- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-1
- تىزىملاش
- 2010-6-11
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 261سائەت
- جۇغلانما
- 859
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 275
- تېما
- 15
- توردا
- 261سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 7
- يازما
- 275
- تېما
- 15
|
نىگار بۈگۈن سالام ئېيتىپتۇ،
دەريا بويىدا ساقلاي ئۇنى دەپ.
يۈرەكلىرىم مۇللاقشىپ كەتتى،
مۈكۈپ تۇردۇم سائەت بۇرۇن كەپ.
دەريا بويى ، كىچە زەپ ئايدىڭ،
يەرگە قاراپ تۇرار ئۇ ھەمدە،
(مىنى ئۇنۇت، ئۆلدى نىگارىڭ،
ئامانىتىڭ يۈتتى شۇ دەمدە).
دەپلا كۆزى بۇلۇقلاپ كەتتى،
(مىنى ئۇنۇت مىنى كەچۈرگىن،
قارىمىغىن ئاسىي كۆزۈمگە،
خاتىرەڭدىن مىنى ئۈچۈرگىن).
ۋۇجۇدى قان تىترىدى تاغلار،
ئىزلىرىمدا قۇرىدى دەريا.
كۆزلىرىمگە ناتۇنۇش ھەممە،
تىنىغىمدا كۈل بولدى دۇنيا.
بولغان ئىدى تۈنۈگۈن ئاخشام،
بىر دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى.
شۇ ئىچكىنىم بىر رومكا ھاراق،
ئەسلى،ئىكەن بۇ خىيانەت تۈنى.
خىيانەتكار روھىمنى ئۇنۇت،
سەل قاراشتا يۇقالدى ئىپپەت!
ئەمەس ھەرگىز سىنىڭ نىگارىڭ،
ئالدىڭدىكى چىرىگەن جەسەت).!
كۆيدى يۈرەك رەڭسىزكائىنات،
كۆزلىرىمگە تىقىلدى زۇلمەت.
ئىختىيارسىز كەتتىم يىراقلاپ،
قىلالمىدىم سۆيگۈمگە مىننەت.
يۈرۈگۈمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا،
ئۆلگەن ئايال چىرىگەن جەسەت،
خىياللىرىم ئىزلەر گۆرىستان،
سوغ ئەتىگە چىلانغان ھەسەت.
تۈنۈگۈنكى نازىنىن دىلبەر،
پاك ۋە مەسۈم غۇبارسىز بىر قىز.
ۋۇجۇدۇمدىن يۈتتى ئەبەدى،
قالدى پەقەت قاباھەتلىك ئىز.
2008-يىل 23 -ئاۋغۇسىت كورلا
ئەسكەرتىش : بۇ شىئىرىم ئىلگىرى سەلكىن،توققۇز ساراي مۇنبىردىمۇ ئىلان قىلىنغان .ئۆزۈم ياخشى دەپ قارىغاچقا ،
باشقىلارغا ئازراق تەربىيىۋى ئەھمىيتى بار دىگەن ئۈمىدتە قايتا يوللىدىم .
مەنبە بۇرۇنقى يازمىلىرىم
____مەردان ئىجادىيتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mardan0996 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-28 20:36
|
|