- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-1
- تىزىملاش
- 2010-6-20
- ھوقۇق
- 150
- توردا
- 256سائەت
- جۇغلانما
- 1665
- نادىر تېما
- 6
- يازما
- 430
- تېما
- 40
 
- توردا
- 256سائەت
- نادىر تېما
- 6
- دوست
- 11
- يازما
- 430
- تېما
- 40
|
قەلبىمنىڭ ھۆرلىكى
پاھىشخانىدا ئۇچىرشىپ قالغان دادا-بالا.بىنورمال سوروندا ئۇقۇشماستىن بىللە ئولتۇرۇپ قالغان ئانا ۋە قىزى.بىر چىكىم تاماكا ئۈچۈن ئۆز ئايالى ۋە قىزىنى باشقىلارغا ئارىيەت بەرگەن ... تاماق قاچىسى ئۈچۈن ئىيمانى،ۋىجدانى،غۇرۇرى ۋە بارلىغىنى قۇربان قىلىۋەتكەن...ئۆزىنىڭ ھوقوقى،ئىمتىيازى ياكى ،مال دۇنياسى بىلەن، ئۆزىنڭ بىر ئاددى يارالغۇچى،باشقىلارغا ئوخشاش ئاددى ئادەم ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇغان ....ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن بۈيۈك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن غالىبىيەتچى.ئاددى خىزمىتى بىلەن پۈتۈن بىر ئائىلىسىنى خۇشال خورام قامداۋاتقان بىر ئاتا...
ئىنسانىي دۇنيادا نىمە ئۈچۈن بەزىلەر شۇنچە بۈيۈك،ئۇلۇغلاشقا نائىل،بەزىلەر شۈنچە قەبىھ،رەزىل،ئىپلاس...نىمە ئۈچۈن ئوخشاش يارالغۇچى،ئوخشاش ئەقىل ئىگىسى،ئوخشاش ئادەملەردىن ئوخشىمىغان ئالەمشۇمۇل پەرق ۋە نەتىجە كىلىپ چىقىدۇ.ياكى تەڭرى ئىنسانلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن سەن بۈيۈك ئۇلۇغ بولىسەن،سەن رەزىل،ئىپلاس،خائىن بولىسەن دەپ پۈتۈۋەتكەنمۇ؟ شۇنداق بولسا جەننەت- دوزاخ ،مۇكاپات ۋە جازا بۇلارنىڭ تەقسىم قىلنىشى ئادىللىقمۇ؟
بۇ دۇنيانى بىر سىناق ئالەم دەيمىز ئەمما بۇ سىناقتىن قانداق ئۆتۈش ياكى ئۆتەلمەسلىك ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىقمۇ ياكى بىزنى ياراتقۇچى تەڭرىم بۇنى ئالدىن پۈتىۋەتكەنمۇ ؟
ھەر بىر ئادەم ئۆزى قانداق ئادەم بولوشنى خالىسا شۇنداق ئادەم بولالامدۇ؟ ئەگەر مەن بىر ساتراش ياكى ناۋاي بولوشنى خالىسام ئۇنى قىلالامدىم؟
مەن تەقدىر ئۈستىدە قىل تەۋرىمەيدۇ دىگەنگە چەكسىز ئىشىنىمەن،ئەمما شەرىقكە قاراپ ماڭسام غەرىبكە بىرىپ قىلىشىمغا،بۇغداي ئۇرىقى تىرىپ قوناقتىن ھوسول ئىلىشىمغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمەن.مەن يۇرتىمىزدىكى دىندار بوۋايلادىن،يۇرت چوڭلىرىدىن،مەسچىتتىكى تەبلىغلەردىن ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ نىيەت-ئىقبالىغا،ئارزۇ-ئارمانىغا چوقوم يىتىدۇ دىگەننى نۇرغۇن قىتىم ئاڭلىغىنىمنى بىلىمەن،قايسىدۇر بىر كىتابتىن تەڭرى ئۆز ئارزۇيى،مەخسەت-نىشانىغا يىتىپ بولالمىغان بەندىسىنى ئىلىپ كەتمەيدۇ دەپ ئوقىغىنىممۇ ھىلى ھەم ئىسىمدە.
