ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ھىكايە،رومان،پوۋىستلار قىزىمنىڭ ماڭا دېگەنلىرى (ساپ تىلەك)
كۆرۈش: 275|ئىنكاس: 10
go

قىزىمنىڭ ماڭا دېگەنلىرى (ساپ تىلەك)

توردا
27سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
38 
تېما
13 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

قىزىمنىڭ ماڭا دېگەنلىرى




(قىزىمنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىدىن)




ئاپتۇرى: ساپتىلەك




ئىلاۋە: مۇنبەردىكى نۈرغۇن قىرىنداشلىرىمنىڭ پەرزەنتى بار، يەنە بەزىلەرنىڭ پەرزەنتى بولۇش ئالدىدا. شۇڭا مېنىڭ بۇ ئەسىرىمدىن پەرزەنت تەربىيلەش جەريانىدا پايدىلىنىشقا تىگىشلىك جايلىرىدىن پايدىلىنىشى ئۆمۈد قىلىپ بۇ ئەسەرنى يازدىم. قىنى مەرھەمەت قىلغايسىلەر.
مەن ھەممە نەرسىدىن ماختىنىشقا ئامراق. يەنە كىلىپ قىزىمدىن ماختىنىشقا تېخىممۇ ئامراق. بۈگۈن ھاۋا شۇنچىلىك ئۇچۇقكى ھەتتا ئاسماندا ئالقانچىلىكمۇ بۇلۇت يوق ئىدى. شۇنىڭغا ماس ھالدا كۆڭلۈممۇ خۇددىي ئاسماندەك ئۇچۇق ھەم يۇرۇق ئىدىكى خۇشاللىقىم ئىچىمگە سىغمايتتى. نەچچە كۈندىن ئۇچۇرغانلا ئادەمگە «قىزىمغا بىيجىڭدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چاقىرىق كەلدى» دەپ ماختانغان بولسام، مانا بۈگۈن خىزمەتداشلىرىمغا يۈزتۇرانە، ئۇچۇرتالمىغان دۇست ۋە ساۋاقداشلىرىمغا تېلىفۇندا قىزىمغا چىدىمىغاچقا ئۇرۇمچىدىكى نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە بەرگەنلىكىمنى ئاغزى-ئاغزىمغا تەگمەي ماختاندىم. نەچچە كۈن ئۆتۈپ قىزىمنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۇرۇق-تۇققانلارنى، دۇست-بۇرادەرلەرنى ئۆيگە مېھمانغا چاقىرىپ ئۇلارنى خۇشاللىقىمغا ئورتاقلاشتۇرماقچى ھەم قىزىمنى ئۇزۇتۇپ قويماقچى بولدۇم ھەم دېگىنىمنى قىلدىم. بازاردىن نەچچە قور ئېسىل كىيىم-كىچەك سېتىۋىلىپ چامادانلىرىغا قاچىلىدىم. قىزىمنىڭ «ئاپا، بىزنى مەكتەپتە زىبۇ-زىننەت ئاسقىلى قويمايدۇ» دېگىنىگە قويماي، بىر دانا سېرىق ئالتۇن زەنجىر، بىر دانا سېرىق ئالتۇن ئۇزۇك، بىر دانە سېرىق ئالتۇن ھالقا ھەم بىر يۇرۇش قىزىل ئالتۇندىن زىننەت بويىمى ئېلىپ، قىممەت باھالىق سىپتە ئىشلەنگەن زىبۇ-زىننەت قاپچۇقىغا سېلىپ، ئۇنىمۇ چامادانغا قاچىلىدىم. قىزىم يولغا چىقار چاغدا مەكتەپتە ئېسىل كىيىنىپ يۇرىشىنى، ئۇرۇمچىلىك بالىلار ئالدىدا چېنىپ قالماسلىقنى، پۇلنىڭ تۇگەپ كېتىشىدىن ۋايىم يىمەسلىكنى، مەكتەپنىڭ ئوخشىمىغان تاماقلىرىنى يېمەي، سىرتتىكى تىز تاماقخانىلاردا ئوبدان تاماقلارنى يېيىشىنى، بالىلارغا بوزەك بولماسلىقنى قايتا-قايتا جىكىلىدىم. مەن نېمە دىسەم ماقۇل دەپ كۇنگەن، مەن بولمايدۇ دېگەن ئىشنى قايتا تىلغا ئالمايدىغان قىزىم يەنە ماقۇل دەپ تۇردى. ئاپدۇبۇس قوزغالدى. قىزىم بىلەن يىغلاپ تۇرۇپ، يىنىشلاپ قۇچاقلىشىپ خۇشلاشتىم. دادىسىنى سىز ئاپىرىپ قويۇڭ دېگىچە ئۆزەم ئاپىرىپ قويۇپ كەلمىگىنىمگە بەكمۇ پۇشايمان قىلدىم.

ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئۆي ماڭا تولۇمۇ «سۇرۇن» بىلىندى. قولۇمغا ھېچ ئىش بارمايتتى. قىزىمنى ھېلىتىن سېغىنىپ، ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىردىم. ئۇ ياتقان ياستۇقلارنى پۇرۇدۇم. ئۇ ئىشلەتكەن كىتاپلارنى بىر قېتىم سېلاپ چىقتىم. توساتتىن كىتاپلار ئارىسىغا تىزىلغان نەپىس ئىشلەنگەن بىر خاتىرىگە كۆزۇم چۈشتى. خاتىرىنى قولۇمغا ئالدىم. بۇ قىزىمنىڭ كۈندىلىك خاتىرسى ئىدى. كۆڭلۈمدە «قىزىم بۇنى نېمىشقا ئۇنتۇپ قالغاندۇ؟ بۇنىڭغا نېمىلەر يېزىلغاندۇ؟» دەپ ئويلىدىم. بىر خېل قىزىقىش ئىچىدە خاتىرىنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم.

2003-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى (سەيشەنبە)


بۈگۈن ھاۋا ئۇچۇق. مۇئەللىم بىزگە بۇنىڭدىن كېيىن كۈندىلى خاتىرە يېزىپ مىڭىشنى ئادەت قىلىشىمىزنى ۋە كۈندىلىك خاتىرىنى قانداق يىزىش كېرەكلىكىنى ئۈگەتتى. مۇئەللىمنىڭ دېيىشىچە كۈندىلىك خاتىرىنى كۈندە يېزىشىمىز زۇرۇر ئەمەسكەن، پەقەت بىزگە تەسىر قىلغان ئىشلارنى يېزىشىمىز كىرەككەن. مەن بۈگۈندىن باشلاپ كۈندىلىك خاتىرە يازىمەن.


2003-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى (پەيشەنبە)


بۈگۈن مەكتەپتە تەنتەربىيە مۇسابىقىسى بولماقچى ئىدى. مېنىڭ بۇ مۇسابىقىغا شۇنداق قاتناشقىم بار ئىدى، بىراق ئاپام «سىز بەك ئورۇق، ئۇنىڭغا قاتناشسىڭىز ئاغرىپ قالىسىز، شۇڭا قاتناشسىڭىز بولمايدۇ» دەپ ئۇنىمىدى. كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولسىمۇ ئاپامغا يەنە دىيەلمىدىم. چۈنكى قايتا دېسەممۇ ئاپام بەرىبىر ئۇنىمايدۇ. مەن مەيۇس ھالدا مەكتەپكە باردىم. تۇيۇقسىز مۇئەللىم ئاپىڭىزنىڭ يېنىغا بېرىڭ دېدى. مەن ئاپام مۇسابىقىمىزنى كۆرگىلى كەپتۇ دەپ بەك خۇش بولدۇم، لىكىن ئەھۋال ئۇنداق ئەمەسكەن. ئەسلى ئاپام مېنى ئىككى كۈنلۈك سوراپ، ئالغىلى كەلگەن ئىكەن. مەن ئاپامغا مۇسابىقىغا قاتناشمىدىم، پەقەت مۇسابىقىنى كۆرسەم بولدى دېگەن بولساممۇ ئەمما ئاپام ئاپتاپتا ئولتۇرۇپ ئاغىرىپ قالىسىز دەپ مېنى مەجبۇرى ئىشخانىغا ئەكەتتى. بىر كۈن كەچكىچە ئاپامنىڭ ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇق ئىشلىگەچ زېرىكىپ ئولتۇردۇم. كۆڭلۈم يىرىم بولۇپ يىغلىۋىتەي دەپ قالدىم. شۇ تاپتا سىنىپتىكى دۇستلىرىم تازا خۇشال ئويناۋاتقاندۇ.

