ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر ئىزدا مەشرەپ باركەنغۇ(ئۆگەنگۈچى)
كۆرۈش: 223|ئىنكاس: 13
go

ئىزدا مەشرەپ باركەنغۇ(ئۆگەنگۈچى)  

توردا
105سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
143 
تېما
27 

ئۈلگىلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئىزدا مەشرەپ باركەنغۇ


(ئۆگەنگۈچى)




ئىزدا مەشرەپ باركەنغۇ، ئات چاپتۇرغان ئەر بارمۇ؟
بولۇپ ياخشى ساھىپخان،چاي قايناتقان قىز بارمۇ؟
ئوتتۇز ئوغۇل ،توققۇز قىز ،تەق بولدىمۇ مەشرەپكە.
ئىزغا كەلدۇق ئالدىراش،بىز قالدۇرغان ئىز بارمۇ ؟



ئىزدا مەشرەپ باركەنغۇ ،سالام بىرەي چىن دىلدىن،
ئېلىپ كەلدىم سالامنى، مىھرى ئىسسىق كۇچادىن.
قارشى ئالسۇن ساھىپخان ،كۈلكە يېغىپ چىھرىدىن،
كەلگەنلەرمۇ سۈيۇنسۇن، قېرىنداشلىق مىھرىدىن.



ئىزدا مەشرەپ باركەنغۇ ،يىغىلايلى دوس-ئاداش،
قول تۇتۇشۇپ ئۆز-ئارا ، بۇلۇپ ھەمدە يولەكداش.
ئىناقلىققا -ئۆملۇككە ، ھول باسايلى بىر خىشتىن.
ئويلاپ باقساق بارچىمىز،ئەسلى ئىدۇق مۇنبەرداش.



ئىزدا مەشرەپ باركەنغۇ ، شادلاندۇرۇپ دىللارنى،
كۈيلەپ دوسلۇق مىھرىنى ، ئاداش قىلىپ باللارنى.
قۇتلۇق بولسۇن مەشرەپكە،ياشاپ كېتىڭ ئەزىزلەر،
سز راسلىغان بۇ سۇرۇن ،خوشال قىلسۇن جانلارنى.



ئىزدا مەشرەپ باركەنغۇ، تەكلىپ سۇنۇپ ھەر ياققا،
تەكلىپ ئالغان دوسلۇرۇم ، كىلىڭ دەرھال بۇياققا.
بولاي دىدىم ساھىپخان ،خىزمەت قىلىپ دوسلارغا.
تەييارلاندىم مەنمۇ ھەم ، مۇنبەرداشنى ساقلاشقا.




ئىزدا مەشرەپ باركەنغۇ ، قالسۇن بۇندا ئىزلار دەپ،
مەشرەپخۇمار خەلقىمگە، ئىزدا داسخان سالاي دەپ.
مەنمۇ كەلدىم ئالدىراش، مەشرەپ ئەھلى- جامائەت،
چىن يۈرەكتىن،دىلىمدىن،دوسقا سالام بىرەي دەپ.








مەنبە:ئۆگەنگۈچى قەلىمى. ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ (رەھمەت)
2011-يىل 3-ئاينىڭ 28-كۈنى .كۈسەندە يىزىلدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-28 23:00

Rank: 8Rank: 8

توردا
427سائەت 
نادىر تېما
دوست
37 
يازما
664 
تېما
125 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

سالام بىرىپ خۇش كەپسىز قۇبۇل قىلدۇق قېنى بىز،
مەشرەپ سورۇنى راسلىدۇق تۆرگە ئۆتۈڭ قېنى سىز.
يىراق دىمەي ئىزلانى ئات چاپتۇرۇپ شاش كەپسىز،
مەشرەپكە ئاتاپ لىرىكا نەزملەر تۈزۈپ كەپسىز.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۆگەنگۈچى كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا مەشرىپىمىزگە ئاتاپ تەييارلىغان ئىسىل لىرىكىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-28 16:54

توردا
191سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
430 
تېما
40 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەشرىپىمىز باشلانسۇن،
ئۇسۇل -ساما قاينىسۇن.
ئىزنى ئىزلەپ كەپسىلەر،
قېنى تورداش مەرھابا.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن،مەشىرەپ ساداللىرىمىز ھەممە يەردە ياڭرىسۇن.قېنى باشقا تورداشلار مەشىرەپكە بىرلىكىتە جۈر بۇلايلى!

توردا
105سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
143 
تېما
27 

ئۈلگىلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
fatima يوللانغان ۋاقتى 2011-3-28 16:54
سالام بىرىپ خۇش كەپسىز قۇبۇل قىلدۇق قېنى بىز،
مەشرەپ س ...

ئالدىراشلا قاملاشمىغان يازمىلار بىلەن كىلىپ قالدىم،مەشرەپنىڭ كۆڭۇللۇك ئوتۇشىنى،خوشال -خورام،خاتىرجەم،ئىناقلىق مەشرىپى بولۇشىنى چىن دىلىمدىن سەمىمى ئۈمۇت قىلىمەن....ئاللا خالىسا مەشرەپكە چۇقۇم قاتنىشىمەن....بارلىق دوسلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشىنى سورايمەن.

توردا
105سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
143 
تېما
27 

ئۈلگىلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
aygul123 يوللانغان ۋاقتى 2011-3-28 17:34
مەشرىپىمىز باشلانسۇن،
ئۇسۇل -ساما قاينىسۇن.
ئىزنى ئىزل ...

مەشرەپ ئىزدا قاينىسۇن،
ئىزلارمۇ ھەم ئوچمىسۇن.
كەلسە دوسلار ھەركەتكە.
بۇ مەشرىمىز گۈللىسۇن .

قېنى دوسلار ئاكتىپلىق بىلەن مەشرەپنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى!

توردا
240سائەت 
نادىر تېما
دوست
46 
يازما
1036 
تېما
55 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پىچەت يېزىپسىزغۇ !

توردا
261سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
275 
تېما
15 

تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كونكىرىت ۋاقتى قاچان ، مەن مىرشاپ بولسام قانداق

Rank: 8Rank: 8

توردا
792سائەت 
نادىر تېما
دوست
96 
يازما
2763 
تېما
458 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ناھايىتى قىممەتلىك كۈڭۈل تىلەكلىرى بولۇپتۇ ... رەھمەت ! قېرىندىشىم ... چوقۇم قىززىتايلى ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
44سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
69 
تېما
24 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قانداق ئوينايمىز بۇ مەشرەپنى دوستلار؟
تەپسىلىي بىر چۈشەنچە بەرمەمسىلەر؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
427سائەت 
نادىر تېما
دوست
37 
يازما
664 
تېما
125 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئىنكاس قايتۇرۇش pengiyar نىڭ يازمىسى

مۇنبەر مەشرىپى دېگىنىمىز مۇشۇ ئىز مۇنبىردىكى بارلىق ئەزالاردىن تەركىپ تاپقان ھەرخىل سەنئەت تۈرلىرى بىلەن ئۇرۇندالغان تىيما بۇلىدۇ. ئەسلى ئەمەلى مەشرەپتەك قىلساق بەك ياخشى بۇلاتتى. لېكىن بۇنىڭغا مۇمكىن بولمايدۇ.شۇڭا ھازىرچە قۇلۇمىزدىن كىلىندېغىنى چوڭ تىپتىكى بىر تىيما ئارقىلىق مەشرەپنى جۇلالاندۇرۇش بۇلىدۇ. چارشەنبە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ ئىز مەشرىپىدە ئىز تورىدا ئىز قالدۇرغايسىز.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-28 22:24

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-1 18:46

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.