ئۆلچەپ تۇرار ياخشى ، ياماننى ،
بۇ ئالەمنىڭ تارازىسى بار .
بۇغداي دىمەڭ شۇڭا ساماننى ،
بۇ ئالەمنىڭ تارازىسى بار . 
ماختانغاننى ماختىماس ئەسلا ،
ماختىغاندىن قاقشىماس ئەسلا .
ئىشىكىدە توختىماس ئەسلا ،
بۇئالەمنىڭ تارازىسى بار . 
ئالتۇن بولساڭ ئالتۇنسەن ئۇندا ،
مەجنۇن بولساڭ ،مەجنۇن سەن ئۇندا .
مەلئۇن بولساڭ ، مەلئۇنسەن ئۇندا .
بۇ دۇنيانىڭ تارازىسى بار . 
توي - مەرىكىدە ياكى ھازىدا ،
سەن ھەر كۈنى شۇ تارازىدا ،
قىش - زىمىستان ، باھار - يازىدا
بۇ دۇنيانىڭ تارازىسى بار . 
ئاپتورى - مۇھەممەتجان راشىدىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-4 16:19
|