ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،قۇياش مۇنبىرى ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقىرىۋاتقان جاپاكەش باشقۇرغۇچىلار ،قۇياش مۇنبىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مول مەزمۇنلۇق بولغان تېما ۋە ئىنكسلارنى يوللاپ ،مۇنبىرىمىزنى
قوللاپ قۇۋەتلەپ كەلگەن ئەزىز
مۇنبەرداشلار ، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،كۇچار مۇنبىرى،ئىز مۇنبىرى،ئەسلىمە مۇنبىرى قاتارلىق قوشنا مۇنبەرلەردىكى بارلىق قېرىنداشلار،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،مۇنبەردىكى مول مەزمۇنلۇق بىلىملەردىن،رەڭدارلىققا ۋە جەلكارلىققا ئىگە بولغان
ھەر خىل
تېما ۋە ئىنكاسلاردىن ھوزۇر ئېلىپ
بىلىم تەشنالىقى بىلەن چاڭقىغان دىللىرىنى ئابىھايات كەۋسەرلەر بىلەن سۇغۇرىۋاتقان مۇنبەر سىرتىدىكى بارلىق قېرىنداشلار، ھەممىڭلارغا مەن مۇسىلىنەدىن ئالى ئېھتىرام
.مەن ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەجرى ئارقىلىق قۇياش تور بېتىنى بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈرگەن جاپاكەش كىرائۇس ۋە
قۇياش تورى مۇنبەر ئىشخانىسىدىكى بارلىق جان كۆيەر
باشقۇرغۇچىلار ،ئارقا سەپ خىزمەتچىلىرىگە ۋاكالىتەن
تورمۇشۇڭلار بەخت ، خىزمەتلىرىڭلارغا
ئۇتۇق تىلەيمەن، كەلگۈسىڭلار پارلاق بولسۇن....ھەممىڭلارغا بەخت
- ئامەت مەڭگۈ يار بولسۇن....!
كۇچار مۇنبىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرىنچى قېتىملىق كاتتا ۋە ھەيۋەتلىك مەشرەپتە كېيىنكى قېتىملىق مەشرەپ گۈل چېيىنى قۇياش مۇنبىرى ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن ،بارلىق مۇنبەرداشلار بۇنىڭدىن ئىتايىن سۆيۈندۇق، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قۇياش مۇنبىرىدىكى بارلىق تورداشلار
بۇ قېتىمقى قۇياش مۇنبىرىدە ئۆتكۈزىلىدىغان مەشرەپكە تەكلىپ قىلىنغان
كۇچار مۇنبىرى،ئىز مۇنبىرى ۋە ئەسلىمە مۇنبىرىدىكى بارلىق قېرىنداشلارغا
ئالىي سالام يوللايدۇۋە كېلەركى قېتىملىق مەشرەپكە ۋاقتىدا قاتنىشىپ بېرىشىنى چىن كۆڭلىدىن
تەكىلپ قىلىدۇ. مۇنبىرىمىزدە ئۆتكۈزىلىدىغان
مەشرەپ پائالىيتىنى 3- ئاينىڭ 16- كۈنىگە ئورۇنلاشتۇردۇق، ۋاقتىدا خەۋەر تېپىشىڭلارنى ۋە ۋاقتىدا قاتنىشىپ بېرىشڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن
. تۇنجى قېتىملىق مەشرەپ 3- ئاينىڭ 2 - كۈنى (چارشەنبە) كۇچار مۇنبىرىدە ناھايىتى كاتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى قۇياش مۇنبىرىدە ئۆتكۈزىلىدىغان مەشرەپ گەرچە ئۇنچە ئالاھىدە بولمىسىمۇ ،بىراق خېلى ئەتىراپلىق تەييارلىق قىلىندى،ھەرقانداق بىر كونا –يېڭى
ئەزالار ئىختىيارى قاتناشسا بولىدۇ
. ئەمسە مەشرەپ باغىقىى ھەممىڭلارغا كەتتى: تەكلىپنامە:
ھۆرمەتلىك * *
ئەپەندىلەر، خانىم- قىزلار :
سىزلەرنى3- ئاينىڭ 16- كۈنى قۇياش مۇنبىرىدە ئۆتكۈزىلىدىغان
مەشرەپ چېيىمىزغا
ئالاھىدە تەكلىپ قىلىمەن
.ۋاقتىدا قاتنىشىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.( ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت)
مەشرەپ ئورنى: قۇياش مۇنبىرى تور ئادرېسى:http://bbs.kuyax.cn سەمىڭلاردا بولسۇنكى كىيىنكى قېتىملىق مەشرەپ گۈل چېيىنى ئۆتكۈزۈپ بىرىش پائالىيتى مەشرەپ باشلانغاندا ئېلان قىلىنىدۇ،قوشنا مۇنبەرلەر ئارا دوستلۇق پائالىيىتىنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن
بۇ قېتىمقى مەشرەپ گۈل چېيىنى ئۆتكۈزىۋېلىشنى خالايدىغان مۇنبەرلەرنىڭ
تەييارلىق ھالەتتە تۇرىشىنى سورايمىز.مەشرەپنىڭ خاسىيەتلىك ‹‹تەلەي قاپىقى››قايسى مۇنبەرگە نېسىپ بولاركىن.....؟ قۇياش
تورى ئىشخانىسى |