مەندە نۇقسان ، سېنىڭدە سەۋەن ، چۇنكى ، ئىنسان ساپ ئالتۇن ئەمەس .
تۈمەن سەمەن ئادەملەرگە تەن ،
چۇنكى ، ئىنسان دېگەن ساپ ئالتۇن ئەمەس. 
ئەمەللەر ئاز ، قەسەملەر تولا ،
خاتا باسقان قەدەملەر تولا .
خاتا باسقان قەدەملەر تولا .
خاتا يازغان قەلەملەر تولا ، 
چۇنكى ، ئىنسان دېگەن ساپ ئالتۇن ئەمەس.
ئۆز گېپىنى راست ، دەيدۇ بىرى ،
مەنمەنلىكتىن يۈرمەيدۇ نېرى .
بولدى بىرى پۇلنىڭ دىلبىرى ، 
چۇنكى ، ئىنسان دېگەن ساپ ئالتۇن ئەمەس.
بىرلىرىنىڭ ۋەدىسى يالغان ،
بىرلىرى بار يارىدىن تانغان .
بۇ سەۋەنلەر قەدىمدىن قالغان ، 
چۇنكى ، ئىنسان دېگەن ساپ ئالتۇن ئەمەس.
بېغىڭىزنى ئاچماڭ ئالدىراپ ،
باغرىڭىزغا ئاچماڭ ئالدىراپ .
بوينىڭىزغا سالماڭ ئالدىراپ، 
چۇنكى ، ئىنسان دېگەن ساپ ئالتۇن ئەمەس.
ئاپتورى - مۇھەممەتجان راشىدىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-4 16:07
|