- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-16
- تىزىملاش
- 2010-3-26
- ھوقۇق
- 150
- توردا
- 351سائەت
- جۇغلانما
- 2412
- نادىر تېما
- 5
- يازما
- 423
- تېما
- 222
 
- توردا
- 351سائەت
- نادىر تېما
- 5
- دوست
- 22
- يازما
- 423
- تېما
- 222
|
ئۇ مېنىڭ دادام
(شىڭگىل ھېكايە)
ئاپتورى: تۇرسۇن كېرىم
يامغۇردىن كېيىن ھاۋا پەرەڭدەك ئېچىلىپ كەتتى. دىلشات ئۆزىنى چىڭڭىدە قولتۇقلىغىنىچە تومۇچۇقتەك چۇڭۇلداپ سايراپ مېڭىۋاتقان قىزغا پات – پات كۈلۈمسىرەپ قاراپ قوياتتى. پىيادىلەر يولىدىكى بوشاپ قالغان كېسەكلەر ئارىسىدىن ‹‹جىرتتىدە›› چاچرىغان سۇيۇق لاي دىلشاتنىڭ بەتىنكىسى، شىمىنىڭ پۇشقىقىنى بۇلغىۋەتتى.
— ۋاي – ۋۇي، نېمە ئىش بۇ ئەمدى، – قاپقارا چاچراندىدىن بۇلغانغان بەتىنكىسى ۋە شىمىنىڭ پۇشقىقىغا قاراپ دىلشاتنىڭ جۇدۇنى تۇتتى.
— ھېچقىسى يوق، تازىلىتىۋەتسەكلا بولمىدىمۇ، – دېدى قىز يېقىنلا جايدا ئولتۇرغان 11 – 12 ياشلاردىكى ئىككى مايلامچى بالىنى ئىما قىلىپ.
— تەلىيىمىزگە مايلامچىلارنىڭ يېنىمىزدىلا بولۇپ قالغىنى، – دىلشات شۇنداق دېگەچ قىز بىلەن مايلامچى بالىلار تەرەپكە ماڭدى – يۇ، قوي كۆزلىرىنى يوغان ئاچقىنىچە ئۆزلىرىگە قادىلىپ تۇرغان مايلامچى بالىغا كۆزى چۈشۈشى بىلەن چىپپىدە توختىدى.
— توختاپ قالدىڭىزغۇ، ماڭمامسىز؟ – دېدى قىز.
— ئاياغ مايلىتىمىز دەپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلمايلى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كوچا – كويدا ئاياغ مايلىتىش بىلەن خوشۇم يوق، قەغەزدە سۈرتۈۋەتسەكلا بولدى، يولىمىزغا مېڭىۋېرەيلى، – دېدى دىلشات ئۆزىدىكى ھودۇقۇش، بىئاراملىقنى يوشۇرۇشقا تىرىشىپ.
— قەغەزدە سۈرتكەنگە چىقمايدۇ، يەنىلا مايلاتقىنىمىز تۈزۈك، – قىز شۇنداق دېگەچ دىلشاتنى قولىدىن تارتىپ ماڭدى. ئۇلارغا تىكىلىپ تۇرغان بالىنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا ياشاڭغىرىدى. ئۇ دىلشات بىلەن قىزنىڭ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئورنىدىن ئىتتىك تۇردى – دە، نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ مېڭىپ كەتتى.