قىزىمنىڭ يازغانلىرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈمدە «ۋۇي، ئەخمەق قىزىم» دەپ ئويلىدىم.


2003-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى (يەكشەنبە)


بۈگۈن بىر كۈن رىستۇراندا ئاپامنىڭ كەينىدە يۇردۇم. كۆڭلۈمدە تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولالمىسام مۇئەللىمدىن تەنقىت ئاڭلاشنى ئويلاپ قورقاتتىم. كەچ بولۇپ، ئۆيگە قايتتۇق. مېنىڭ شۇنداق ئۇيقۇم كىلىپ كەتتى، بىراق تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولمىسام بولمايدۇ-دە، ئىلاجىسىز تاپشۇرىقىمنى ئالدىم. تاپشۇرۇقنىڭ جىقلىقىنى كۆرۈپ، ئىشلەپ بولالماسلىقىمدىن ئەنسىرەپ يىغلاپ كەتتىم. ئاپام مېنىڭ يىغلىغىنىمنى كۆرۈپ يېتىپ ئۇخلىسام بولىدىغانلىقىنى، تاپشۇرۇقىمنى ئۆزى ئىشلەپ قويىدىغانلىقىنى ئىيتتى. بىراق مەن ئۇنداق قىلسام مۇئەللىم ئۇقۇپ قالسا تىللايدىغانلىقىنى ئىيتقان بولساممۇ ئاپام بىرلا توۋلاپ مېنى يېتىپ ئۇخلاشقا چىقىرىۋەتتى. مەن زادىلا ئۇخلىيالمىدىم. بىر ۋاقىتتا ئازراق ئۇخلاپتىكەنمەن، چۈش كۆرۈپ چۆچۇپ ئۇيغىنىپ كەتتىم. ئاپام تاپشۇرىقىمنى ئىشلەپ يېنىمغا قويۇپ قويۇپتۇ. مەن ئاۋاز چىقارماي ئاستا قوپۇپ، ئۇسەل چىرىقىنى ياندۇرۇپ، دەپتىرىمنى ئېچىپ ئاپامنىڭ چىرايلىق خەتلىرىنى بىرنى قويماي ئۆچۇردۇم ھەم قايتا ئىشلىدىم. تاپشۇرۇقنى تۈگۈتۈپ بۇ خاتىرىنى يازدىم. ئاپا، نېمانداق قىلىدىغانسىز ھە؟ سىزگە نېمىشقا كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى دېگىلى قويمايدىغانسىز؟
«ۋاي بىچارا قىزىم، شۇ كېچە ئۇخلىماپسىزدە»، كۆڭلۈمدە شۇلارنى ئويلاپ قىزىمغا ئىچىم ئاغىرىپ يۈرىكىم ئاغرىپ كەتتى.


2003-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى (چارشەنبە)


