ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › يۇمۇر چاقچاقلار › كــام بـــۇلا ...( ھەقىقى خوتەن شىۋىسى )
كۆرۈش: 368|ئىنكاس: 8
go

كــام بـــۇلا ...( ھەقىقى خوتەن شىۋىسى )

توردا
21سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
7 
يازما
41 
تېما
15 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

(قوي بازىرىدىكى دىئالوگ )
ئاپتورى : مۇھەممەتئىمىن قۇربان





___ ساتاملا بۇ تازنى ؟
___ ساتىتمە دەپ ئەكىيدىم .
___ ئېتىنى قويسىلا ئەمىسى .
___ مال تونۇيالىيتكەنلا ، مىنى دىگۈزمەي ، ئۆزلىرى چاغلاپ ...
___ ئىگىسى سىلىمۇ يا ؟
___ بۇ يانچاقنى مەن تۇتقاندىكىن ، ئىگىسى مەنتىمە .
___ دىسىلە ئەمىسى نەچچە پۇلغا بىرىتلا ؟
___ ئۆزلىرىنىڭ نەچچە پۇلغا ئاغىلىرى باكى ؟
___ ھە ، نەخ گەپنى دىسىلە .
___ باشقىلىغا دىگەننى سىلىگە دىسەم بومايتۇ ، ئۈچ يۈز ئەللىك كوي بەسىلە ئەمىسى .
___ ۋۇيجۇن ، مۇشۇ كىچىك باقىنى غۇنىجىننىڭ نەقىدە ساتاملا قالىسلا ؟
___ قاغىنىغا سىلىمۇ بىي نىمە دىمەملا ؟
___ ماندا ئاسماندا ئاتسىلا ئالاممىغىدەيمە .
___ رىسقى با خىيدا ئاتۇ .
___ باشقىدىن دىسىلە نەقىنى .
___ ھا - ماقۇل ، ھاجى سۈپەت ئەدەمكەنلا ،ئون كوينى تاشلىۋاتاي ، ئۈچ يۈز قىرىقنى بەسىلە ئەمىسى . 
___ كام سوسام بەمىيتلا ، ئىككى يۈز كوي بىرىييا ؟
___ ...
___ گەپ قىغۇلىرى كەمىي ئىڭغا قالاپ تۇرتلىيا ، بەك كام سوغان چېغىمبا .
___ مۇت بەسىلە دىمىي پۇلغا ئالاي دىللە ھەنىم بولسا .
___ بەسىلە بۇتتى .
___ پاقلان ئالدىلىردا تۇرتۇ ، مالغا قالاپ بىينىمە دىسىلە كام سوماي .
___ چىشىنى كۆمەپتىمە تېخى .
___ كۆسىلە - كۆمىسىلە ئەممە تېخى .
___ ئەمىسى سىلىنى ئەممەي ئانىسىنى ئىمىپتىۋىلا ، بەدىم دىسىلە .
___ كام بۇلا
___ ھە بولاپتۇ ، ئەممىلىكىگە بەش كوي قاتتىم .ئەمدىغۇ بوغانتۇ . 
___گەپ بەش كويدا بۇلا بوسا ئابايا بىرىۋىتىتتىم .
___ يىيىشى كام ئەمەستۇ - ھە ؟
___ يىمەس مالنىڭ قۇسقى ماندا تومپىيامتا . < خوتۇنۇڭ يىيىشلىك بوسا ئۇدى خۇدا ، مېلىڭ يىيىشلىك بوسا بەدى خۇدا > دىگەن گەپ با . بىي كالىنىڭ ئىشتىيى با بۇ پاقلاندا . ھە مۇشۇندا ھەممە يىرىنى كۆرەپ تۇتۇپ باققانلىرى ئابدان بولدى . بۇندا بىجىرىم مالنى باقسىلا ئەجرىلىرى يانىتۇ .
___ بايىقى دىگنىمگە ماقۇل دىسىلە ، سىلىدىن خوشۋۇلاي . 
___ ماڭا يالۋۇرمىسىلىمۇ بۇتۇ ، مال ئونۇمايتۇ .
___ ھە ، بۇلاپتۇ ، يىيىشلىك بوغىنىغا بەش كوي قاتتىم .
___ كام بۇلا 
___ كېمى يوق ئىككى يۈز ئون كوي دىدىميا ؟
___ كام بۇلا
___ بەگىلىرى كەمىدى ھاما .
___ مىنىڭ بەگىم كەلدى ، سىلىنىڭ ئاغىلىرى كەمىدى .
___ ماڭ قالىسلا ، يۈزلىرىگە قالىسام كۆز - قانى خېلى توق ئادەمكەنلا ، بەسىلە ما تازنى .
