ئەتىراپىمىزدا بىر قىسىم پەرزەنىتلەر باركى ۋىژدانىدىن قايناپ بىرەر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتۇپ ، بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىسىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقماي،بىكاردىن-بىكار لاغايلاپ يۈرىدۇ،ھالىنى ئات تارتالمايدۇ،جاپادىن قاچىدۇ،قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدۇ.شۇڭا قىلغان ئىشىنىڭ تايىنى يوق،ئېغىزدىكى گېپى يوغان.نومۇس قىلماي ئاتا-ئانىسىغىلا يۆلۈنۈۋالغان.لېكىن ئاتا-ئانا ئۇلارغا مەڭگۈلۈك يۆلەنچۈك بولالمايدۇ،ئۇلاردىن كېيىن قالغاندا تۇرمۇش مۇساپىسىنى ھامان ئۆزى بېسىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىزدىنىپ، تېرىشىپ ئۆز ھايات مۇساپىمىزغا قەدەم تاشلىشىمىز غا توغۇرا كېلىدۇ.مەن ئۇچۈراتقان مۇشۇ خىل ئەھۋاللارغا ئاساسەن بۇ شېئىرنى يازدىم.
بولۇمسىز بالا
دادا:" بالام ئوغۇل" دەپ، كۆككەيەتكەن باشلىرى. قىلىمەن دەپ ياراملىق، ئاق سانچىغان چاچلىرى.
ئىلىپ بارسا مەكتەپكە، كۆڭۈل قويماي"ئوقۇدى" بەشكە بىرنى قوشالماي، ھەر خىل يالغان توقۇدى.
ئاغرىپ قالدى تەس كېلىپ، تېخنىكومدا ئوقۇشمۇ. شۇڭا كەلمەس قولىدىن، ھەتتا بورا توقۇشمۇ.
ئۆز ھالىغا باقماستىن، پوچى تېخى ئۆزىچە. خەق قىلغاننى ياراتماي، سوقۇپ ئۆتەر مۈرىچە.
دىدى دادا:"يول تاپقىن،
بولماس بىكار تۇرۇشقا. بىزدىن كېيىن قالغاندا ، قېينالمامسەن تۇرمۇشتا"
ئىشلەپ بېقىپ تامچىدا، چىدالمىدى زادىلا. "دىدى جاپا ئىشكەنبۇ، دادام بارغۇ بولدىلا"
"دادا ئەمدى كۆرۈپ قوي، بولاي دىدىم ياغاچچى" زېننەتلىمەي بىر ئۆينى، بولۇپ قالدى يالغانچى.
"دادا "-دىدى بىركۈنى، "چالاي ئەرەپ دۇمبىقى" "يوقتۇرزادى ئاسىنى، ساز ئىچىدە بۇندىقى"
بولسا ئاھاڭ نىمە دەي، بېزار قىلار توۋلىشى. تېمپا نەدە، ئودار ھەم، خۇددى كالا مۆرىشى.
دېدى:" ئەپبە ئۈچ چاقلىق، پۇل تاپىمەن تاڭىلداپ" نەدە ئۇ پۇل ماڭمىسا، ئۇ موتۇرى چاڭىلداپ.
ئاخىر بۇزۇپ تاشلىدى، ساتتى يەنە زىيانغا. دېدى :"دادا ئېچىپ بەر، ھەۋىسىم بار دۇكانغا"
ھەپتە ئېچىپ دوكاننى، ئۇنىڭدىنمۇ زېرىكتى. "قايسىڭ دوكان ئېگىسى ؟" -دىسە خەقلەر، تېرىكتى.
سالغان دەسمىي تۈگىدى، سېتىلماستىن ماللىرى. دەيدۇ شۇڭا دادىسى، "ئۇھ ،بۇ زامان باللىرى....؟"
ئۈگەنمەستىن بېرىلىپ، قانداق قىلار بىر ئىشنى. ئوتتەك قىززىپ سوۋۇيدۇ، قىلسا دائىم ھەر ئىشنى....
شۇڭلاشقىمۇ ئۆز يۈرتتا، قىزلاربىلەر پوچى دەپ. ئۇنى بىلمەي بۇ بالا، يۈرەر مەن بىر نوچى دەپ.
ئاتا-ئانا تاپقانتى، ياقا يۇرتتىن بىر قىزنى. ئۆيلەپ قويساق دىمەس دەپ، تۇتامى يوق پو سۆزنى.
ئىلگىر-ئاخىر ئىككى يىل، ئاران بولدى ئەر-خوتۇن. يىمەك-ئىچمەك چوڭ ئۆيدە، ئۇلار بولغاچ بار ئوتۇن،...
خوتۇن ئۆزى ئىشلەمچى،
زادى تىنىم تاپمىدى. ئىشلەپ خەقتەك پۇل تاپ دەپ، قاخشىغىنى ئاقمىدى.
مانا بولدى پەرزەنتلىك، يەنە يۈرەر لاغايلاپ. شۇ ۋەجىدىن ئۆيىدە، جىدەل بولدى تالايلاپ.
خوتۇن كەتسە ئۆيىگە، قىزارمىدى يۈزىمۇ. مانا سۇندى كوزىمۇ، يالغۇز قالدى ئۆزىمۇ...
دىسەم ، دىسەم تۈگىمەس، بۇنداق ئىشنى بولدىلا. تېرىشمىسا تۇرمۇشتا، قالار يېرىم يولدىلا.
ئاتا-ئانا بىر ئۆمۈر، سىنى يۈلەپ ئۆتەمدۇ؟ راھىتىڭنى كۆرمەستىن، بۇ دۇنيادىن كېتەمدۇ؟
ئەر يەتتىڭمۇ بولدى بەس، ئۆز يولۇڭنى باشلىغىن. تېرىش،تېرماش خەقلەردەك، قاششاقلىقنى تاشلىغىن.
مەنبە:يازمام بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-29 20:41
|