ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر كۆڭلۈمدىكى سۆز ئىز مۇنبىردە ياڭرىدى مەشرەپ(فاتىمە)
كۆرۈش: 1900|ئىنكاس: 47
go

ئىز مۇنبىردە ياڭرىدى مەشرەپ(فاتىمە)    

Rank: 8Rank: 8

توردا
770سائەت 
نادىر تېما
10 
دوست
71 
يازما
1496 
تېما
233 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-30 06:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئىز مۇنبىردە ياڭرىدى مەشرەپ

قەھرىتان جۇت سۇغۇقنى ئۇزۇتۇپ ئىللىق باھار شامىلغا چۈمگەن، قۇتلۇق نۇرۇز كۈينى ياڭراتقان.ئېرىق-ئۆستەڭلەردە قارمۇزلار سەل بۇلۇپ ئاققان.ئانا زىمىن تەبىئەت شاتلانغان، كائىناتتىكى پۈتۈن جاڭلىق ئويغۇنۇپ تەن-تەنە قىلغان،دېھقان ئاتام ناخشا توۋلىغىنىچە ئېتىز بېشىغا ماڭغان..قۇياش نۇرنىڭ تەپتى كۆزلىرمىزنى چاقنىتىپ.باھارنىڭ شاتلىقىغا چۈمدۈرگەن مۇشۇ پەيىتتە.!ئىز مۇنبىرمىزمۇ جىم تۇرمىدى،ئەلۋەتتە،قەھرىتان سۇغۇقتىن ئامان ئىسەن ئاللانىڭ شەپقىتى بىلەن چىقۋالغان،ئانا زىمىن قوينىدا ئىز قالدۇرغۇچى چىھرى نۇرلۇق كۈلگۈن چىراي ئىزلىقلارئىللىق باھار پەسلىنىڭ شاتلىقىغا چۈمۈپ،داقا-دۇمباق نەغمە ناۋاسى بىلەن باھارغا جۆر بۇلۇپ،ئىز مەشرىپى ياڭراتماقچى بۇلىۋاتىدۇ.قېنى قاراڭ چىھرىدىن خۇشاللىق تەبەسسۇملىرى چاقناپ تۇرغان ئىزلىقلارغا......ئۇلار سەپ-سەپ بۇلۇپ شاتلىق ناۋاسى ئىچىدە،خوشنا مۇنبەرلەردىن كەلگەن مىھمانلارنى كۈتۋالماقتا!

ۋاي،كىملەردۇر ئۇلار ئىز مۇنبىرمىزدە ئۆتكۈزلىۋاتقان مەشرىپىمىزگە ئارلىقنى يىراق كۆرمەي ماشىنا-ماشىنىلىق ئاتلىق پىيادە كەلگەن .كۇچا مۇنبىردىكلەركەنغۇ؟ئەزىز مىھمانلار ئىز مەشرىپىگە كەلگىنىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز،قېنى تۆرگە مەھەمەت......


ۋوي،ئاۋۇلارچۇئەمدى؟ھە!كۆردۈم ئۇلار ئىزمۇنبىرى مەشرىپىگە ئىللىق باھارنىڭ يىدىنى ئېلىپ باھار شامىلىغا ئەگىشىپ،تەپتىدىن نۇر چاقنىتىپ كەلگەن قۇياش مۇنبىردىكى ئەزىز قېرىنداشلاركەنغۇ؟ھارماي كەپسىلەر قىزغىن قارشى ئالىمىز قېنى تۆرگە مەھەمەت.......


ئوھوي،بۇلارچۇ؟ئەمدى كىملەردۇر ھە !كۆردۈم،ئۇلار ئىزمۇنبىرى مەشرىپىگە ئادەمنى مەسخۇش قىغۇدەك پۇرقى بىلەن خۇش تەبەسسۇم چاقنىتىپ كەلگەن.ئالمىزار مۇنبىردىكى ئەزىز قېرىنداشلاركەنغۇ؟ خوش كەپسىلەر ئەزىزلەرقېنى سىلەرمۇ تۆرگە مەرھەمەت.......


ۋاي،قاراڭلار،قاراڭلار ،دوسلار ئىزلىقىلارنىڭ خۇشاللىقىنى ئىز مەشرىپى ئۆتكۈزۈلگەنلىك خەۋرىنى ئاڭلاپ قېن-قېنىغا پاتماي خوش بۇلۇپ كەتكىنىنى..

مەرھابا ھەممە يەردىن كەلگەن جان دوسلار،كەلگەن قەدىمىڭلاردىن گۈل ئۈنسۇن،چىھرىدىن تەبەسسۇم يېغىپ تۇردېغان.سايىپخان ئىزلىقلار ،سىلەرنى زىمىندەك باغرىنى كەڭ ئېچىپ ئەزىز مىھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.........

مانا تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن مىھمانلارمۇ يىغىلىپ بولدى.مەشرىپىمىز ئانا زىمىن تەبىئەت قوينىدا ئىز قالدۇرغۇچى كەڭ سەينا ئىزمۇنبىردە خۇش پۇراق گۈللەر بىلەن بىزىلىپ كۆركەم تەييارلاندى..

قېنى مەشرىپىمىزنىڭ تۇققۇز قىز،ئوتتۇر ئوغلى مەشرەپ خىزمەتلىرى جاي-جايىدا پۈتتىمۇ؟پۈتتى....ئەمسە مەشرەپنى ئابدۇللا ئابدېھرىمنىڭ جاراڭلىق ئاۋازدا ئېيىتقان<<مەشرەپ>>ناخشىسى بىلەن باشلايلى.......

ئانا يۇرتۇم ئاراتۆھپە،تۆھپە مىراس،مىراس بىباھا مەشرەپ،

بۇغۇلغان دەم نەپەسلەرگە شىپالىق ساپ ھاۋا مەشرەپ.

كامالەت تاپتى قوينىڭدا مۇقام ئەل نەغمە جانبازلىق،

ئەزەلدىن زاتى ئۇيغۇرغا ئىجازەتسىز راۋا مەشرەپ.


ناخشىدىن كىيىن مۇنبەر سەھنىسىگە تاققۇ-تۇققۇ سۆزلەپ ھازىرقى زامان ياشلىردەك كىينىگەن520 بىلەن گۈلمىيرە چىقىپ كەلدى.گۈلمىيرە خوتەن ئەتلىسدىن ئۈنچە بېسىپ تىككەن مۇراسىم كىيىپ بېشىغا گىلەم دوپپا كېيگەن ئىدى.

ئىككىسى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەشرەپ ئىز مەشرىپىگە خۇش كەپسىلەر دەپ سالام بەردى.

ئولتۇرغانلار گۈلدۈرقاراس چاۋاك ئاۋازى ياڭراتتى.....مىرشاپ بىگى 520 بىلەن گۈلمىيرە مەشرەپنى باشلاشتىن بۇرۇن ئۆزنىڭ جاپالىق ئەجرى بىلەن بىزگە مۇشۇنداق رەڭدار ،جەلىپلار،سەرخل ،قۇلايلىق تور مۇھىيتى يارتىپ بەرگەن،مەشرەپ سورۇنىنى ھازىرلىغان ئىز تورىنىڭ مۇنبىرنىڭ قۇرغۇچىسى بىكەت باشلىقى sql ئەپەندىم ئالىمجان ئەپەندىمگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.يەنى ئۆزنىڭ جاپالىق ئەجرى بىلەن مۇنبەرنى بېيتىپ كەلگەن مەشرەپ سورۇنىنى بىر قوللۇق تەييارلىغان فاتىمەخانىمغىمۇ كۆپ رەھمەت.....چاۋاك ئاۋازى قاتتىق ياڭرىدى.......

قېنى خوش جانابى مىرشاپ مەشرەپ قائىيدىسى بۇيچە يىگىت بېشىنى ئىلان قىلۋېتەمدۇق.دىدى گۈلمىيرە 520 مىگە بۇلىدۇ.

بۈگۈنكى ئىز مەشرىپىنىڭ يىگىت بېشى كۈسەن دىيارىدىن كەلگەن ،كۇچا مۇنبىرنىڭ ئالاھىيدە باشقۇرغۇچىسى ئىزمۇنبىردە تېتىملىق تىيمىلىرى بىلەن ئىز قالدۇرۋاتقان ئۆگەنگۈچى ئەپەندىم.