بىزدە شۇنداق ئۇلۇغ سۆزلەر بار: ‹‹مۇساپىرنىڭ دۇئاسى ئىجابەت ››،‹‹ئانىنىڭ پەرزەنىتكە قىلغان دۇئاسى شەرتسىز ئىجابەت ››، ‹‹كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن قىلىنغان دۇئا ئىجابەت ›› دىگەنگە ئوخشاش.مەن ناپالىيون خېئول،دالى گارنىك،ئوگ ماندىنو ۋە باشقا مۇشۇ خىلغا ئايىت ئۆز تىلىمىزدىكى كىتابلارنى ئوقودۇم.ھەممىسىدە ‹‹سەن قانداق ئادەم بولماقچى بولساڭ دەل شۇنداق ئادەم بولىسەن››،‹‹ سەن ھەرگىزمۇ ئۆزۈڭ كۈتمىگەن نەتىجىگە ئىرىشەلمەيسەن ››،‹‹سىز ئۆزىڭىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئوبرازىڭىزنى ھەر كۈنى خىيال قىلىپ بىرىڭ ،چوقوم شۇنداق بولالايسىز››،‹‹ موھىمى سىزنىڭ ھازىرقى ئورنىڭىز ۋە ئەھۋالىڭىز ئەمەس،ئەڭ موھىمى سىزنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولماڭچى بولغىنىڭىز،ئارزۇيىڭىز ۋە نىشانىڭىزدۇر ››، ‹‹ ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇيى،نىشانىنى چوقوم يىزىپ چىقىپ ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچ ئوقوپ بىرىڭ ...››،‹‹نىشانىڭىز قانچە چوڭ بولسا ئىرىشىدىغىنىڭىز شۈنچە كۆپ بولىدۇ ››،‹‹سىز ئۆزىڭىزنىڭ نىشانى ۋە ئارزۇيىڭىزنى بىكىتكەن ھامان،ئۆز نىشانىڭىزنىڭ يىرىمىگە يىتىب بولغان بولىسىز ›› دىگەنگە ئوخشاش.
بۇ سۆزلەرنىڭ بىشىسىدىگى گەرچە دىنىي تۈس ئالغان بولسىمۇ ئەمما ھەممىسىدە بۈيۈك بىر ھەقىقەت مەۋجۇت،ئۇ بولسىمۇ ئۆزىگە نىمىنىڭ لازىملىغىنى بىلىش يەنى ئۆزىنىڭ نىشانىنى بىلىشتىن ئىبارەت.كۈندىلىك ناماز ۋە ئەمەل-ئىبادەتتىن كىيىن تەڭرىگە خالىس يىلىنىپ قىلىنغان دۇئانىڭ ئۆزىمۇ، ئۆزىگە لازىملىق نەرسىنى دائىم ئەسلەشتىن ئىبارەت.ئۆزىگە لازىملىق نەرسىنى،ئۆز نىشانىنى دائىم ئويلاۋەرگەندىن كىيىن ئادەم تەبىيكى ئۇنىڭغا ئاستا-ئاستا يىقىنلاپ بارىدۇ،ئاخىردا ئىنشائاللاھ ئۆز مەخسىتىگە چوقوم يىتىدۇ.دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشى ۋە نىشاننىڭ ئەمەلگە ئىشىشى ئۇنىڭ يوللوق ياكى يولسىز بولىشىدىن قەتئىنەزەر شۇ كىشىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن چوقوم ئەمەلگە ئاشىدۇ،مەيلى بۈيۈك،ئۇلۇغۋار ئارزۇ ئارمانلار بولسۇن،مەيلى مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئىپلاس ۋە رەزىل مەخسىدى بولسۇن ئۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ ۋە كىيىن مەيلى ياراتقۇچى تەڭرى ياكى خەلىق ئالدىدا ئۆز قىلمىشىغا لايىق مۇكاپات ۋە جازانى قۇبۇل قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن.يىغىپ ئىيتقاندا ئەڭ موھىمى ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ مۇراد- مەخسىتىگە،ئۆز نىشانىغا تىرىشچانلىقى بىلەن چوقوم يىتەلەيدۇ .ئۇنداقتا مىنىڭ ئارزۇيۇم،مىنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىم زادى نىمە ؟مەن بۇ نىشانىم ئارقىلىق مىنى ياراتقۇچى تەڭرىگە، مەن ياشاۋاتقان دۆلەتكە، مىنىڭ قىرىنداشلىرىم ۋە تەقدىرداشلىرىم بولغان خەلقىمگە ياخشى بولالايمەنمۇ ؟
...
