- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-10
- تىزىملاش
- 2011-3-17
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 35سائەت
- جۇغلانما
- 1432
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 252
- تېما
- 100
- توردا
- 35سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 0
- يازما
- 252
- تېما
- 100
|
سۈيدۈك يولىنىڭ يۇقۇملىنىشى ئاياللاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بۇ ئاياللار سۈيدۈك يولىنىڭ ئاناتومىيلىك ئالاھىدىلكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . چۈنكى ئاياللارنىڭ سۈيدۈك يولى قىسىقا بولۇپ، تەخمىنەن ،ئۈچ-تۆت سانتىمىتىر كىلىدۇ. سۈيدۈك يول ئىغىزى بىلەن چوڭ تەرەت چىقىرىش ئېغىزىنىڭ ئارىلىقى يىقىن . نورمال ئەھۋالدا ئادەملەرنىڭ سۈيدۈك يولى ئېغىزىدا باكىتىريىلەر مەۋجۇت بولىدۇ،لىكىن ھەر قىتىم كىچىك تەرەت قىلغاندا ، سۈيدۈك يولىدىكى باكتىريىلەرنى تازلاپ ئىقىتىپ چىقىرۋىتىدۇ.ئەگەر سۇنىڭ ئىستىمال قىلىنىشى ئاز بولسا ، سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىپ ،سۈيدۈك يولى ئېغىزىدىكى باكىتىريىلەر كۆپىيىپ ،سۈيدۈك يولىغا كىرىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
سۈيدۈك يولى يوقۇملانغاندا مۇنداق ئالامەتلەر كۆرۇلىدۇ؛
ئالدى بىلەن سۈيدۈك قىتىم سانى كۆپىيىدۇ ، پات-پات سىيىش ،سىيگەندە سۈيدۈك يولى ئىچىشىپ ،كۆيۇپ ئاغىرىش ، ھەتتا سۈيدۈكنى تۇتۇۋالالماسلىقتەك ئەھۋال كۆرۇلىدۇ. كىسەللىك ئالامىتى ئىغىرلىشىپ بۇ دەرىجىگە يەتكەندە سۈيدۈك دۇغلىشىپ ،قان ئارلاش كىلىدۇ.
سۈيدۈك يولى يۇقۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۇن تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتكە دىققەت قىلىش لازىم .
1. قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ بىرىش كىرەك . بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى كۆپ تەرلىگەنلىكتىن سۈيدۈك ئازىيىپ كىتىدۇ.شۇڭا قايناق سۇنى كۆپ ئىچىش ئارقىلىق ،سۈيدۈك قىتىم ساننى كۆپەيتىش كىرەك .
2. سۈيدۈك يولى ئېغىزىنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك . ھەر كۈنى يۇيۇش ،چوڭ تەرەتتىن كىيىن دېزنفېىكىسيلەنگەن قەغەز ئىشىلتىش لازىم.
3.ئەگەر سۈيدۈك يولى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلاردا سۈيدۈك يولى غىدىقلنىش ئالامىتى كۆرۇلسە ،كۆپلەپ قايناق سۇ ئىچىش ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىچىش لازىم.
مەنبە؛ << سالامەتلىككە دائىر 300 مەسلىھەت>>دېگەن كىتاپتىن ئىلىندى.
|
|