ھەممىمىزگە مەلۈم مەشرەپ ئەھلى،مەشرەپ ئەجداتلىرمىز ئارسىدا داۋاملىشىپ كەلگەن،ئىسىل كۆڭۈل ئېچىش تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدىنىيەت ،سەنئەت تۈرلىرمىزنىڭ بىرى.

بۇ مەدىنىيتىمىزگە ۋارىسلىق قىلىش كىيىنكى ئەۋلاتلارغا ئۆگتۈش بىزدەك سەنئەت خۇمار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ باش تارتىپ بولمايدېغان مەسئۇلىيتى.

مەشرەپتەك ئىسىل سەنئەت مىللى مەدىنىيتىمىزدە ،ئەدەپ-ئەخلاق قائىيدە يۇسۇن قاتارلىق نۇرغۇن مەدىنىيەتلەر ساقلانغان..

بۇ مەشرەپ سورۇنىنى تۇنجى بۇلۇپ كۇچا مۇنبىرىدىكى ئالى باشقۇرغۇچى خانقا ئەپەندىم،جاپادىن قوقماي ئاكتىپلىق بىلەن.كۇچا مۇنبىرنىڭ قۇرغۇچىسى مەنزىل ئەپەندىمنىڭ قوللىشى ئاستىدا ،ناھايىتى ئەتراپلىق باشلىغان بۇلۇپ.تۇنجى قېتىملىق كۇچا مەشرىپىنى خانقا ئەپەندىم،ناھايىتى داغ-دۇغلۇق بىلەن كاتتا ئۆتكۈزۈپ بەردى.مۇشۇنداق سەينا يارتىپ مۇنبەرلەر ئارا تۇنجى قېتىملىق مەشرەپنى باشلىغان خانقا ئەپەندىمگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت..مۇنبىرىڭلارنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ مۇنبەرنىڭ سەرخىلى بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.


بۇنىڭدىن مۇنبەرداشلار، مەشرەپتەك ئىسىل ئەنئەنە مەدىنىيتىمىزنىڭمۇ ،مۇنبەرلەر ئارا تەرەققى قىلىپ ئۆتكۈزۈلسە بۇلدېغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتۇق.

ۋە ئىككىنجى قېتىملىق مەشرەپ گۈل چېينى بىز ئىز مۇنبىردىن بۇرۇن قۇياش مۇنبىرى ئېلىپ مۇسلىمە خانىمنىڭ تىرىشچانلىقى،قۇياش مۇنبىرى كىرائۇس ئەپەندىمنىڭ قوللىشى بىلەن،قۇياش مەشرىپىنى مۇسلىمە خانىم ناھايىتى كاتتا داغ-دۇغلۇق سەرخىل ئۆتكۈزۈپ بەردى.شۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىلەرگە كۆپ رەھمەت قۇياش مۇنبىرنىڭ تېخىمۇ پارلاق ئىستىقپاللىق بۇلشىنى تىلەيمىز....

كۆپچىلىكنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئۈچۈنچى قېتىملىق مەشرەپ ئۆتكۈزۈش شەرپى بىز ئىزمۇنبىرگە نائىل بولدى.بۇنىڭدىن بىز شاتلىنىپ شۇنداق خوش بولدۇق،ھەم بۈگۈنكىدەك مەشرەپ سورۇنى ھازىرلىدۇق.

قېنى شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۇچا مۇنبىرى،قۇياش مۇنبىرى،ئالمىزار مۇنبىرى مەشرەپكە قەدەم تەشرىپ قىلىپ كەلگەن بارلىق مىھمانلارغا ئىزمۇنبىردىكى ئەزالار نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن...

ئەمدى ھۆرمەتكە سازاۋەر يىگىت بېشى ئۆگەنگۈچى ئەپەندىمنى سەھنىگە تەكلىپ قىلايلى.ئۆگەنگۈچى ئەپەندىم سەھنىگە مەرھەمەت......

مىرشاپ 520 مە قىززىقچىلىق قىلغاچ قاتۇرۇپ كاستۇم بۇرۇلكا كېيگەن ئۆگەنگۈچى سەھنىگە چىقتى....ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەريەرلىردىن ،ئاتلىق، ماشىنىلىق، ئايرۇپىلانلىق،پىيادە كەلگەن مەشرەپ ئەھلىگە سالام بەردى،مەشرەپمىزنىڭ ئىشتىراكچىلىرمۇ قىزغىن چاۋاك،،،چالدى......

يارشىملىق كاستۇم بۇرۇلكا كېيگەن يىگىت بېشى ئۆگەنگۈچى ئولتۇرغان تاماشىبىلاردىن بولغان مەشرەپ ئەھلىگە ئگىلىپ تۇرۇپ چوڭقۇر سالام بەردى،ۋە سۆزنى باشلىدى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىز مۇنبىرى كاتتا مەشرىپىگە قەدەم تەشرىپ قىلغان،يىراق-يىقىندىن كەلگەن چوڭ-كىچىك،توڭ-پىششىق،ياش-قېرى خۇش چىراي خانىم قىزلار،باتۇر جەبدەس قاۋۇل يىگىتلەر تىچ ئامان تۇرۇشلىمۇ.......؟مەن ئۆگەنگۈچىدىن ھەممىڭلارغا ئالى ئىھتىرام...!

مەشرەپ گۈل چېيى قولدىن قولغا ئۆتۈپ بىز ئىز مۇنبىرگە نائىل بۇپتۇ.كۇچا مۇنبىرى،قۇياش مۇنبىرى،ئالمىزار مۇنبىردىكى تورداشلار نامىدىن ئىز مەشرىپىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن،بىكەت باشلىقى sqlئەپەندىم ئالىمجان ئەپەندىمگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.

مەشرىپىمىزنىڭ خۇشال-خۇرام كۆڭۈللۈك ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسەمنى قۇشىمەن...چاۋاك ئاۋازى قاتتىق ياڭرىدى....

-رەھمەت ئۆگەنگۈچى ئەپەندىم.مەشرەپ قەدەم تەشرىپ قىلغان بارلىق مىھمانلارغا ئىز مۇنبىردىكى بارلىق تورداشلار نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن.ھەم مەشرەپ سورۇنىدا كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇپ بىرشىڭلارنى سورايمەن....چاۋاك ئاۋازى ياڭرىدى...

مەشرىپىمىز رەسمى باشلاندى...دەپ جاكارلىدى مىرشاپ520 مە،ئىز مەشرىپىنىڭ سۈرەتچىسى خەنجەر ئالدىراش سۈرەتكە ئېلۋاتاتتى..

ئالدى بىلەن مەشرىپىمىز ئىز مۇنبىردىكى قىز-يىگىتلەرنىڭ ئوينىغان ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلى بىلەن باشلاندى...

رىياسەتچى گۈلمىيرە نوۋەتتە ئاڭلايدېغىنىڭلار<<ئىزىمىز قالسۇن ئىزلاردا >>دېگەن سەلكىننىڭ ئىجادىيتى خەنجەرنىڭ ئاكۇرۇتلاشتۇرشى بىلەن ئۇرۇندالغان ئىز خورى...

بۇ خوردا سۈمەييە،شاتئاي،ئاي شولىسى،مۇسلىمە،مۇسلىمە خنىم،ئايگۈل،ئاقتوشقان،سەلكىن ،ئۇيغۇرۇم،مەردان،ئابدۇكۆرەش،ۋورۇد،شاخزادە،دىلدارىم،دەتمەن قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇنلىشىدا ئىز مارشى.......

ئىزدە بىز ،مۇستەھكەم
مەزمۇت قەددىمىز ،

پۈكۈلمەس ئىرادە ، داغدام يولىمىز .

چىن دوسلۇق ، دىيانەت بىزنىڭ ئەھدىمىز ،

ئەجدادلار يولىدا ئالغا باسىمىز .

ئىزدە بىز ، ياڭرايدۇ شادلىق كۈلكىمىز ،

سەمىمىي تىلەكلەر ، مەزمۇت رىشتىمىز .

