تۈن كېچە ، ھەممە ياق جىمجىتلىققا چۆككەن،ئۇيقۇ پەرىشتىلىرى مەندىن يىراققا قاچقان بولۇپ، كۆزلىرىم تۈن كېچىدىكى قاپقاراڭغۇلۇق ئىچىدىن سېنى كۈتىۋاتىدۇ، ئېيتقىنا جېنىم سەنمۇ مۇشۇ تۈن كېچىدىكى قاراڭغۇلۇق ئىچىگە يوشۇرىنىۋېلىپ ، مېنىڭ ئىتىزارلىق ئىچىدە كۈتۈشلىرىمنى يوشۇرۇنچە كۈزىتىۋاتامسەن ياكى مېنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى يوللۇرۇڭغا تىكىلگەن كۆزلىرىمدىكى تەشنالىق نۇرلىرى سېنىڭ كۆز نۇرلۇرۇڭغا خەۋەر يەتكۈزگەن بولسا ،ماڭا بارغانسېرى يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان قاراڭغۇلق ئىچىدىن پالىلداپ چىقىپ، سېخى نۇرلىرى بىلەن تۈن قاراڭغۇسىنىڭ قارغۇ لەشكەرلىرىنى يىراقلارغا قوغلىۋەتكەن ئاي كەبى مېنى كۆرگىلى كېلىۋاتامسەن؟........
سەن مەندىن شۇنداق يىراقتا، قارىسا كۆز يەتمەس، چاقىرسا ئۈن يەتمەس يىراقلىققا كەتكەندەك، چوڭقۇر يەر قاتلاملىرىغا كىرىۋالغاندەك، جاھاننىڭ ئۇ چېتىگە چىقىپ كەتكەندەك ، سېنى كۆرۈش ماڭا نېسىپ بولمايدىغاندەك، ۋىسال پەيتى مەندىن بەكمۇ يىراققا كېتىپ قالغاندەك ،ۋىسال شادلىقى ماڭا يېقىنلاشمايدىغاندەك بىلىنمەكتە،تېنىم شۇنداق ئېغىر، بەدەنلىرىم ھالسىزلانغان، روھىم سەن بىلەن بىرگە كەتكەندەك، قېشىمغا تېزراق كەل، تەشنالىق ئىلكىدە ھالسىز سوقىۋاتقان يۈرىكىمگە دەرمان بول جېنىم.....!
تېزراق كەل ئامرىقىم، سېنى كۆرۈش ئىستىگىدە يىراقلارغا تەلمۈرگەن كۆزلىرىمنى ئارام ئالدۇرغىن، سېغىنىش ئوتلىرىدا كۈل بولغان جىسمىمغا داۋا بول،سەن ئۈچۈن تىنىمسىز ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى ئاستاغىنە سۈرتىۋەت،كەل جېنىم......سېنىڭ كېلىشىڭنى ،ۋۇجۇدۇمغا كۈچ -قۇۋۋەت ئاتا قىلىشىڭنى كۈتىۋاتىمەن.......ئاپتاپ كەبى پارلاپ تۇرغان چېھرىڭنى قانغۇچە كۆرىۋالاي، تەشنالىق ئىلكىدە تىترىگەن جىسمىم ئاراملىق تاپسۇن.......
تېز -تېز قەدەم ئال ئامرىقىم، كۆزلىرىم يوللۇرۇڭغا ئىنتىزار بولۇپ تېشىلەي دېدى، نۇرلۇق چېھرىڭنىڭ قاراڭغۇلق ئىچىدىن چاقناپ كۆزلىرىمدىكى خىرە نۇرلارغا قوشۇلۇپ، كۆز ئالدىمنى يورۇتىۋېتىشنى، سېنى شۇ يورۇقلۇق ئىچىدىن قانغۇچە كۆرۈۋېلىشنى، تەشنالىق ئىچىدە چاك -چاك يېرىلغان قەلب ئېتىزىمنىڭ ،سەندىن فونتان كەبى ئېتىلىپ چىققان ئابى كەۋسەر سۆيگۈ سۇلىرى ئارقىلىق ياشىرىپ، خوشاللىق نۇرلىرىنىڭ تەشنالىقتىن سولاشقان چېھرىمنى قىزىل گۈلدەك چاقنىتىشىنى كۈتىۋاتىمەن.....
سېنى كۈتىۋاتىمەن....... كۆزلىرىم يوللۇرۇڭغا تەشنالىق بىلەن تىكىلگەن...... تېزراق كەل
ئامرىقىم....! كۈتۈشلىرىمگە خاتىمە بەرگىن.........!
كەلگىن جېنىم يېنىمغا، تېزراق كەلگىنە، سەن بىلەن يۈرىكىم تاپار تەسەللى. كۈتتۈم تەلمۈرۈپ تەشنالىق بىلەن،
كۆڭلۈم خالىماس زىنھار باشقىنى.
كەلگىنە جېنىم يېنىمغا، تېزراق كەلگىنە، ۋەسلىڭگە يەتكۈزگىن قىينىماي مېنى. ئالەمچە شادلىققا چۆمسۇن شۇندىلا، يۈرىكىمدە دولقۇنلىغان ۋىسال تاشقىنى. مەنبە :ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-29 23:05
|