دۇنياغا ئارتۇقچە كىلىپ قالغانلار
توختى سابىر
ئون جىنىڭ بارمىدۇ تۈگۈمەيدىغان؟ "ئاق چىكىپ"دوغا تىكىپ ئوينايدىغان؟ "شوخلۇقى"دەپ قويسا ئەخمەقلەر سىنى، يەتكىنى ئەقلىڭ شۇمۇ ھايۋانسىمان.
كىم ئۆزۈڭ ؟ ئەجدادى -پۇشتۇڭ كىم ئىدى؟ ياكى شەيتان،ئەجنەبى تۇغقانمىدى؟ نەدە بار ئالۋاستىنى ئەمگەن بالا؟ بۇ كىسەل يۆگەكتىلا يۇققانمىدى؟
نىمىدەپ كەلدىڭ ھاياتقا؟شۇ ئاناڭ تۇغماس ئىدى گەر بىلسە بۇنى باشتىلا. سەن ئۈچۈن تۆكمەيتى قان- ياش ئاھ ئۇرۇپ، ئۆرتىنىپ يۈرمەيتى پەرزەنت ئىشقىدا.
ھەي ئىسىت!ئادەملەرنىڭ پەس-دۆتىگە، قاراڭلارچۇ؟-بۇ مۇردىلار يۈزىگە. بىر ئۇلۇغ مىللەت ئىدى ،بۇ مىللىتىم، يارىماس بوپ قالدى يەپ قۇرت-مىتە.
تۈگىمەس ئىللەت سىلىپ مىللەت شەنىگە، چۈشمىسۇن يامراپ مىتىلەر ئەتىگە. بىز ئىچىپ نەپرەت بىلەن ۋىجدانغا سوت، كەلتۈرەيلى قەدرىمىزنى ئەسلىگە.
مەنبە-خاتىرەم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muslima12 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-26 15:29
|