باغلانغان ۋەتەنگە ،
ئوتلۇق قەلبىمىز ،

ياڭرايدۇ دوسلارغا ، قەلىب ناخشىمىز .

ئىزدە بىز ، مەڭگۈگە ئالغا باسىمىز ،

ۋەتەنگە ، خەلقىمگە شەرەب قۇچىمىز .

جەڭلەردە ، بەيگىدە ھەرگىز يانمايمىز ،

غالىبلار بېتىنى دائىم يازىمىز .

ئىزدە بىز ، باھادىر ئوغۇل – قىزلارمىز ،

سىردىشىپ ، ئىزدىنىپ ھەرگىز ھارمايمىز .

ساختىلىق ، يالغاندىن ئەسلا خالىي بىز ،

ھاياتلىق يولىمىز ، ئالغا باسىمىز


ئىز مارشىدىن كىيىن گۈلمىيرە يىنىڭ قەدەملىرى بىلەن520مىرشاپ گىــتتار بىلەن ھازىرقى زامان ناخشىسىدىن بىرنى ئېيتىپ بىرىشكە تەكلىپ قىلدى.

تانسىخانىدا


گۆپۈلدەيدۇ ئوت كەتكەن يۈرەك،
ھارارىتى ئۈچ يۈز گرادۇس.
قارچۇقلاردا چاقماق چايقىلىپ،
دىلدىن دىلغا قاتنايدۇ مېنبۇس.

بارماقلاردا ئاي بىلەن قۇياش،
«ۋىسال تاپتۇق!» دەۋەتمىگيىدى.
تانسا ئويناپ قىز بىلەن يىگىت،
بىر-بىرنى يەۋەتمىگىيدى....

((520 Studio)

شوخ ھازىرقى زامان ناخشىسىدىن كىيىن سەھنىدە ئولتۇرغانلار چاۋاكنى ئايماي چالدى.

ئەمدى ھوزۇرۇڭلاردا بۇلدىغىنى ئىراق مۇقامىدىن ئارىيە دەپ ئېلان قىلدى.گۈلمىيرە

سەھنىدە ئاتەش ماكان،دىلداش،ئوتياق،سەلكىن تىرەك بوستان،قاتارلىقلار مۇقامنى ئەۋجىگە چىقرىپ ئېيتتى.ئۇسسۇلچىلاردىن گۈلجامال،رىشتە،پەرىشتە،قاتارلىقلار مايماق-سايماق دەسسەپ ئوينىغىلى تۇردى.بۇلارغا قۇشۇلۇپ،مەردان،زۇلپىقار،دەتمەن قاتارلىقلار ئوڭ تەتۇر پىقىراپ بىرسى-بىرسىنىڭ پۇتىغا دەسسىشىپ يىقىلىشى بىلەن،سەھنىدە ئولتۇرغانلار كۈلكىسنى باسالماي قالدى...قىزغىن چاۋاك چېلىپ ياڭراتتى......

ئەمدى مۇنبىرمىزنىڭ تەكلىپلىك ئەزاسى مۇخەممەس يازغۇچىسى ئوتياق ئەپەندىمنىڭ لىرىكىلىردىن ھوزۇر ئالغايسىلەر.......

كېلىن سېنى باقىدۇ

( مۇخەممەس)

ھۆرمىتى بار كېلىننىڭ قانىتى بار ئۇچىدۇ،
ئىغىر گەپنى قىلسا گەر، دەرھال ئۆيدىن قاچىدۇ ،
يا بولمىسا ئۆيىدە ئىقتىسادنى چاچىدۇ ،
گەپ-سۆزلىرى ئاشكارە، ھەممە گەپنى ئاچىدۇ ،
كىلىن شۇنداق بولامدۇ، بۇ كۆلگە ياقامدۇ ؟

ھوقۇق بەرسە كىلىنگە، بوزەك قىلار ئانىنى،
ئىسسىق-سوغۇق قويىدۇ، قىرىغاندا دادىنى،
تىلى ئۆتمەس قىلىدۇ، باتۇر ئەزمەت بالىنى ،
قۇسۇر ئىزدەپ تۇرىدۇ، تاشلايدۇ ئۇ يارىنى ،
كىلىن شۇنداق قورۇقماس، دائىم شۇنداق ئۆتەمدۇ ؟

<< كىلىن بولسا قەن بولسا >> دەيدۇ تېخى ناخشىدا ،
ناۋات بالام دەپ قويسا ، كۇندە تېخى ناشتىدا ،
كۆڭلى ئەمىن تاپىدۇ، كىلىن دائىم قىشىدا ،
پەرۋانە بوپ تۇرىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ بېشىدا ،
كىلىن مېھرى ئاشۇنداق، دەريا بولۇپ ئاقىدۇ ...

كىلىن ياۋاش بولسا گەر، قاتتىق نانغا كۇچى يوق،
ئوغلى ئۆيدە ئەزىمەت، ئۈلگە بولار نوچى يوق ،
ئاتا-ئانا ئالدىدا، گېپى يوغۇن پوچى يوق ،
باي غوجامدەك ئۆتىدۇ، مەھەللىدە غوجى يوق،
كىلىن شۇنداق ھەم يۇمشاق، غەم-قايغۇغا پاتىدۇ .

كىلىن ئانا بولغاندا، كىلىن كېلەر ئۆيىگە ،
قىسمەت شۇنداق بولىدۇ، ئۆتنە ئالەم بىرىگە ،
قەدىرىنى بىلەيلى، ئاتا-ئانا مېھرىگە ،
ئىللىق دۇنيا كۆز ئاچار، خۇشخۇي مېجەز كىشىگە ،
كىلىن بولساڭ ئانىسەن، كىلىن سېنى باقىدۇ...

ئاپتۇرى: يۈسۈپجان سابىر ئوتياق

رەھمەت ئوتياق ئەپەندىم ياشاپ كىتىڭ قەلمىڭىز تېخىمۇ بەركەتلىك بولسۇن.ئاللا ئىگەم سىزگە ئەدەپ-ئەخلاقلىق ۋاپادار كىلىن بەرگەي...دېگەن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مەشرەپ ئەھلى چاۋاك چالدى.

520 ئىلان قىلىشى نۆۋەتتە مۇنبىرمىزنىڭ داڭلىق ئۇسسۇلچىلىردىن بولغان گۈلمىيرەنى ئۇسسۇل ئويناپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىمىز......چاۋاك...چاك...چاك..چاك....

گۈلمىيرەنىڭ ئۇسسۇلى تۈگشى بىلەن 520 نۆۋەتتىكى نۇمرىمىزدا خەنجەرنىڭ ئۇرۇنلىشىدا <<خۇتۇن ئالساڭ يىراقتىن ئال>> دېگەن ناخشىسى سۇنىمىز.

خۇتۇن ئالساڭ يىراقتىن ئال،

كۈندە بېرۋېلىپ يۈرمەيدۇ.

ئۇرۇپ تىللاپ قويساڭ ئەگەر،

يامانلاپ كۈندە كەتمەيدۇ.


خەنجەرنىڭ بۇ كۈلكىلىك ناخشىسى تۈگشى بىلەن تەڭ،ناخشىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن،پەرىشتە بىلەن شاتئاي ھكڭرەپ يىغلاشقا باشلىدى.ۋۇي،بۇ ئىككىسگە نىم بولغاندۇ ئەمدى.مەشرەپنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقاڭ قىلىپ كۆزۈڭلارنىڭ سۈينى چىقارماڭلار دەپ مىرشاپ تەنبىھ بەردى.

تۇساتتىن دات-دات يىگىت بېشى دەپ توۋلاپ پىنگىيار كىردى.يىگىت بېشى ئۆگەنگۈچى ھە!نىمە دەردىڭ بارقېنى ئېيىت،ھۆرمەتلىك يىگىت بېشى مەردان بىلەن ۋورد مەشرەپنىڭ قائىيدە يۇسۇنلۇرنى كۆزگە ئىلماي تۇققۇز قىزغا چاخچاق قىلغىلى تۇرۇپتۇ.شۇڭا قۇلاقتىن سوزغانچە ئەكىرشىم.بۇلارغا جازا بىرىپ مەشرەپنىڭ قائىيدە يۇسۇنلۇرنى ئۇبدانراق ئۈگتۈپ قۇيايلى...