توغرا، مىنىڭ ئۇلۇغۋار ئارزۇ ئارمانلىرىم ۋە بۈيۈك نىشانىم بولغاندىن باشقا،قانداق قىلىپ مۇشۇ ئارزۇلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتمۇ ماڭا ئايان ئىدى.مەن ئۆزۈم بىر-بىرلەپ ئويلىغانلىرىمغا ئىرىشىۋاتىمەن،ئىرىشكەنچە ئۆز-ئۆزۈمگە شۈنچە يىقىنلىماستىن دەسلەپكى ھەقىقىي ئۆزۈمدىن يىراقلاۋاتىمەن،نىشانىمنى يۈتتۈرۈپ قويىۋاتىمەن،يىغىپ ئىيتقاندا تۇرمۇشتىكى رەڭگارەڭ ئىزىقتۇرۇشلارغا ئۆزۈم بىلىپ تۇرۇپ ئەگىشىۋاتىمەن،بىلىپ تۇرۇپ قىممەتلىك ھاياتىمنىڭ قىممەتلىك مىنوتلىرىنى بىھۇدە ئەرزىمەس،زۆرۈر بولمىغان ئىشلارغا سەرب قىلىۋاتىمەن. ،ئۆزۈم توغرا ئەمەس دەپ قارىغان ئىشلارغىمۇ بىلىپ تۇرۇپ يول قويىۋاتىمەن، يول قويغانچە ئۆز نىشانىم ۋە ئىشلىرىمغا، ھەقىقىي ئۆزۈمگە بارغانچە ئورون قالمايۋاتىدۇ،دىمەك مەن قەلبىمدىكى ئۈزۈمدىن بارغانچە يىراقلاۋاتىمەن،ئۆزۈم بىلىپ تۇرۇپ يىراقلاۋاتىمەن،يىراقلىغانچە ئۆزۈمنى يۈتتۈرۈپ قويىۋاتىمەن...دىمەك،مەن مەغلۇب بولدۇم،ئەمدى ماڭا بۇ دۇنيانىڭ غەلبىسى ۋە ئۇ دۇنيانىڭ جەننىتى ھارام،مەن بۇنى ئۆزۈم بىلىپ تۇرۇپ تاللىۋالدىم ... نىشانىمنىڭ بولماسلىقى مىنىڭ قايسى تەرەپكە بارماقچى بولغىنىمنى بىلمەسلىكىمدۇر،مەن ئۆزۈم خالاپ باشلىنىشى داغدام ئەمما ئاخىرى چۆل جەزىرە بىلەن ئاخىرلاشقان يولغا مىڭىشقىمۇ،ئاخرى چەكسىز قۇملۇققا ياكى بوستانلىققا مىڭىشقىمۇ،بۈيۈك چوققىغا يامىشىپ چىقىشنى تاللاش ئىمكانىيتىگىمۇ تامامەن ئىگە، ئىگەم بەرگەن ئەڭ بۈيۈك ۋە قىممەتلىك ئامانەت ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قۇۋۋەتتىن پايدىلنىشقىمۇ ھەتتا ئۇنى ئىسراپ قىلىش،ئامانەتكە خيانەت قىلىشقىمۇ تامامەن ھوقوقلوقمەن. مەن قايسى تەرەپكە مىڭىشنى تاللىيالايمەن،ئەمما بۇ ئۆمرۈمدە قايسى تەرەپكە مىڭىشنى تاللاش شۈنچە موھىم بولغىنىدەك يولغا ئەمەلىي قەدەم بىسىشمۇ،مەنزىلگە يەتمىگىچە بولدى قىلماسلىقمۇ شۈنچە موھىم ئىدى،ئەمما مەن يولدا كىتىۋىتىپ ساختا گۈزەللىك بىلەن بىزەلگەن ئاچا يولغا ئۆزۈم بىلىپ تۇرۇپ كىرىپ كەتتىم...
بۈگۈن مەن ئۆز ئۆزۈمگە قايتىدىن قەسەم بىرىمەن،تىنىمدا قىنى ئىقىۋاتقان ئەزىز ئاتامنىڭ مەيلى بىرىشى بولسۇن ۋە ياكى ئىلىشى بولسۇن ئۇنىڭ ۋارىسى ۋە ئىزباسارى بولىمەن،ئۆز ۋىجدانىم،ئىيمانىم ۋە غۇرۇرۇم بىلەن چەمنەرچەس يۇغۇرۇلغان ئۆز ھاياتىمنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنىڭ شاھىدى بولغان نىشانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۆرەش قىلىمەن.
نىشان بولغانلىقنىڭ ئۆزى ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغانغا تەڭ ئەمەس،قولدا ئەڭ مۇكەممەل خەرىتە بولغان بىلەنمۇ ئادەمنى بىر قەدەم ئالدىغا يۆتكىيەلمەيدۇ،بۇنىڭ ئۈچۈن چوقوم ئەمەلىي قەدەم بىسىش كىرەك.شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئۆز نىشانىمنى ھەر ۋاقىت ئىسىمدە چىڭ تۇتقاندىن باشقا چوقوم ھەر ۋاقىت ئەمەلىي قەدەمنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمەن،بارلىق ئەرزىمەس ئىشلاردىن، مەيلى ئۇنىڭ ئىچىدە قانچىلىك گۈزەل ۋە سىرلىق نەرسىلەرنىڭ بولىشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىنى دادىللىق بىلەن رەت قىلىمەن.ئۆز ئىتقادىمدىن ۋاز كەچمەسلىك بىلەن ھەقىقىي قىممىتىمنى ۋە ئۇلۇغلىقىمنى ئىسپاتلايمەن.بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆز نىشانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن،ئۆز ئىرادەمنى رىئال تۇرمۇشىمغا كىڭەيتىمەن.ئىرادە دىمەك مۇددىئاغا ماسلاشقان ھەركەت دىمەكتۇر،يەنى كۆڭۈلدە ئويلىغاننى ئەمەليەتتە ئىپادىلەش دىمەكتۇر.
ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر خادۇك كىشىنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىدىغان مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئاگاھنى ئوتتورغا قويغان‹‹كىشىلىك ھايات تاشقى كۈچ بىلەن ئىچكى يادرو ئىچكى يادرو ئوتتورسىدىكى مۇسابىقىدۇر.كىشىلىك ھايات بىر بولسا تاشقى كۈچكە بويسىنىدۇ،بىر بولسا ئۇلارنى كونتىرول قىلىدۇ››.ئەگەر ئۆز غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشمىسام ھاياتىمنىڭ يەنە نىمە قىممىتى بولسۇن؟!
ر |
|