— توۋا، خېرىدار ئالدىغا كەلسە كېتىۋاتقىنىنى ئاۋۇ بالىنىڭ، – دېدى قىز كەينىگىمۇ قارىماي كېتىۋاتقان بالىنىڭ ئارقىسىدىن ھەيرانلىق بىلەن قاراپ. بالىنىڭ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن دىلشاتنىڭ يۈرىكى جايىغا چۈشكەندەك بولدى. ئۇ يەنە بىر مايلامچى بالىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردى. شۇ ئارىدا قىز كېتىپ قالغان بالا تەرەپكە ھەيرانلىقتا قارىدى. شۇ چاغدا ئۇ بالىمۇ ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ئۇلارغا قارىغاچ، يېڭى بىلەن كۆزىدىكى ياشلارنى سۈرتۈۋاتاتتى. بۇنى كۆرگەن قىزنىڭ يۈرىكى نېمىشقىدۇر ‹‹قارت›› قىلىپ قالدى. ‹‹ئۇ بالا نېمىشقا بىزنى كۆرۈپلا كېتىپ قالدى، يەنە تېخى يىغلاپتۇ››. قىز شۇلارنى ئويلىغاچ بالىنىڭ قارىسى يىتكىچە قاراپ تۇردى.
ئەتىسى قىز بىر جۈپ توپلەينى كۆتۈرگىنىچە تۈنۈگۈن كېتىپ قالغان مايلامچى بالىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى. ئۇ پۈتۈن دىققىتى بىلەن توپلەينى مايلاۋاتقان بالىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ سورىدى:
— نەچچە ياشقا كىردىڭ ساقام؟
— ئون ئىككىگە.
— مەكتەپتە ئوقۇيدىغانسەن؟
— ئوقۇيمەن. تەتىلدە ئازراق پۇل تاپاي دەپ...
— بىر گەپنى سوراي، جاۋاب بەرگىن ماقۇلمۇ؟
— ماقۇل.
— تۈنۈگۈن مەن بىرەيلەن بىلەن ئالدىڭغا كەلگىلىۋاتقاندا نېمىشقا كېتىپ قالىسەن؟ يەنە تېخى يىغلىدىڭ، شۇنداقمۇ؟
— مەن شۇ...
— ۋەدەڭدە تۇر ساقام، راست گېپىڭنى دېگىن!
— ئۇ... يېنىڭىزدىكى ئۇ ئادەم مېنىڭ دادام، ئۇ ئاپام ئىككىمىزنى تاشلاپ كەتتى. ئاپام دائىم ‹‹داداڭ ئازدى، ئەمما ھېچقىسى يوق، ئۇ ھامان بىر كۈنى يېنىمىزغا قايتىپ كېلىدۇ. سېنى بۇرۇنقىدەك باغچىلارغا، كىنولارغا ئاپىرىدۇ...›› دەيتتى، لېكىن... ھەدە، سىز ئۇنىڭ نېمىسى بولىسىز؟
...
— سىز ئۇنىڭ...
— مەن ئۇنىڭ ھېچنېمىسى ئەمەس ساقام، خوش، ئوقۇشۇڭنى ياخشى ئوقۇغىن، قىز يالىلدىتىپ مايلانغان توپلەينى ئېلىپ، تېز – تېز مېڭىپ كەتتى. ئۇ دىلشاتنىڭ ‹‹خوتۇنۇم ئۇنداق ئەسكى، بۇنداق ئەسكى ئىدى... مېنى تاشلاپ بىرسىنىڭ كەينىدىن كېتىپ قالدى...›› دېگەندەك گەپلىرىنىڭ يالغانلىقىنى، ھەتتا بالىسىنىڭ بارلىقىنىمۇ يوشۇرغانلىقىنى بىلدى.
شۇ كېچە قىز ئىدارىسىدىكى ياتىقىدا ئۇزاق ئويلىنىپ بىر پارچە خەت يازدى – دە، ئەتىسىلا پوچتىغا سېلىۋەتتى، يان تېلېفونىنىڭ نومۇرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. شۇ تاپتا ئۆزىنى خېلى يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلغان قىز ھېلىقى مايلامچى بالىنى تېپىپ ‹‹ساقام، ئوبدان ئوقۇغىن، غەم قىلما، ئاپاڭ ئېيتقاندەك، داداڭ يېنىڭلارغا چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ›› دېمەكچى بولدى.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى |
|