بۇلارغا قانداق جازا بەرسەك بۇلار ،بولدى مەشرەپنىڭ يۈز خاتىرسىنى قىلىپ سىلەرگە پۇرسەت بىرەيلى.مەشرەپ ئەھلىنى كۈلدۈرەلىسەڭلار گۇناھىڭلاردىن كەچرۈم قىلىپ جازالىمايلى دىدى.

مەردان مەن باشتا كىلەي دەپ ،بىر كۈنى كىشىلەر ئەپەندىمدىن سوراپتۇ.ئەپەندىم يىڭى ئاي چىققاندا كونا ئاي نەگە كىتىدۇ دەپ سوراپتۇ.يىڭى ئاي چىققاندا،خۇدايىم كونا ئاينى توغراپ يۇلتۇز قىلۋېتىدۇ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ئەپەندىم.دەپ ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ...

ۋورد باشلاپ ،ئەپەندىمنىڭ بېشى پاينەك ئىكەن.بىر كۈنى ئەپەندىم ساتراچقا چاچ ئالدۇرۇپ ئەسلىدىكى باھانىڭ يېرمىنى تۆلەپ مېڭىپتۇ.-ئەپەندىم يېرىم باھا بەردىڭىزغۇ؟-دەپتۇ ساتراش سىزمۇ يېرىم باش چۈشۈردىڭىز-دە،ئەگەر خۇدانىڭ رەھمى كىلىپ،ياشلىقىمغا قايتۇرۇپ قويسا ،پۈتۈن باھا ئالسىزدەپتۇ ئەپەندىم.دەپ يۇمۇرلىرنى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ.

مەشرەپ ئەھلى ھەر ھالدا كۈلدى.گۇناھىڭلاردىن ئۆتتۇق بۇندىن كىيىن مەشرەپنىڭ تۈزۈم قايدىلىرگە بۇيسۇنۇڭلار.......

سەھنىگە سۆزلىگىنىچە يان بۇلاق چىقىپ كەلدى.ساقاللىرنى سىلىغىنىچە تۆۋۋە،تۆۋۋە،ھازىرقى زاماننىڭ باللىرغا نىمە بولغاندۇ.دەپ سۆزلەپ تۇراتتى .مەڭگۈ تاش چىقىپ كەلدى،ۋاي يان بۇلاق ئاكا قايناپلا كىتىپسىزغۇ؟ۋاي ئۇكام نىمسىنى دەيسىز قاينىماي تۇرالامدىم.قارمامسىز ئاۋۇلارغا ئۇلار ئوغۇل بالىمۇ يا قىز بالىمۇ؟يا قىز بالغا يا ئوغۇل بالىغا ئوخشىمايدېغان ،ھەررەڭ-سەررەڭ كىيىملەرنى كىيىپ چېچىنى پاختا ئاتقاندەك ئاخـتۇرۇپ يۈرگەن،ئۇيغۇرمۇ يا باشقا مىللەتمۇ ئۇلار دەپ قايناپلا كەتتى.مەڭگۈ تاش بولدى قاينىماڭ يان بۇلاق ئاكا ئۇلارنى سىز بىز ئۇڭشاپ بۇلالمايمىز.ھازىرقى زاماننىڭ ياشلىرى ئاشۇنداق باشقا مىللەتنىڭ،مەدىنىيتىگە كىيىملىرگە بەك ئىنتىلدىكەن.بولدى ئۇلار بىلەن كارىمىز بولمىسۇن.جۈرڭە ئىز مۇنبىردىكى مەشرەپكە كىچىكىپ قالماي تىز بارايلى،مانا بىزنىڭ خىلىمىز شۇ يەردە دەپ يان بۇلاق بىلەن ماڭدى.

شاتئاي سەھنىگە چىقىپ قۇياش مۇنبىردىن كەلگەن.ئاتەش ماكاننىڭ ئىز مۇنبىرگە ئاتاپ يازغان لىرىكىسى باركەن دەپ ئېلان قىلدى.


سالام ئىز مۇنبىرى

(ئاتەش ماكان)

ئەسسالام دەپ تۇنجى رەت ،

كىردىم بۈگۈن بۇ ئىزغا .

سالام بېرەي ئىزدىكى ،

يىگىتلەر ھەم قىزلارغا .


ئىزغۇشۇنداق ئاۋاتكەن ،

ھەيران قالدىم كىرىپلا .

كىرىپ كەتتىم تېمىغا ،

سالام -سائەت بېرىپلا .


قالدىم كۆزگە ئىشەنمەي ،

ئىزغۇ شۇنداق ئاۋاتكەن .

قىز -يىگىتلەر ئاندىن ئۇز ،

گەپ -سۆزلىرى ناۋاتكەن .


بىزىلىپتۇ بەك كۆركەم ،

سەھىپىلەر ھەم تولۇق .

خىزمەت قىلغاچ خەلقىمگە،

ماڭغان يولى بەك ئۇلۇغ.


تېمىلىرى مەزمۇنلۇق ،

چېكەر يۈرەك تارىنى .

تۆكەي دەيمەن بىراقلا ،

قوسىقىمدا بارىنى .


يىغىلىپتۇ ئىزتورغا ،

يازغۇچى ھەم شائىرلار .

ھەر جەھەتتىن يېتىشكەن،

قولى چىۋەر ماھىرلار .


قەدىرلەيمەن دوستلۇقنى ،

كىردىم شۇڭا دوست تارتىپ.

ئالدىراپلا چاپاننى ،

كىيمەي دۇلامغا ئارتىپ.


ئۈمۈدۈم شۇ دوستلۇرۇم ،

ھەمدام بولۇپ ئۆتەيلى .

بىز قۇرغان بۇ دوستلۇقنىڭ ،

مېىۋىسىنى كۈتەيلى .

520 بىلەن گۈلمىيرە لىرىڭىڭىزغا رەھمەت ئاتەش ماكان سوۋغىڭىزدىن تۇلىمۇ سۈيۈندۇق،قەلمىڭىز تېخىمۇ بەركەتلىك بولسۇن بولسا ئىزدا يىلتىز تارتىپ قالغايسىز...دەپ قىزغىن چاۋاك چالدى..

نۆۋەتتىكى نۇمرىمىزدا كۇچا مۇنبىردىن كەلگەن خانقا،پىيادىنىڭ ئۇرۇنلىشىدا <<دوپپا>> ۋەقەسى.خانقا نۇرۇزلۇق بايرامغا ئاتاپ چىرايلىق دوپپىسنى كىيىپ چىقتى.پىيادە يۇلۇقۇپ قۇچاقلاپ يىغلاپ سەۋرى قىل ئاغىينە دەپ سۆزلەپلا كەتتى.ھەيرانلىقتا قالغان خانقا نىملەرنى دەۋاتسەن نىمىگە سەۋرى قىلىمەن،يەنە پىيادە ئاغىينە نىرۋاڭدىن ئازمىغانسە؟ ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ.دەپ يەنە يىغلاپ تەسەللى بىرۋاتاتتى.......خانقانىڭ ئاچچىقى كىلىپ كىم ئۆلۈپتۇ تۇلا ئاغزىڭنى ئۈششۈتمە؟ئۇنداق ئىش يوق دىدى.پىيادە ئەمسە نىمىشقا دوپپا كىيۋالدىڭ.ئەي پىيادە ئاغىينە بۈگۈن نۇرۇز بايرىمى بولغاچقا،!...ئكزمىزنىڭ يارشىملىق دوپپىسنى كىيۋالدىم، بولماپتىما؟ھەممىڭلار نىمىشقا ئۆيۈڭدە ئۆلۈم بۇپتۇ دەپ يۈرۈيدېغانسىلەر....ھە!مۇنداق مىتتى بالدۇرراق دىمەمسەن ئادەمنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ،بولدى كەتتۇق بىز...دەپ پىيادە كىتىپ قالدى.خانقا تۆۋۋە،خۇدايىم ئەمدى دوپپىنى ئۆلۈم يىتىمدىلا كىيىپ، باشقا چاغدا كىيسەك بولمايدېغان، مۇشۇنداق غەيرى ئويلايدېغان ھالغا يىتىپ قالدۇقما؟

ياق بۇ دوپپا بىز ئۇيغۇرمىللىتىنىڭ بەلگىسى يارشىملىق باش كىيمى،ئۇنى توي-تۈركۈم باشقا چاغلاردىمۇ كىيشىمىز پەرزەنتىلىرمىزگە تۇنتىشىمىز دوپپا مەدىنىيتىنى ساقلاپ قېلشىمىز لازىم.!