بۈگۈن بايرام، مەن ئەتىگەن قوپۇپ، ئاپام ئېلىپ قويغان ئەتلەس كۆينەكنى خالتىسىدىن چىقاردىم، بىراق كۆڭلۇم شۇنداق يېرىم بولدى. ئاپام نېمىشقا كەچكىچە مەن دېگەن ئىشنى ئەينەن قىلىپ بەرمەيدىغاندۇ؟ يا ئاپام مۇئەللىمگە بەك ئۆچمىدۇ؟ مۇئەللىم بىزگە سېرىق ئەتلەس كۆينەك كىيىڭلار دەپ شۇنداق كۆينەكنى مەكتەپكە ئەكىلىپ بىزگە كۆرسەتكەن تۇرسا. ئەمدى قانداق قىلارمەن، مۇئەللىم يەنە خاپا بولىدىغان بولدى. مەن قورقۇپ ھەم جىددىيلىشىپ يىغلاپ كەتتىم. ئاپام مېنىڭ نېمىشقا يىغلىغىنىمنى بىلەتتى. شۇڭا «ۋۇي ئەخمەق قىزىم، شۇنىڭغىمۇ يىغلامدۇ، مەنچۇ بالام، بىر كىيىمنى ھەممە ئادەم خۇددىي بىر يەردىن تارقاتقاندەك كىيىشىنى ياقتۇرمايمەن، ئۇنىڭ ئۇستىگە سېرىق رەڭ ئادەمگە ئاچمايدۇ، يىغلىماي كىيىپ بېرىۋىرىڭ، قىنى مۇئەللىمىڭىز تىللاپ باقسۇننا، سىزدەك ئەلاچى ئوقۇغۇچىنى باشقا مۇئەللىملەر تالىشىۋاتقاندا شۇ تالاشقان مۇئەللىمنىڭ سىنىپىغا ئەچىقىپ قويىمەن» دېدى. مېنىڭ باشقا سېنىپقا ھەرگىز چىققىم يوق بولغاچقا ئامالسىز ئاپام ئىلىپ بەرگەن كىيىمنى كىيىپ مەكتەپكە باردىم. مۇئەللىم كەلگەنتى، بەك قورۇقتۇم. مۇئەللىم راستتىنلا خاپا بولۇپ ماڭا ئالايدى. كىيىن بىزنىڭ سىنىپنىڭ نومۇر كۆرسىتىش نۆۋىتى كەلگەندە مۇئەللىم باشقا سىنىپتىكى بىر قىزنىڭ كىيىمنى سوراپ ماڭا كەيدۇردى. سىنىپدىكى بالىلارنىڭ ئاپىسىمۇ شۇنداق قىلامدىغاندۇ ھە؟ مەن بۈگۈن پەقەت خۇشال بولمۇدۇم.

«ۋۇي، شۇ ئىشنى ھەجەپ ئۇخماپتىمىنا. ئېسىت، شۇ ۋاقىتتا ئۇققان بولسام، مۇئەللىمنى تۇغۇلغىنىغا پۇشايمان قىلدۇراكەنمەن. ھەجەپ نەدىكى بىر يۇندىپۇرۇشنىڭ كىيىمنى قىزىمغا كىيدۇرۇپتا، كېسىلى بولسا يۇخمامدۇ، تېخى قىزىمغا ئالىيىپتۇ، خەپ» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.


2003-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى (دۆشەنبە)


بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم. ئەتىگەندىلا ئاپام ئېلىپ بەرگەن ئېسىل كىيىملەرنى كېيىپ، بەك خۇش بولدۇم.

بۈگۈن ئاپام يەنە رىستۇرانغا مېھمان چاقىرغان ئىدى. مانا نۈرغۇن ئاپاش، داداشلار كېلىشكە باشلىدى. مەن يەنە ئاپامنىڭ دېگىنى بويىچە ھەممە ئاپاش، داداشنى سۆيۈپ قويىشىم كىرەك. مۇشۇ ئىشقا بەك بېشىم قاتىدۇ. بىرەر قىتىم تۇغۇلغان كۈنىمدە دۇستلىرىم بىلەن ئوينىغىلى قويسا نېمە بولار ھە؟ مەن بىر كۈن كەچكىچە چوڭلار بىلەن زىرىكىپ ئولتۇرىمەن. داداشلار ھاراق ئىچىپ يا كەتمىگەن. تېخى خوشلىشىدىغاندا داداممۇ مەس بولۇپ قالغان داداشلارنى سۆيۈپ قويۇڭ دېگەن، ئۇلارنىڭ ئاغىزىنىڭ سېسىسقلىقى. خەپ قاچانمۇ چوڭ بولارمەن، چوڭ بولسامغۇ ئاپامغا، دادامغا قىلغۇم يوق ئىشنى قورقماي دىيەلەيتىم.


قىزىمنىڭ خاتىرسىنى ئوقۇغانچە كۆڭلۈم بىرقىسما بولۇشقا باشلىدى.


