ساڭا خەنجەر ساقلاپ  يۈرەر ھەسەتخور،  ساڭا بۆھتان چاپلاپ يۈرەر ھەسەتخۇر . غايىۋانە كۆيدۇرمەككە  روھىڭنى ، سېنى ئوتقا قاقلاپ يۈرەر ھەسەتخۇر.  
 ئېرىق چاپساڭ ئارام بەرمەس تىندۇرۇپ ، كۆچەت تىكسەڭ قېرىشىدۇ تىندۇرۇپ . دۇشمىنىڭنى ھوجىرىسىدا قوندۇرۇپ ، رەزىللەرنى ماختاپ يۈرەر ھەسەتخۇر.  
 ھەسەت قىلار مەيدەڭدىكى گۈلۇڭگە، ھەسەت قىلار  مۇنبەردىكى ئۈنۇڭگە. چىدالماستىن خۇشال ئۆتكەن كۈنۈڭگە، دائىم ئىچى تاتلاپ يۈرەر ھەسەتخۇر .  
 ھۇزۇر ئالار دەرتتە  تۆككەن يىشىڭدىن . خوش بولىدۇ ئوت تۇتاشسا پىشىڭدىن . ھەزەر ئەيلە ئۇ بار يەردە بېشىڭدىن، ئۇخلاپ قالساڭ  ئاتلاپ يۈرەر ھەسەتخۇر. 2000-يىل ،6-سېنتەبىر مەنبە؛مۇھەممەتجان راشدىنىڭ<< ياخشىلارغا  ناخشىلار تولا>> نامىلىق شىئىرلار توپلىمىدىن ئىلىندى.  بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-3-30 13:11   
 
 |