مىرشاپ بىگى 520 ئەمدىكى نۇمرىمىزدا يىگىت بېشى ئۆگەنگۈچىنىڭ لىرىكىلىردىن دەپ ئىلان قىلدى....ھۆرمەتلىك مەشرەپ ئەھلى ئىز مۇنبىردە ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپ مۇناسىۋىتى بىلەن تورداشلىرىم،قېرىنداشلىرىم بىلەن دىدارلاشقىنىمدىن تۇلىمۇ خۇشالمەن.ۋە مۇشۇ پۇرسەتتە ياش باللارغا ئەگىشىپ بېرىپ دىيبادا ئولتۇرۇپ يازغان لىرىكامنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن.......

دىبا كۆرۇپ كەلمەمدۇق

(ئۆگەنگۈچى)

كۆزنى چاقار چىراقلار ، قۇلاق يارار دومباقلار ،
مەس-ئەلەستۇر ئەركەكلەر، ئۈيقۇسىزدۇر جۇۋانلار،
ئەر ئەمەستۇر غىتمەكلەر ، قىز ئەمەستۇر نايناقلار،
مەرەپ تۇرار ئوچكىلەر ، تىپچىكلەيدۇ تايچاقلار ،
مەن بولدۇم بۇگۇن بىكار، دىبا كۆرۇپ كەلمەمدۇق.


كۆڭۇل ئاچماق بۇ نىشان ، ساراڭلىققا ئېپ بېلەت،
مۇڭدىشاركەن بوپ مىھمان،باشلاپ يەنە سۆز -غەيۋەت،
ئول نازىن كۆرگەن ھامان، كۆزلىرىدە بار شەھۋەت،
بوز يىگىتكە تەلمۇرگەن ، قىزچاق چەكتى زەپ ھەسرەت،
كىرمەك ساڭا ئىختىيار ، دىبا كۆرۇپ كەلمەمدۇق.



ئادەملىكتىن بىر چېنىپ ، بىزمۇ ھايۋان بولمامدۇق ،
ھايات دىگەن مۇشۇ دەپ ، ئۆزنى ئالداپ كۈلمەمدۇق،
قىزلار كەتسە ئوينۈشۇپ ، كۆز چەكچەيتىپ قالمامدۇق،
تىرناق تاتلاپ يالۋۇرۇپ ، ئۆزدىن چەتنەپ كەتمەمدۇق،
ھەممە ئىشنىڭ ئىگىسى بار،دىبا كۇرۇپ كەلمەمدۇق .


پۇل بىلەنلا كۆڭۇل خوش ،بىرەر كۈنلۇك ،ۋاقىتلىق ،
كۈرۇپ ئۇندا شىرىن چۇش، چەتنەپ كەتتى رىياللىق،
تالىشىپ قاپقان قۇرۇش ، قۇربان بولدى ئىناقلىق ،
ئۇرۇپ يۈزنى ھەم ئاداش ، ئارىغا چۇشتى سوغاقلىق،
يانچۇغۇڭدا پۇلۇڭ بار ، دىبا كۆرۇپ كەلمەمدۇق.


دىبا دىگەن مۇشداق جاي ،دىمەس سېنى ھىچكىم ھاي،
كەچتىڭ پاتقاق ئاياق لاي ، بۇ دەرىتكە قانداق قىلاي،
ياتار جايىڭ بولار ساي ،ئويناپ بىردەم ناي،ناي-ناي،
دوسمۇ كەچتى ھاي،ھاي-ھاي،كىرگەندىكىن مەن چىداي،
ماڭغانسىرى يۈلۇڭ تار ، دىبا كۆرۇپ كەلمەمدۇق.


دىبا كۈرۇپ شاتلانما ، ۋاز كەچكىن خىيالىڭدىن،
ھاراق ئىچىپ قاتلاشما ، چاي ئىچكىن پىيا لەڭدىن،
ئۆز-ئۆزەڭدىن ياتلاشما ،كەچمە ئىنساپ ھايادىن ،
مەدىنيەتكە<پۇتلاشما> ،ھىس قىل چوقان-سادا دىن،
سەندەك ئەرمۇ تېخى بار، دىبا كۆرۇپ كەلمەمدۇق .

پاھ،،،پاھ،،نىمانچە ئىسىل ساترا بۇ!ياشاپ كەت بۇ ساترانى ئۇقۇغان باللار ئالا-يېشىل چىراق يېنىپ تۇردېغان دىيباغا ئىككىنچى دەسسىمەيدىغۇ.دەيمىز .دەپ كامىلجان،شەپقەت،كەپسىز0903،تەنخا تۇيغۇ لارنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.......

نۆۋەتتە ھوزۇرۇڭلاردا بولدىغىنى مۇنبىرمىز ئەزاسى ساپ تىلەك خانىم بىلەن مۇنبىرمىز ئەزاسى رىسىقى ئەپەندىمنىڭ ئۇرۇنلىشىدا غولجا خەلىق ناخشىلىرى.......


گۈلمىيرە،ھۆرمەتلىك يىگىت بېشى نۆۋەتتە قۇياش مۇنبىردىن كەلگەن، ئەزىز مىھمانلارنىڭ مەشرەپكە ئاتاپ ئەپ كەلگەن نۇمۇرلىرى باركەن.كۆڭلىمىزنى بىلدۈرسەك دەيدۇ،ۋاي بۇ خوش خەۋەركەنغۇ؟ئىز مەشرىپىنى قوللاپ ئالايتەن كەلگەن بۇ ئەزىز مىھمانلارنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىڭ......

قۇياش مۇنبىردىكى مۇسلىمە خانىم،ئاتەش ماكا،دىلخراج،پەرىشتە،كۆكچىن قاتالىقلارنىڭ ئۇرۇنلىشىدا كوللىكتىپ ئۇسسۇل.......

ئەمدى ھوزۇرۇڭلاردا بۇلدىغىنى مۇسلىمە خانىمنىڭ ئۇرۇنلىشىدىكى<<سەنچۇ جېنىم سېغىندىڭمۇ؟>>دېگەن ناخشىسى...چاۋاك ئاچازى ياڭرىدى...چاك....چاك...چاك...

سەنچۇ جېنىم سېغىندىڭمۇ؟


جىگدە يىدىگە ئۇرالغان ئەتراپ،

يۈرەكتە كۆترەر سەۋدا.

قۇلۇمدا ئىزتىراپلىق كۆي،

سەۋدالىققا يۈرەكلەر تەنھا.


ئىللىق باھار قوينىغا كىردىم،

تەنھالىقتىن قاچقىلى يىراق.

ئازاپلارنى قالدىم قۇچاقلاپ،

ۋۇجۇدۇمنى قىينىدى پۇراق.


ئەستىلىككە ئورالغان كۆز ياش،

ھېجرانلاردا داغلىدى يۈرەك.

سەنسىز باغلار كەتتىغۇ قۇرۇپ،

گۈللىرىممۇ ئاچماپتۇ پورەك.


بىرگە يۈرگەن باغلارنى كەزدىم،

كۆرۈنمىدى باغدا ئىزىڭمۇ.

يۈرەكلەردە سېغىنىش يىدى،

سەنچۇ جېنىم سېغىندىڭمۇ؟

ئۈ،،،ئۈ،،،ئۈ،،،ناخشىنىڭ مۇڭىدا ئەسلى ھوشنى يۇقتىپ يىغلاپ كەتكەن گۈلمىيرە،شاتئاي،ئاي شولىسى،مۇسلىمە،گۈلجامال،138 قاتارلىق قىزلاربۇرۇنلىرنى تاتقىنىچە كۆز ياشلىرنى ئېيتتى....