2003-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى (سەيشەنبە)


بۈگۈن مېنىڭ كۆڭلۈم ئەڭ يىرىم. بۇرۇنمۇ شۇنداق بولاتتى. دادام مەس كىلىپ ئاپام بىلەن ئۇرۇشتى. دادام ئاپامنى بەك ئۇرۋەتتى. ئاپاممۇ يىغلىدى، مەنمۇ يىغلىدىم. دادام نېمىشقا شۇنداق قىلىدىغاندۇ؟ دادام قاچانمۇ ھاراق ئىشمەيدىغان بولار؟ بىچارە ئاپام مېنى قۇچاقلاپ خېلى ئۇزۇن يىغلىدى. مەن مۇشنداق ۋاقىتتا بىريەرلەرگە قىچىپ كەتكىم كىلىدۇ. مەن بۇ ئۆيدە تۇرغىلى بەك ئۆچ بولدۇم. دادام ھاراقكەش، ئۇرۇشقاق. ئاپام بولسا ماڭا كۆيدۇم دەپ مېنى ھىچنېمە قىلغىلى قويمايدۇ. ياق قىلاتتىم دېسەم ۋارقىراپ خاپا بولىدۇ. مېنىڭ پارتىدىشىم ئايزىبا نېمە دېسە ئاپىسى شۇنى قىلىپ بىرىدىكەن.
بۇ قۇرلارنى ئوقىۋىتىپ ئىخىتىيارسىز يىغلاپ تاشلىدىم.

2003-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى (جۈمە)


بۈگۈن ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنى ئاچماقچى ئىدى. ئاپاممۇ دەل ۋاقتىدا كىلىپ بولدى. مۇئەللىم سۆزلەپ بولۇپ ئاخىرىدا «سىنىپىمىزدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ئوقۇغۇچى رەناگۈلنىڭ ئاپىسىنى سۆزگە تەكلىپ قىلايلى، ئۇ بىزگە قىزىنى تەربىيلەش جەريانىنى سۆزلەپ بەرسە» دېدى. ئاپام مېنى بىرھازا ماختاپ بولۇپ تۇرۇپلا دادامنى ئەيىپلەپ «بەك ھاراق ئىچىدۇ، تالا ئوينى كۆپ، بالا بىلەن زادى كارى يوق، مۇئاشىنىمۇ ئۆيگە ئەكىرمەيدۇ، شۇڭا بالىنى تەربىيلەش مېنىڭ زىمەمگە چۈشكەن، قىزىم شۇنداق ياخشى بولغىنى بىلەن مۇشۇ دادىسى دېگەن ھاراقكەش تۇزەلسە بولاتتى. ئۇ ۋاقىتتا تىخىممۇ ياخشى بولاتتى» دىمەسمۇ ئىزادىن ئۆلگىدەك بولدۇم. ئاپام نېمىشقا بۇنداق گەپلەرنى ساۋاقداشلىرىمنىڭ، نۇرغۇن ئاپاش، داداشلارنىڭ ئالدىدا دەيدۇ؟ مەن يىغلىۋەتتىم.

مەن بىئارام بولۇپ خاتىرىنى نەچچە بەت ئۆرۇدۇم. ئارلاپ ئوقۇپ ئىچىمنى مۇشۇك تاتلىغاندەك بولۇپ، قىزىمغا ئىچىم ئاغرىپ ياشلىرىم تۆكۈلۈشكە باشلىدى. بىچارە قىزىم.........


2007-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى (پەيشەنبە)


بۈگۈن ئانىلار بايرىمى. مەن ئاپامغا نېمە ئالسام بولار؟ ئاخىرى ئاپامغا گۈل سۇۋغا قىلىش نىيىتىگە كەلدىم. ئاپامغا گۈل سېتىۋىلىپ سۇۋغا قىلدىم. ئاپام گۈلنى كۆرۈپ مېنى قۇچاقلاپ، خۇش بولۇپ يىغلىۋەتتى. ئاپپاق قىزىم دەپ سۆيۈپ بىر قىلۋەتتى. مەنمۇ بەك خۇش بولدۇم. كەچتە ئاپاملارغا زىياپەت باركەن. ئاپام كەتتى. داداممۇ يوق. مەن يالغۇز قالدىم. بۇنداق يالغۇز قىلىش ئادەتتىكى ئىش. ئاپامنىڭ خەتنە توي، توي، گۈل چاي، بۆشۇك توي، زىننەت توي دەيدىغان ئىشلىرى بەك كۆپ، يەنە تىخى بىر ئايدا تۆت قېتىم قاتار چايغا بارىدۇ. شۇڭا مەن دائىم ئۆيدە يالغۇز قالىمەن. بۈگۈنمۇ ئۇلار قاچان كېلىدۇ بىلمەيمەن. دادامنى، ئاپامنى ساقلاپ ئولتۇردۇم. دادام بەك مەس كىپتۇ. ئاپلا دادام مۇشۇنداق كەلسىلا ئاپام بىلەن ئۇرۇشاتتى. ئانامنىڭ ئۆيىگە كىتەلىگەن بولسام بەك ياخشى بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئۇرۇشقىنى زادىلا كۆرگۇم يۇق. بۈگۈن ئاپام بىلەن دادام يەنە ئۇرۇشتى. ئۇلار بەك سەت گەپ قىلىپ ئۇرۇشىدۇ. قولىقىمنى ئىتىۋالساممۇ ئامال يوق. ئاپام بىلەن ئىككىمىز يەنە كېچىگىچە يىغلاشتۇق.

