ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر ئارزۇلىرىم
كۆرۈش: 31|ئىنكاس: 1
go

ئارزۇلىرىم

توردا
21سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
118 
تېما
58 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

لوقماندەك ياشسام ، تاغلاردەك قالسام ،

دۇنيادىن كەتمىسىەم- ئۆلمىسەم دەيمەن.

پاراغەت بولسىكەن ئاسمانمۇ،يەرمۇ،

ئىنساندا كۆز ياشلار كۆرمىسەم ،دەيمەن.

يىغلىسام دۇسلارنىڭ دەردى ۋەجىدىن ،

كۈلسەممۇ دۇسلارسىز كۈلمىسەم ،دەيمەن.

ئادالەت ھۆرلىرى مەشۇقۇم مېنىڭ،

شۇلاردىن ئۆزگىننى سۆيمىسەم ،دەيمەن.

ساقلانسام شەيتاننىڭ دەۋەتلىرىدىن ،

كىبىرنىڭ كەينىدە يۈرمىسەم ،دەيمەن.

قۇۋۇقلار سىرتىدا قالساممۇ مەيلى ،

خۇشامات شەھىرگە كىرمىسەم دەيمەن.

ئارزۇلار تاتلىقتۇر ،خىياللار شېرىن ،

بەزىدە گۈل بولسام ،گۈللىسەم،دەيمەن.

ئۇرۇقۇم تۈكۈلسە ،لېكىن ،ئۈنسەممۇ،

خەسىسلەر بېغىغا ئۈنسەم ،دەيمەن.


1989-يىل،ئىيۇن

مەنبە ؛ مۇھەممەتجان راشىدىنىڭ<< ياخشىلارغا ناخشىلار تولا >> نامىلىق شىئىر توپلاملىرىدىن ئىلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-30 16:56

توردا
47سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
361 
تېما
72 
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرلىرى بەكلا ياخشى جىمۇ مەن بەك ياقتۇرىمەن .رەھمەت سىزگە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-1 18:47

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.