نۆۋەتتىكى نۇمرىمىزدا قۇياش مۇنبىردىن كەلگەن دىلخىراج، پەرىشتە، كۆكچىننىڭ، ئۇرۇنلىشىدا

ئىتوت...<< ئوغول باققانغا تويدۇم>>

دىلخراج ۋاي ،توۋۋا خۇدايىم ئۇغۇل بالىنىمۇ باقامدۇ ،بولا پەرىشتە تىز دەپ سۆزلىگىنىچە سەھنىگە چىقتى.پەرىشتىمۇ بولدى قىلسىلا دىلخىراج ئوغلىمىزنىڭ ئىنساپىنى بىرەر دەپ ئۇھسىنىپ ئولتۇردى.دىلخىراج مەن مەچچىتكە چىقىپ شام ئۇقۇپ كىرەي دەپ چىقىپ كەتتى.شۇ ئارلىقتا كۆكچىن يۈگرىگىنىچە كىردى،ۋە-پەرىشتىگە ۋاي ئاپا ماڭا پۇل بەر بولمىسا مىنى چانىۋېتىدۇ.دەپ يالۋۇردى.پەرىشتە،نەدىكى پۇلنى بىرمەن ھەممىنى سوروپ خەجلەپ تۈگەتتىڭغۇ؟بىزنىمۇ قاق سەنەم قىلىپ قويدۇڭ.داداڭ دىلخىراچ كىرگۈچە بۇ گىپىڭنى يۇغۇشتۇر، بولمىسا داداڭ يەنە رەنجىپ كىتىدۇ، دىدى.كۆكچىن تېخىمۇ ئەۋزەيلەپ،پەرىشتىگە...ياخشىلىقچە بەرسەڭ بەردىڭ بولمىسا ئۆزۈم ئالىمەن.دىدى.دىلخىراچمۇ كىرىپ كەلدى.ۋە يەنە پۇل دەپ كەلدىڭما نائەھلى دەپ يۈگرىگەن ئىدى.يالغان بۇرتى ئاجراپ چۈشۈپ كەتتى...كۆكچىن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ تىز يېتىۋال دەپ،دىلخراجنى ئۇرغان دەك قىياپەتتە ئىتتىرۋەتتى...پەرىشتە چىقىپ ۋاي داداڭنى نىمە قىلدىڭ دەپ يىغلاپ كۆكچىنگە يۈگۈرگەن ئىدى.كۆينىكىنىڭ پىشىنى سەھنە پۇل تاختىيى قىسۋېلىپ ئۇمۇ يىقلىپ چۈشتى...بۇنى يۇشرۇش ئۈچۈن كۆكچىنمۇ ۋاي دادا، ئاپا نىم بولدىڭلار دەپ يىغلىغاندەك قىياپەتتە ئۆزىنى ئاتتى.

سەھنىدە ئولتۇرغان مەشرەپ ئەھلى كۈلكىسىنى باسالماي چالغان چاۋاكلىرى بىلەن ئاخىرلاشتى.


گۈلمىيرە بىلەن مىرشاپ 520 چىقىپ .مەشرەپ ئەھلىگە بىر خۇش خەۋەر بار ......بۇگۈنكى ئىز مەشرىپىدە ئىزمۇنبىرنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئامان شاھنىڭ توي چېينىمۇ تەڭ ئىچمەكچى بولدۇق.شۇڭا بۈگۈن ئىزدا قوش خۇشاللىق ياڭرىدى،دىدى.يىگىت بېشى ئۆگەنگۈچى بۇ ئالەمچە خۇشاللىقكەنغۇ؟قېنى تۇققۇز قىز ئۇتتۇز ئۇغۇل ئامانشاھ بىلەن بىللە،كىلىنچەك ئاينۇرنى ئىز مەھەللىمىزگە كۆچۈرۈپ مەشرەپ بىلەن توينى تەڭ ئوينايلى دەپ جاكار سالدى.تۇققۇز قىز ئوتتۇز ئوغولنىڭ ھەمراھلىقىدا داقا-دۇمباق چېلىپ ئۇسسۇل ئويناپ ئاينۇرنى ئىز مەشرىپىگە كۈچۈرۈپ كەلدى..

..ۋاي،ۋۇي قاراڭلار مەشرەپ ئەھلى بۇ بىر جۈپلەرگە خويمۇ ماسلاشقان بىر جۈپلەركەنغۇ؟ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز دېگەن شۇ -دە،دىيىشتۇق.ئامانشاھنىڭ ئاپىسى چىقىپ كىلىنچەكنىڭ يۈزىنى ئېچىۋەتتى...قېنى ئەمسە قۇتلۇق توي ناخشىمىز مەشرىپىمىزگە جۆر بۇلۇپ تەڭ ياڭرىسۇن...بارچە مەشرەپ ئەھلى ئۇسسۇلغا تەڭ چۈشسۇن دەپ توي ناخشىسى ياڭرىدى...

كۆپچىلىك بۇ ئىككى ياشقا بەخىت ئاللادىن چەكسىز تىلىشىپ قىزغىن چاۋاك چېلىپ دۇئا قىلدى..

گۈلمىيرە خوشلۇقىدا مايماق-سايماق دەسسەپ پۇتلۇشۇپ سەھنىگە ئاران چىقتى.

نۆۋەتتىكى نۇمرىمىزدا،ئىزمۇنبىرمىزنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزالىرىنىڭ ئۇرۇنلىشىدا چاتما ناخشىلار...ئەپسۇن،ئاي جىلۋىسى،سۈمەييە،138 خېنىم،مۇسلىمە12،غېرىپ،رامىجانى،راھىپ،تىرىشكىن،نەركىزە،گۈلمىيرە،ئاي شولىسى،قاتارلىقلار...

ئەپسۇن،سۈمەييە

ئالما ئاتسام دەرياغا،

لەيلىۋېلىپ چۆكمەيدۇ.

سەن يايرىمنىڭ ئوتلىرى،

يالقۇنلايدۇ ئۆچمەيدۇ.

138 خىنىم

كىچە ياتسام چۈشۈمگە،

ئاي پارلىدى ئاسماندا.

دەرىزەمدىن قارايمەن،

سەن بارمۇ يار قېشىمدا.

ئاي جېلۋىسى


سان سىپىرنى قۇيۇپسەن،

ئىسمىڭ يوقمۇ مەلىكەم.

ئۆيۈڭگە ئەلچى ئەۋەتسەم،

مەيلىڭ بارمۇ مەلىكەم.


مۇسلىمە،غېرىپ

تاڭدا تىلەك تىلىدۇق،

يەتكۈزسۇن دەپ ئاللاغا.

غېرىپ بىلەن سەنەمدەك ،

قويمىسۇن دەپ ھىجراندا.

رامىجانى

ئىشىك ئالدى پو تىرەك،

خە بۇلامدۇ، بولمامدۇ.

نەركىزە دېگەن قىزچاق،

يار بۇلامدۇ،بولمامدۇ.

نەركىزە

ماڭا تەلەپ قويسىڭىز،

ماشىنا ئۆي تەييارلاڭ.

يايرىم بۇلۇش شەرتىنى،

رامىجانى رارۇس ھازىرلاڭ.


ئاي شولىسى، راھىپ


گۈلباغلارغا كىردۇق بىز،

گۈللەرنى ئۈزەيلى دەپ.

ئاي شولىسى ،بىلەن راھىپ،

مەشرەپتە تازا ئوينايلى دەپ.


تىرىشكىن

دۇتتار چالىمەن يايرىم،

تۈن نىسپىدە مەھەللەڭدە .

ئەجەپ ئىچىڭ ئاغرىمايدۇ،

ئۆلسۇن دەمسەن گۈلمىيرە.


گۈلمىيرە


دوستار چالساڭ مەھەللەمدە،

كىم چالغاندۇ دەپتىمەن.

سىنىڭ چالغىنىڭنى بىلمەي،

مۇڭلىنىپ ئاڭلاپتىمەن.


ئوخخو،ئوخخو،بۇلارنىڭ ئېيتقان خەلىق ناخشىلىردىن ئۆرگىلەيلى دەپ مەشرەپ ئەھلى ئالقىشلاپ ،چاۋاكلار،توختىماي چېلىندى.

