!تازىمۇ...
ئۆزۈمىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي ،پېقىر ھەيدەرنىڭ يېقىن دوستى بۇلمەن. ھەي ساھىبخان ئىلىكىڭىزدە ئاپتوموبىل، تراكتۇرلار باردۇ-ھە؟
-ھوي يۇنۇس،ھېچ گەپتىن ھېچ گەپ يوق، ئاغزىڭ ئېچىلىسىغۇ سېنىڭ، تۈزۈملەر ئېسىڭىدە باردۇ؟ ئىشىنى بۇزما جۇمۇ.
-ئۇنداقمۇ دەپ كەتمىسىلە،ئاغىنىلىرى توغرا ئېيىتىتى، ھازىر ئىككى ئاپتوموبىلىم ئىسىكىلاتتا قامىلىپ ياتىدۇ. ئۈچ تىراكتوردىن بىرسىلا ئىشلەۋاتىدۇ. ئىككى موتسىكىلىتىنىڭ رەسىىمىيىتى تېخى... شۇڭا، ئۆزلىرىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ كۆڭلۈمىنى ئىزھار قىلىماقچى ئىدىم.،-دېدى ساھىبىخان ھىجىيىپ.
-بولدى،قىل قېنى كۆرىمىز، قالدى ئىشىلار بولسا ئىلىتىپاتىڭىغا باغلىق، ياۋاش،مۇلايىمىلىقتا قوينىڭ قوزىسى -دە،بىز ھى ھى ھى -، ئۇ بىر قېتىم ھىجىيىپتى ، چىرايىنىڭ يېرىمىدىكى بۇلۇتلار تارقىدى، چاشقان بۇرۇتلۇق لىكىلىداپ ئىگىز-پەس بولدى،ئىڭەك ئاستىدىكى گۆشلىرى قۇيرۇق ياغدەك لىغىلىداپ كەتتى، شۇ ھامان ئۇنىڭ قاسقان شەپكىسى بىلەن يالتىراق تۈگىمىلىك پەلتوسى قوۋزۇققا ئىلىنىدى. ئۈزۈلمەي كەلتۈرۋاتقان لېگەرنلەردىكى گۆش، كاۋاپ، تەخسىلەرىدىكى قورىمىلار شىرە ئۈستىگە سىغىماي قالدى..كۇرۇپكىدىن قوش چىقىدىغان (ئىلى ئالىي ھارقى) نىڭ بوتۇلىكىلىرى كەينى-كەينىدىن بوشىغىلى تۇرىدى.
-ھەيدەر باشلىق خوشە!
-جېنىم دوستۇم ھەيدەر، مەن بىلەن بىزنى...
-ئەزىز مىھىمان، قۇلۇمىنى قايتۇرماي رومكىنى قوبۇل...
رومكىلارنىڭ جىرىڭىلغان ئاۋازى ھەيدەرنى ئاجايىپ سۆزمەن.
خۇشچاقچاق قىلىۋەتتى.. ئۇبارا-بارا كەيىپلىكىتىن قۇلىقى مىدىرلىغاندا، ئۆزىنىڭ تەۋەرۈك ناخشىسىنى ئېيىتىشقا باشلىدى.
سەن قۇشۇڭنىڭ بارىدا،
ئۆردەككە سال ھەم غازغا سال...
زىياپەت يېرىم كىچىدىن ئۆتكەندە ئاخىرلاشتى، كەچ كۈزنىڭ سوغۇق شامىلى يالىڭاچ شاخلارغا ئارام بەرمەستىن قۇترايتتى.(مىھىمان)مۇ گىلدىڭىشىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ بۇ (قوينىڭ قوزىسى)بوش كەلمەيۋاتاتتى.
-ھەي ساھىبىخان ، ھارىقىڭ قالتىسىكەن...يە...يەنە باردۇ؟
-بولمامدىغان مانا يەشىكىتە يەنە يەتتە-سەككىز بۇتۇلىكا تۇرمامدۇ؟ئالغاچ كەتسىلە.
-بەللى بايا ماڭا ئاقلاپ بەرگەن ئالمىلىرىڭ ئاغزىمىغا ئەجەپمۇ تېتىدى...ئەگەر بولسا بىر نەچچە يەشىككە قاچىلاپ ئاپتوموبىلىغا ئۆز قولۇڭ بىلەن ...
-چاتاق يوق !بۇ دىگەن قانچىلىك ئىش ئىدى.
-تو...توختا،...ئەمدى ئېسىمىگە كەلدى.كۆك كەپتەر باچكىسىنى شىپالىق دورا دىگەندەك قىلىۋېدىڭ،مىجەزىمىگە يېقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس...
-ھە بىلىدىم، ھازىرلا10-20نى تۇتۇپ سىم قەپەسىكە سولاپ بەرسۇن، ھەي جۈمەك قېنى سەن !
-ھوي... سە...سەن ئاغىنەدارچىلىققا يارايدىكەنسەن جۇما...بولدى...باياتىن دىگەنلىرىڭ يادىمىدا...مېنى ئىزدە...ئىشلىرىنىڭنى ئۆزۈم بىجىرىپ ،-مىھىمان ئۆزىنى ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچىگە خۇددى ئەسكى پالاستەك تاشلىدى.
چىرىغى چاڭ-توزان ئىلىكىدە غۇۋالاشقان پىكاپ كاتاڭ يولدا قاتتىق بىر سىلىكىنىدى-دە، خۇددى تاۋۇتتەك تەۋرەپ يۈرۈپ كەتتى.
مەنبە؛نىقابلانغان قاتىللار

توردا
8سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
111 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ راس ئىشمۇيا؟؟؟؟؟

توردا
196سائەت 
نادىر تېما
دوست
43 
يازما
902 
تېما
121 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش JALLATPADIXA نىڭ يازمىسى

ھازىر جەمىيئىتىمىزدە، پارىخورلۇق،ئالدامچىلىق، پۇلىنى دەپ ھەممە ئىشىنى قىلىشىتىن يانمايدىغان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ، مانا بۇ ھىكايىمۇ شۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشىلاش ئارقلىق جەمىئىتىمىزدىكى پارىخور، ئاچكۆز،ئەمەلدارلىق كىبىرى بىلەن جان باقىدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىغان... بۇ راسىت ئىش بولامدۇ،بولمامدۇ.... بەرىبىر رېئال تۇرمۇشىمىزدا يۈز بىرۋاتقان ناچار قىلىقىلارنىڭ بىرى.

توردا
61سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
504 
تېما
96 
يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك مەنىلىككەن ، رەھمەت سىزگە، ھارمىغايسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-11 08:48

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.