___ كام بۇلا
___ كېمىنى خۇدايىم بىرە .
___ ...
___ بۇلاپتۇ ، سىلە چىدىمىسىلا مەن چىداي ، پۈتۈنلىۋىتىييا ، بولدىما ؟
___ ئىككى يۈز يىگىمىما ؟
___ ئىككى يۈز ئومبەش ، ما پۇلنى سانىسلا .
___ خېلىۋەك كام تېخى .
___ مالنىڭ نەقىگە يەتكىننى بىلەممىللە .
___ بازانى مەن قىيمەت قىپ بۇلاممايتمە ، سىلە ئەزان قىپ بۇلاممايتلا ، بازا نەقىدە ئاسلا . 
___ بۇلاپتۇ ،قىيمەت ئېپسەن دەپ ئاچچىقلايتقان ئانام ، دادام يوق ، يەنە قاتاي بەش كوي ، ئاچسىلا ئالقانلىرىنى .
___ كام بۇلا
___ شەيتاننى ھەيدىۋېتىپ سانىسلا ما پۇلنى .
___ كام بۇلا
___ قانچىلىك كام ، دىسىلە ئەمىسى .
___ ئۆزلىرى بىلەلا .
___ ھەي بەندە ، ئەدەمنىڭ كېمى ئۆلگەندە تۈگىيتۇ .
___ ئۇغۇ شۇ .
___ بەدىم دىسىلە تاش چىشلەپ تۇرۇۋاماي ئەمدى .
___ مىنى قىستىمىسىلا ، ئۆيىمىزگە چىققان بوسىلىغۇ بۇنچىلىك بىينىمىنى پۇل ئالماي ئالدىلىرغا سېپ بىرتمە ، بازاغا ئەكىپ قېپتىمە ئەمدى .
___ مۇشۇ ئۇز گەپلىرىگە چىدىماي يەنە بەش كوي قاتتىم . ماۋۇ قالاپ تۇغانلار ئاڭلاپ قالدى ، گىپىمدىن يېنىۋامايتمە .
___ بەسىلە ئەمدى .(يېنىدا تۇرغان باشقا بىرسى سۆزلەيدۇ )
___ بىرەمتىمە ، بەمەمتىمە ئۆزەم بىلىتمە ، دالتەك بوماي يولىڭىزغا مېڭىۋىرىڭە سىز .
___ خاپومىسلا ، خاپومىسلا ، سالاچى بومىسا سودا قىماق تەس . ئىبايا مەنما يەنە قوشسىلا دىگەن سالاچىلارغا ئاچچىقلاپ قامىدىم . سىلە بەدىم دىگەندە ، مەن ئالدىم دىگەندە بۇتۇ سودا دىگەن . يەنە كامما ؟
___ بەمىگەن يىرىم با .
___ نەچچە پۇلغا بەمەپلە ؟
___ ئىككى يۈز يەتمىشكە .
___ بازا دىگەندە ئاشۇندا ئالا چىپا ئەدەملە با ، ئامايتقان ھالىغا قالىماي ئاسماندا گەپ قىتۇ . بىرىي دىسە ئۆيدىن پۇل ئەكىلىي ، بىيكىمگە بىرىۋەتمىسلە دەپ قوياپ يوقاپ كىتىتۇ . ئاشۇندا ئاشۇندا ئالا - چىپادىن بىيسى ئۇچۇرۇپتۇ سىلنى .
___ ئۇچۇرمىغان ، چىن - پىششىغ تالاشقان .
___ ئەمىسى ئاشۇنىڭغا بەگۈلۈككەن .
___ بۇ پاقلاننى ئـــاتمە دەپ جېق لەۋزى قىللا ، لەۋزىلىرىگە رازى بوسىلا ماقىما . 
___ لەۋزىمنى ئامىللا ئەينا . 
___ لەۋزىلىرىنى مىڭ كويغا ئاساممۇ قىيمەت ئەمەس ، شۇندا بوسىمۇ ....
___ بەسىلە بومامتا ئەمىسى.
___ خاپومىسلا ، بازادا خىيدا يالغۇر سىلى ئەمەس .
___ مال ساتقىلى كىيگەنلىمۇ يالغۇز سىلى ئەمەسكەن ئەينا .
___ نەچچە پۇلغا چىقلىكى ؟
___ ئىككى يۈز يىگىمبەشكە چىقتىم ، ماۋۇ پۇلنى سانىۋېلىپ ئەكەسلە بۇ يانچاقنى ماڭا بەسلە .
___ خاپوماي بازانى چۆگىلەپ كەسلە ، مەنمۇ بىيدەم بازانى دەڭسەپ باقاي . بەگىدەك يىرى بوسا ھېلى كەگەنلىرىدە بىرەمە .
___ ئەمىسى ساتقىلى ئالدىرمىسلا .
___ ئابدان