ئەمدى مۇنبىرمىزنىڭ باشقۇرغۇچىسى سەلكىننىڭ ئۇرۇنلىشىدا مەشرەپ ئۇ بىر مەكتەپ دېگەن ناخشىنى ھوزورىڭلارغا سۇنىمىز.

ئەدەپ ئەخلاق سورۇنى مەكتەپ،

ئۇيغۇرۇمنىڭ غورورى مەشرەپ.

قۇچىقىدا تاۋلايدۇ ھەر بىر زاتنى،

ئۇ مىسالى گۇياكى مەكتەپ.



سەلكىننىڭ ناخشىسى ئاخىرلىشى بىلەن مەشرەپ گۈل چېيىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن.باشقا مۇنبەرلەر تەلەي قاپىقىنى ،تارتىشىپ تالاش تارتىش قىلغىلى تۇردى.

مىرشاپ520 يىگىت بېشىغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. يىگىت بېشى ئۆگەنگۈچى مەشرەپنىڭ قائىيدىسى بۇيچە كىلەركى قېتىم ئۆتكۈزلىدېغان، مەشرەپنى بىكىتىۋېتىپ ئاندىن مەشرىپىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى دىدى.مىرشاپ قايسى مۇنبەردىكىلەر قائىيدە يۇسۇنلىرمىزغا بويسۇندى. يىگىت بېشىغا مەلۈم بولغاي، ئالمىزار مۇنبىردىكىلەر ،مەشرەپنىڭ قائىيدە يۇسۇنلۇرغا بويسۇنۇپ.مەشرەپ گۈل چېيىنى ئۆتكۈزۋالساق دەيدۇ.بۇلىدۇ ئەمسە !......

ئالمىزار مۇنبىردىن كەلگەن ئۇيغۇرۇمنى سەھنىگە تەكلىپ قىلايلى.يىگىت بېشى ئۆگەنگۈچى مىرشاپقا تەلەي قاپاق كەلتۈرۈلسۇن،دىدى. خەنجەر تەلەيلىك قاپاقنى سەھنىگەئېلىپ چىقتى...پۈتۈن مەشرەپ ئەھلىنىڭ كۆزى تەلەيلىك قاپاقتا ئىدى.كۈتكەندەك تەلەيلىك قاپاقتىن ئالمىزار مۇنبىرنىڭ ئىسمى چىقتى.كىيىنكى قېتىملىق ئىزمەشرپ گۈل چېيىنى ئۆتكۈزۈۋالغۇچى تەلەيلىك ئۇرۇن.،ئالمىزار مۇنبىرى.ئەمدى بۇ قېتىملىق مەشرەپنى ئۆتكۈزگەن فاتىمە خانىمنى، كىلەركى قېتىملىق مەشرەپ ئۆتكۈزۈۋالغۇچى ئۇرۇن،ئالمىزار مۇنبىردىكى ئۇيغۇرۇمغا مەشرەپ گۈل چېيىنى ئۆتكۈزۈپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىمىز...



ئەزەلدىنلا ئۇيغۇرۇمغا خاس ئانا مەشرەپ،

كۆڭۈللەردىن كۆڭۈللەرگە تارالغان مەشرەپ.

گۈل چاي تۇتۇپ مۇنبەر ئارادوسلۇق ياڭرىتىپ،

قولغا-قولغا ئۆتۈپ دوسلۇق رىشتى باغلىغان مەشرەپ.



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىز مۇنبىردە ئۆتكۈزۈلگەن. مەشرەپكە قاتناشقان بارچە مەشرەپ ئەھلى،مەن ئالمىزار مۇنبىردىكى ئۇيغۇرۇمدىن مەشرەپكە كەلگەن مىھمانلارغا ئالى ئىھتىرام،!كەلگەن قەدىمىڭلار مەرھابا،مەن بۈگۈنكى ئىز مۇنبىردە ئۆتكۈزۈلگەن كاتتا ھەم داغ-دۇغۇلۇق مەشرەپنىڭ تاكى ئاخىرلاشقۇچە بولغان ئارلىقتا مۇۋاپىقىيەتلىك كۆڭۈللۈك بۇلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن.كىيىكى قېتىملىق مەشرەپ گۈل چېيىنىڭ قولدىن-قولغا ئۆتۈپ ئالمىزار مۇنبىرگە يەتكەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.ھەم ئالمىزار مۇنبىرگە ۋاكالىتەن مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىزمۇنبىرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن...دىدى.

يۇقارقىدەك قائىيدە يۇسۇن خۇشاللىق كەيپىيات ئىچىدە مەشرەپ گۈل چېيى ئۆتكۈزۈپ بىرىلدى.

چاۋاكلار ئايماي چېلىندى.......

ھۆرمەتلىك يىگىت بېشى كۇچا مۇنبىردىن كەلگەن خانقانىڭ مەشرەپ ئەھلىگە،دەيدېغان سۆزلىرى باركەن.قېنى ئەمسە مەشرەپ ئەھلىنىڭ دىققىتى خانقا ئەپەندىمدە بولسۇن.

خانقا ئۆھ،ئۆھ، دەپ گېلىنى قىرىپ تۇرۇپ .بىز ئۇيغۇرلاردا باللىرىڭنى مەشرەپكە بەر ياكى مەكتەپكە دەيدېغان ھىكمەت بار.ھەممىمىز بۇ ھىكمەتنى،ئىسىمىزدە چىڭ ساقلاپ،باللىمىزنى ئەدەپ ئەخلاقلىق،شەرمىي،ھايالىق قىلىپ تەربىيلەيلى.ئۇيغۇر باللىرى ئۇيغۇردەك قائىيدە يۇسۇنلىرمىزنى،مەدىنىيتىمىزنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن.مەشرىپىمىز مەڭگۈ ياڭرىسۇن،دەپ سۆزنى ئاخىرلاشتۇردى.

مەشرەپ سۈرەتچىسى خەنجەر ئالدىراش سۈرەتكە ئېلىش بىلەن بۇلۇپ كىتۋاتاتتى.قېرىشقاندەك تېلفۇنلىرمۇ توختىمايدۇ.بۇ بالىنىڭ ئەمدى كامىيرانى قۇلىغا ئالسا يەنە سايراپ.ئاخىرى ئاچچىقىدا ۋاقىراپ تېلفۇننى ئېتۋېتىپلا قۇتۇلدى...مەڭگۈتاش بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ۋاي،ۋاي،خەنجەر ئۇكا ئۇنداق قايناپ كەتمەڭ،ئاچچىقىڭىزدا ئالغان سۈرەتلىرڭىز ياخشى چىقمىسا.مەشرەپ ئەھلى تاناۋىڭىزنى قىرىق گەز تارتىدۇ جۇمۇ؟دەپ تەنبىھ بەردى.

گۈلمىيرە بىلەن 520 چىقىپ سەھنىگە ،ھۆرمەتلىك مەشرەپ ئەھلى مەشرىپىمىزنىڭ ئاخىردا كۆپچىلىكنى ئوپچە ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلىمىز،قېنى مەشرەپ ئەھلى سورۇنغا مەرھەمەت.......رىياسەتچى شاتئاي بىلەن 520 ئىلان قىلىپلا ئۆزلىرى ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتتى.

پاھ،پاھ،پاھ،بۇلارنى ئاران تۇرۇپتىكەنمۇ نىمە؟ ئويناڭلار ھەممە مۇنبەردىن كەلگەن مەشرەپ ئەھلى تارتىنماي سەھنىدىن چاڭ چىقىرۋېتىڭلار،دىدى.يىگىت بېشى.

ھەممىسى ئۇسسۇلغا چۈمگەن مۇشۇ پەيىتتە سەھنە ئارقىسىدا مەشرەپ ئەھلىگە تەييارلانغان،ھەر خىل تائاملارنىڭ پۇرقى مەشرەپ ئەھلىنىڭ دىمىقىغا ئۇرلۇپ تۇراتتى.

قىزغىن شوخ ئۇسسۇل ئاخىرلاشقاندىن كىيىن،مەشرەپ ئەھلىگە زىياپەت بىرىلدى.مانا بۇ مەشرەپ ئەھلىگە تەييارلانغان زىياپەت.قېنى مەشرەپ ئەھلى تارتىنماي بېقىڭلار......




