مەنمۇ كەلدىم مەشرەپكە (ئاتەش ماكان)
ھەپتە بۇرۇن فاتىمە تەكلىپ قىلغان مەشرەپكە، كەلدىم مانا ئالدىراپ ، كاتتا سورۇن مەشرەپكە. تاپانلىرىم قىچىشىپ چىدىياماي زادىلا ، قايرىپ قۇيۇپ ھەممىنى چاپتىم شۇ ئان مەشرەپكە.
كەلسەم ئىزغا ياڭراپتۇ مەشرەپنىڭ ناۋاسى ، كۈڭۈلنى شات ئەيلىدى ئىزنىڭ سالقىن ھاۋاسى . چىقتى شۇئان ئالدىمغا ئىلىق چىراي ساھىپخان ، "ئورۇن ئېلىڭ تۆردىن "دەپ تەكەللۇپ قىپ ھەنۋاسى .
ھەيران قالدىم كىرىپلا مەشرەپ ئەجەپ قىزىپتۇ ، ھەممەيلەننىڭ ئالدىغا قەنت-گىزەكلەر تىزىپتۇ . مەشرەپخۇمار شائىرلار كەپتۇ تەرەپ-تەرەپتىن ، ئىلھامىرى قاينىغاچ شئېر -قوشاقار يېزىپتۇ .
مەنمۇ شۇ ئان جۆر بولۇپ چۈشتۈم ئۇسسۇل-ساماغا، قىقاس -سۈرەن ئالقىشلار كۆتۈرۈدى ھاۋاغا . سازەندىلەر ياڭرىتىپ مۇقاملارنى دەممۇ-دەم ، بىردە چالدى شوق كۈيگە ،بىردە مۇڭلۇق ناۋاغا .
مەشرەپ بىلەن تونۇشتۇق،قەدىناسلار بولۇشتۇق ، مەشرەپ بىلەن ھەممىمىز مانا ئىزغا ئۇيۇشتۇق . خاسىيىتى مەشرەنىڭ مانا شۇنداق دېيىشتۇق ، مەشرەپتە بارچىمىز خۇشال يايراپ كۈلۈشتۇق .
ئاخرىدا بارلىق دوستلارنى بىر مەيدان نازىركۇمغا تەكلىپ قىلاي ،قېنى ھەممىمىز چۈشۈپ مەشرەپنى تازا بىر ئەۋجگە چىقىرۋېتەيلى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا atax=makan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-30 13:06
|