2007-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى(دۆشەنبە)


بۈگۈن بىر دۇستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. مېنىمۇ چاقىردى. بىراق ئاپامغا دېسەممۇ بەرىبىر بارماڭ دەيدۇ. ئاپام، دادام ئەزەلدىن مېنى ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئارلاشقىلى قويمايدۇ. شۇڭا تەتىلنىمۇ ئۆيدىن تالاغا چىقماي ئۆتكۈزىمەن. مېنىڭ دۇستلىرىمنىڭ ئۆيىگە شۇنداق بارغىم كېلىدۇ. مەنمۇ چوڭ بولدۇم. بىراق ئۇلار مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنمەيدۇ-دە. ئاپام بىلەن دادام بالىلىق ۋاقىتلىرىنى قانداق ئۆتكۈزگەن بولغىيتى. بەزىدە بەك ھەيران قالىمەن. بوپتىلا، بەلكىم ئاپام بىلەن دادان مېنى ياخشى ئۈگەنسۇن، ياخشى بالا بولسۇن دەيدىغاندۇ.

2007-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى (شەنبە)


مەن تاماقمۇ ئىتەلمەيمەن، ھەتتا چاي قاينىتىش ئۈچۈن ئوچاق بېشىغا كەلسەم، ئاپام گازنى ئاچالمايسىز، بويىڭىزغا چاي تۆكۈپ كۆيدۇرۋالىسىز دەپ ئۇنىمايدۇ. بۈگۈن دۇستۇم گۈلچىھرە بىلەن پاراڭلاشتىم. ئۇ ئۆيدە گاڭپەن ئىتەلەيدىكەن. يەنە دائىم ئاپىسى، دادىسى بىلەن يېزىلارغا تۇقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بىرىپ كىلىدۇ. ئۇ ئىشلارنى ماڭا دەپ بەرگەندە كۆڭلۇم بەك يىرىم بولىدۇ. ماڭا ئاپام بەك ئامراق، بىراق مېنى چۈشەنمەيدۇ. مېنى خۇددىي قەپەستىكى قۇشتەك بىقىپ چوڭ قىلدى.
ئاپا، دادا، سىلەرگە شۇنداق دېگىم كىلىدۇ، مېنى سەل ئەركىن قويساڭلار، مېنى ئۆز ئالدىمغا مۇستەقىل ئىش قىلغىلى قويساڭلار. مەنمۇ سىلەرنى چۈشىنىمەن، بەلكىم مېنى يامان بالىلارغا ئارلىشىپ قالمىسۇن، دەرستە چېكىنىپ كەتمىسۇن دەپ ئەنسىرىيدىغانسىلەر. مېنىڭ سىلەردىن ھەرگىزمۇ ئارتۇق نەرسىلەرنى تەلەپ قىلغىم يوق. شۇ ماڭا كۆپرەك ھەمرا بولسىكەن، چايلارغا ئازراق بارسىكەن، ئۆيدە تاماق ئېتىپ ئۈچىمىز بىللە ئولتۇرۇپ يېسەككەن، يىزىلارغا بىللە بېرىپ تۇققانلارنى كۆرۈپ كەلسەك، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بىرگە ئوينىسامكەن، ماڭا ئاددىي ئۆي ئىشلىرىنى قىلغىلى قويسىكەن، بەلەن بىر نەچچە دۇستلىرىم بىلەن باردى-كەلدى قىلغىلى قويسىكەن دەپ ئويلايمەن. جىنىم ئاپا، دادا، مەندىن خاتىرجەم بولۇڭلار، مەن ھەرگىزمۇ چىكىنىپ كەتمەيمەن، تېخىممۇ تىرىشىمەن. يامان بالىلار بىلەن ئارلىشىپ قىلىشىم مۇمكىن ئەمەس. سىلەر مېنى شۇنداق چىڭ تۇتقاچقا مانا شۇنداق زور شەرەپكە ئىرىشتىم. سىلەرگە كۆپ رەھمەت.
مەن قوللىرىم تىتىرەپ تۇرۇپ قىزىمنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىنى ياپتىم. كۆزلىرىمدىن قۇيۇلۋاتقان ياش يىپى ئۇزۇلگەن مارجاندەك خاتىرە بەتلىرى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى. مەندە قىزىمچىلىكمۇ ئەقىل يوق ئىكەن. قىزىمنى شۇنچىلىك ئەتىۋارلىدىم دەپ قانچىلىك بىچارە ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدۇم-دە. قىزىم، سىز ئەقىلىق بالا، سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك بولسۇن.