مەنبە :خوتەن گىزىتى . ( ئاپتۇر قاراقاش ناھىيىلىك مەدىنىيەت يۇرتىنىڭ پىنسىيونىرى )


ئەسكەرت
ىش : مەسخىرە ۋە باشقا يامان خارەكتىرلىك قالايمىقان ئىنكاس يازماڭ . بۇنى يوللاشتىكى مەقسىتىم خوتەنگە كىلىپ باقمىغان ، خوتەننى شۇنداقلا خوتەننىڭ يەرلىك تىل ئالاھىدىلىكىنى چۈشەنمەيدىغان تورداشلارغا خوتەن شىۋىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ، خوتەننىڭ ساپ تىل ئالاھىدىلىكى توغرىلىق چۈشەنچە بىرىش خالاس .

ھې ........ قانداق خوتەنگە كەلگەندەك بولدۇڭلارمۇ يا ؟ ...


مەنبە : http://amraq.com/thread-164-1-1.html

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

توردا
374سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
16 
يازما
648 
تېما
31 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قايتا بىر كۆرگەنلىكىمدىن خۇشالمەن ، بىر خىل يىقىملىق ئاڭلىندۇ ماڭا ،

توردا
11سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
1 
يازما
24 
تېما
0 
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ خوتەننىڭ يەرلىك تىل-ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپلا قالماي يەنە خوتەن دېھقانلىرىنىڭ سودا سېتىق ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىكەن ،

Rank: 8Rank: 8

توردا
272سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
18 
يازما
677 
تېما
23 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەي يەرلىك شىۋە دىگەن باشقىچە گەپ جۇمۇ،بۇنى كۆرۈپ ئۆزۈم خۇددى مۇشۇ سودىنىڭ ئۈستىدە تۇرغاندەك سەزدىم،رەھمەت سىزگە~!

توردا
206سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
9 
يازما
353 
تېما
4 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تەكرار تىما ئىكەنغۇ؟

توردا
47سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
6 
يازما
360 
تېما
72 
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خوتەننىڭ شىۋىسى ھەقىقى ئەكىس ئىتىپتۇ، مەنمۇ خوتەندە ئوقىغان ، خوتەن شىۋىسىنى قەۋەتلا ياقتۇرىمەن.

توردا
190سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
41 
يازما
868 
تېما
111 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭ بۇنى ئاڭلاپ خۇتەنگە بىر بىرىپ كەلگۈم كىلىۋاتىدۇ جۇما

توردا
2سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
0 
يازما
6 
تېما
0 
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خوتەنگە بېرىپ سودا قىلىپ قالسام تەرجىمان ئېلۋالسام بولغۇدەك جۇما

توردا
859سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
14 
يازما
1023 
تېما
110 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھە خوتەن شىۋىسى ئاشۇنداق ئابدان ئەينا گەپ باما
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-4 13:35

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.