ئاخىردا زىياپەت بىرلىپ بولغاندىن كىيىن مەشرەپ ئەھلى قىزغىن كەيپىيات بىلەن قايتىشتى .ئىز مەشرىمىز ئۇڭۇشلۇق قىزغىن كەيپىياتتا ئاخىرلاشتى...ئەمسە كىلەركى قېتىم مەشرەپتە كۆرۈشكىچىلىك ھەممىڭلارنىڭ ئالتۇن تىنى ئامان بولغاي ئىشلىرىڭلار بەركەت تاپقاي......
خەيرى -خوش،مەشرەپ ئەھلى كىلەركى قرتىم مەشرەپتە كۆرشەيلى...
ئىزمەشرىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.....
مەنبە مەن ئۆزەم شۇ؟



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mamatjan005 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-30 10:56

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

Rank: 8Rank: 8

توردا
896سائەت 
نادىر تېما
دوست
74 
يازما
2031 
تېما
82 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-30 06:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم؟









بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mamatjan005 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-30 09:50

پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىقىمدىن.

توردا
251سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
286 
تېما
34 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-30 09:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

پاھ ! پاھ ! پاھ ! ، - قاراڭلار ، ئىز مەشرىپى نىمانداق قىزىپ كەتتى .






ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تۈمەن ئىزلارنى دەسسەپ ، ئىز مەشرىپىگە قەدەم تەشرىپ قىلغان ، مېھرىبان ، چوڭ - كىچىك ئەزىز قېرىنداشلىرىم ، سىلەرگە ، كۇچا مۇنبىرى www.kuqa.cn ئوتتۇز ئوغۇل - توققۇز قىز مەشرەپ ئەھلىدىن ئالى سالام ! كەلگۈسىڭلارنىڭ پارلاق ، نىشانىڭلارنىڭ غەلبىلىك بولىشى بىلەن بىرگە ئولۇغ ئاللاھتىن , تېنىڭلارنىڭ سالامەت بولىشىنى تىلەيمەن .
قەدىمى كۈسەن ، كۇچا دىيارىدىن ، قىسقىغىنە سالىمىنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە ئازغىنە سوۋغىلىرىمنىمۇ ئالغاچ كەلدىم ، قېنى بىرگە بولسۇن .











بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hanka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-30 12:32

Rank: 8Rank: 8

توردا
896سائەت 
نادىر تېما
دوست
74 
يازما
2031 
تېما
82 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-30 09:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم؟
ئىز مۇنبىرىدىكى مەشرىپىمىز نۆۋەتتە مۇنبەرلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن 4-سان مەشرەپ بولۇپ؛فاتىمەنىڭ زور تىرىشچانلىقىدا باشلاندى،مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىز مۇنبىرىدىكى بارلىق مۇنبەرداشلا نامىدىن،فاتىمە ئاچامغا ئالاھىدە رەھمتىمنى ھەم ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن مەشرىپىمىزنىڭ داغدۇغىلىق ئىلىپ بىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن...
مەنمۇ قۇرۇق كەلمىدىم، قىنى ئەمسە تۆۋەندىكى نۇمۇر ھوزۇرۇڭلادا بولسۇن...








پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىقىمدىن.

توردا
435سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2448 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-30 10:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ئىزمۇنىبىردىكى قىرنىداشىلار ياخىشىمۇ سىلەر ؟ نۆۋەتتە ئىز مۇنىبىردا داغىدۇغىلۇق ئىز مارشى ياڭىرىماقىتا . گەرچە مەن ئىز مۇنىبىردىكى دوسىلارغا سوغا ئېلىپ كېلەلمىگەن بولىساممۇ . ئىز مۇنىبىردىكى دۇسىلارغا چىن - كۆڭىلۇمىدىن سەمىمى - سالمىمىنى ئېلىپ كەلىدىم . مەن ئىز مۇنبىردىكى جاپاكەش ، كىچە -كۇنىدۇز ھاردىم - تالىدىم دېمەي ئىزىدىنىۋاتىقان قىرىنىداشىلىرمىغا چىن - قەلىبىمىدىن سېغىنىپ سالام . بۇنىدىن كىيىنمۇ . غەلىبە سىلەرگە مەنىسۇپ . داۋامىلىق تىرشىڭىلار . ئامەت سىلەرىگە مەنىسۇپ ، مەشىرەپىنىڭ داغىدۇغىلۇق ئېلىپ بېرلىشنى چىن - قەلىبىمىدىن ئۆمۇت قىلىمەن


توردا
946سائەت 
نادىر تېما
دوست
23 
يازما
1232 
تېما
123 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-30 11:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

قۇياش، ئايغا ھەمراھ بۇلۇپ داۋان ئاشسۇن ئىز .
ئۇسۇل ئويناپ مەشرەپ قاينىتايلى بۇگۇن بىز ،
قېنى سىلە 30ئۇغۇل 9 قىز ؟
ناخشا تولاپ ئۇسۇل ئويناپ قىززىتايلى مەشرەپنى بىز .

بۇگۇنكى مەشرىپىمىزنىڭ داغدۇغۇلۇق ، قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكۇزىلىشىنى چىن كوڭلۇمدىن ئۇمۇت قىلىمەن .

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-30 11:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،ئىز تورنىڭ قۇرغۇچىلىرى،ۋە ئىز تورىنىڭ بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتلارغا ئىرىشىش يولىدا ھاردىم-تالدىم دىمەي ئۈن -تىنسىز تۆھپە قۇشۇۋاتقان ئەزىز قىرىنداشلار،ۋە ئىز تورىغا مەنىۋى ئوزۇق بىرىپ كىلىۋاتقان ئەزىز قىرىنداشلىرىم،كەمىنە مۇسلىمەدىن ئىز توردىكى بارلىق تورداشلارغا ئالى ئىھتىرام!
مەشرەپ گۈل چىيى قولدىن -قولغا ئۆتۈپ مانا نۆۋەت بىزنىڭ ئىللىق ئائىلىمىز،خۇشاللىق ئارامگاھىمىز،بولغا ئىز تورىغا نائىل بوپتۇ.شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ئىز مەشرىپىنىڭ كۆڭۈللۈك،خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن،ھەم ئىز تورىنىڭ بوندىن كىيىنكى تەرەققىياتلىرىنىڭ ئۈتۈقلۇق بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلىەيمەن.ئىز تورى مەڭگۈ گۈللەپ ياشنىغاي!
گەرچە مەن باشقا قىرىنداشلىرىمغا ئوخشاش ئىز مەشرىپىگە سوۋغا ئىلىپ كىلەلمىگەن بولساممۇ،يۈرۈكۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئۇرغۇپ چىققان بۇ ئوتلۇق سالىمىمنى ئىلىپ كەلدىم .قوبۇل قىلارسىلەر.غەلبە مەڭگۈ ئىزغا مەنسۇپ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-3-30 12:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەشرىپىنى زور كۈچ بىلەن تىرىشىپ ئىز مۇنبىرىدە نامايەن قىپسىز.ئۇلۇغ ئاللا قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن،بۇندىن كىيىنكى يېزىقچىلىق ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن.

توردا
1465سائەت 
نادىر تېما
دوست
51 
يازما
1883 
تېما
159 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-30 13:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ مەشرەپ خېلى داغدۇغۇلۇق بوپتۇ ...........مەن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
ئاكاشنىمۇ تەكلىپ قىلغان ئىدىم ، شىركەتنىڭ ئىشلىرى بېسىۋالدى ئىنىم ،
لېكىن چۇقۇم بارىمەن›› دەۋاتقان ئەمدى كەپتۇ مانا .......... ئەمدى
ئۇ مەشرەپ دىگەن ناخشىنى بىر ئېيتىپ بەرسۇن چاۋاك !!!!!!!!!!!

توردا
1465سائەت 
نادىر تېما
دوست
51 
يازما
1883 
تېما
159 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-30 13:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش






پاھ داڭلىق ئەرتىسلەرنىڭ ھەممىنى چاقىرىپ ئەكىردىم~
مانا مانا ماۋۇ مەشرەپ ئەجەپ قىزىپ كەتتا

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-24 11:40

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.