{پادىشاھ بىلەن ئالىمنىڭ سۆھبەت خاتىرسى}
پادىشاھ ئالىمغا قاراپ:
ــــــ ئى ئالىم،كۆڭلۈمدە نۇرغۇن گېپىم بار، بۇلارنى ساڭا دېيىشنى توغرا تاپتىم.
ــــــ قېنى دېگىن،ئى سەلتەنەت ئىگىسى، ئۇلۇغ اللاھىمىز بەندىسىگە ياردەم بەرگۈچىدۇر.
ــــــ بىز نىمە ئۈچۈن ئۆلۈمنى ئۆچ كۆرىمىز؟
ــــــ چۈنكى بىز دۇنيانى ئاۋاتلاشتۇردۇق،ئاخىرىتىمىزنى خارابلاشتۇردۇق. بىزنىڭ بۇ ئاۋات دۇنيادىن خاراب دۇنياغا چىققىمىز يوق.
ــــــ راسىت شۇنداق. ئۆلگەندىن كىيىن بىزگە نىمە ئىش بار؟
ــــــ قىلغان ئەمەللىرىڭنى ۋىجدان تارازاڭ بىلەن ئۆلچەپ، ئەقىل بىلەن كۆزۈڭ بىلەن قاراپ باقساڭ بىلىسەن.
ــــــ بىلگۈم بار. بىز ئۆلگەندىن كىيىن ئۇلۇغ اللاھىمىزنىڭ ئالدىغا قايسى ھالەتتە بارىمىز؟
ــــــ ياخشى ئىش قىلۇچىلار يىراق سەپەردىن ئۆز ئائىلىسگە قايتىپ كەلگەن مۇساپىرلەرگە ئوخشاش، گۇناھكارلار بولسا ئىگىسنىڭ ئالدىغا ھەيدەپ ئاپىرىلغان قاچقۇن قۇلغا ئوخشاش ھالەتتە بارىمىز. بۇ دۇنيادىكى بارلىق قىلغان-ئەتكەنلىرىمىزنىڭ جاۋابىنى بىرىمىز.
پادىشاھ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىپ، ئاندىن:
ــــــ ئۆزىمىزنى قانداق ياخشىلايمىز؟
ــــــ كىبىر-تەمەننانى تاشلاپ، ئىنساپ، مەردلىك،ئادەمگەرچىلىكنى چىڭ تۇتساڭ شۇ كۇپايە.
ــــــ مال-مۈلۈكنىڭ ئالدىدا ھەقىقىي توغرا يول قايسى؟
ــــــ ئالغاندا ھەقىقىي بولساڭلار، بەرگەندە لايىق كىشىلەرگە بەرسەڭلار، باراۋەر تەقسىم قىلساڭلار، پۇقرالار ئارىسىدا ئادىل بولساڭلار ۋە مۇشۇ ھەققانىي يولدا چىڭ تۇرساڭلا كۇپايە.
ــــــ ئى ئالىم، ساڭا رەھمەت. ئۆمرۈم ئاخىرىدا بولسىمۇ ئۆزۈمنى تۇنۇشقا ياردەم بەردىڭ، ساڭا خەزىنەمنىڭ يېرىمىنى بېرىشنى ئويلاۋاتىمەن. قانداق قارايسەن؟
ــــــ مال-دۇنياغا ئالدىنىپ ئۆتۈش سىنىڭ ئىشىڭ. ماڭا مال-دۇنيا لازىم بولغان بولسا، ئاللىقاچان سېنىڭ پادىشاھلىق تەختىڭدە مەن ئولتۇرغان بولاتتىم.
ــــــ ئۇنداقتا ساڭا نىمە كېرەك؟ مەن ساڭا ھازىرلاپ بىرەي.
ــــــ ماڭا كېرەك نەرسە سەندە بولغان بولسا ئىدى، سەن ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار بۇلۇپ قالاتتىڭ.
ــــــ ماڭا يەتكۈزىدىغان يەنە نەسىھىتىڭ بارمۇ؟
ــــــ ئاڭلىغىنىڭغا، بىلگىنىڭگە تۇلۇق ئەمەل قىل، ساڭا بۇنىڭدىن ئارتۇق نەسىھەت ئارتۇقچىدۇر.
پادىشاھ ئالىمنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئوڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ تەخىتنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆزىنىڭ يېنىغا ئولتۇرۇرغۇزۇپ، ئالىمغا:
ــــــ ئۆمرۈمنىڭ كۆپ قىسىمى جەڭ مەيدانلىرىدا قىرغىنچىلىق، بۇلاڭ-تالاڭ بىلەن ئۆتتى. ئەمدى بولسىمۇ ئالىملار سورۇنىدا ئولتۇرۇپ ھاياتنىڭ ھەقىقىي لەززىتىنى سۈرەي.
ئالىم ئۇنىڭغا قاراپ، تەبەسسۇم بىلەن كۈلۈپ قۇيۇپ:
بۇ خۇددى پرئەۋىننىڭ ئەجەل كېلىپ قالغاندا ئۆزىنى تۇنۇغىنىغا ئوخشاپ قالدى.پرئەۋىننىڭ ئۆزىنى تۇنۇشى پايدا بەرمىگەن ئىدى.سىنىڭ ئۆزەڭنى تۇنۇشىڭ قۇبۇل قىلىنغۇسى.
ئەمدى مېنى ئۆز ئورنۇمغا ئاپىرىپ قويغىن. بۇ ئورۇنغا ئەمدى سەندىن باشقا كىشى ماس كەلمەيدۇ.
ئېسىڭدە بولسۇنكى: ھەقىقىي گۇمراھ كىشى، بىر ئۆمۈر ئۆزىنى تۇنۇمىغان كىشىدۇر.
ئىزاھات: ئاپتور شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنىستىتۇتىنىڭ تالىبى قاسىمجان يۈسۈف مۇسلىھ
{شىنجاڭ مەدىنىيىتى ژورنىلىنىڭ 2007-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى}
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xatay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-12 15:53
|