توردا
83سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
475 
تېما
10 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بالىلارنىڭ ئازراق ئەركىنلىكى بولغىنى ياخشى!

Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
دوست
93 
يازما
2652 
تېما
453 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بالىلارنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يېتىلىشىنى قولغا كەلتۈرىمىز دەيدىكەنمىز ، ئەخلاقىي ئەركىسىنى بۇغۇپ قويۇشقا بولمايدۇ ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
148سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
563 
تېما

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بالىلىرنى ھەرقانچە ياخشى كۆرسمۇ ئازراق ئەركىنلىك بېرىش كېرەك تە ......

توردا
12سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
53 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خاتا قىلفىننى تۇنۇش ياخشى ئەخلاق .

توردا
12سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
53 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشژ

توردا
12سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
76 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھازىرچۇ ئەركىنلىك بەرسە چاتاق چىڭ تۇتقان ياخشى

توردا
122سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
408 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن . قىزڭىزىنىڭ كۇنىدۇلۇك خاتىرسىنىى كۆرۇپ كۆڭىلۇم بەك يىرىم بولىدى . بىز كەلىگۇسى ئەۋىلاتىلارنىڭ ئاتا - ئانىسى بولىغان ياشىلارغا نىسىبەتەن . پايىدىلىق قىمىمىتى چوڭ ئىكەن . بالا تۇغۇش . ئالا بېقىش ۋە ئۇلارغا قانىداق يول كۆرسۇتۇشىنىڭىمۇ چوڭ بىر جەريان كىتىدىغانىلىقىنى ھېس قىلىدىم .ئەجىرڭىزىگە كۆپ رەخىمەت . قىزىڭىزغا خۇشاللىق تىلەيىمەن

Rank: 8Rank: 8

توردا
84سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
126 
تېما
29 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكم

قەلىمىڭىز ئۆتكۈركەن،قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن...

ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قانچا بۇغۇپ قويغان سىرى،ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئويلىغانلىرىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ ماڭىدۇ.ئېغىر بولغاندا بەلكىم ئۆيدىن قېچىپ كېتىشى ياكى ئۆلىۋېلىش خىيالىغا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن.

بالىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى بۇغۇپ قويمايلى،بولسا تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشسۇن. دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى كىتابلاردىدا ئەمەس كۆزى بىلەن كۆرىپ ھېس قىلسۇن.

ئەمما بەك ئەركىن قۇيىۋېتىشكىمۇ بولمايدۇ ھەممە ئىشنىڭ مەلۇم چەك چىگرا ئىچىدە بولغىنى ئەڭ ئەۋزەل...

سىزدىن سورايدىغىنىم، گاڭپەن ئۇيغۇر ئاتالغۇمۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا world تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-14 23:02

Rank: 8Rank: 8

توردا
351سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
423 
تېما
222 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىز «ئىز» تورى مۇنازىرە مۇنبىرى ئۈچۈن ھەقىقتەنمۇ ئەجىر قىلىۋاتىسىز، سىزگە كۆپ رەھمەت~!
يېڭى ھەم ئىجادىي تېمىلىرىڭىز بولسا، پات-پات يوللاپ تۇرغايسىز..
سىزنى ھەر ۋاقىت قىزغىن قوللايمىز~!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-17 21:20

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.