ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تەرمىلەر باشقىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنماڭ
كۆرۈش: 179|ئىنكاس: 4
go

باشقىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنماڭ

Rank: 8Rank: 8

توردا
351سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
423 
تېما
222 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

باشقىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنماڭ



سېغىزخان ئۇۋا ياساپتۇ. قوشنىلىرى كېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىپتۇ.
قۇشقاچ: «ناھايىتى چىرايلىق بوپتۇ، بىراق ئوت – چۆپنى بەك قېلىن يېيىۋېتىپسىز» دەپتۇ.
شاتۇتى: «ئۆيىڭىز ناھايىتى پۇختا بوپتۇ. تاش بىلەن يەنە ئازراق پۇختىلىۋاتسىڭىز، تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دەپتۇ.
قاغا: «ئۆيىڭىز ناھايىتى ئىسسىق بوپتۇ. بىراق ئۆيىڭىزنى بۇ يىل مودا بولۇۋاتقان قارا رەڭدە سىرلىۋەتسىڭىز، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دەپتۇ.
سېغىزخان ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرۈپتۇ.
قىش كەلگەندە، سېغىزخان ئۇۋىسىدا توڭلاپ ھېچ ياتالماپتۇ. ھەتتا سوغۇق شامال كەلگەندە كىچىك تاشلار بوشىشىپ سېغىزخاننىڭ پۇتىنى يارىلاندۇرۇپتۇ. تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى شۇكى، كىچىك بالىلار سېغىزخاننىڭ ئۇۋىسىنى ھەرە ئۇۋىسىغا ئوخشىتىپ، ئارام بەرمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سېغىزخان ئامالسىز يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىپتۇ.

ھېكمەت: باشقىلارنىلا ئويلاش تۇرمۇشنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. سىز مۇستەقىل بولۇشىڭىز، باشقىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنماسلىقىڭىز ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىش بىلەن مۆلچەرلەشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىشىڭىز كېرەك.

خالىدە ياسىن تەرجىمىسى


مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا menggutax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-14 22:54

Rank: 8Rank: 8

توردا
385سائەت 
نادىر تېما
دوست
32 
يازما
582 
تېما
110 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ تۇلىمۇ ياخشى ئېيتىلغان سۆزلەركەن .ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز قارشى ياشاش ئۇسسۇلى تەكەپپۇرى ئۇخشىمايدۇ.بەزى بىر ئادەملەر باركى خەقنى دوراپ خەقتىن قورقۇپ ئۆز تۇرمۇشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ئۆزنىڭ نىمە قىلۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەي يۈرۈيدېغان.

Rank: 8Rank: 8

توردا
219سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
382 
تېما
185 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش menggutax نىڭ يازمىسى

ھەر ئادەمدە مۇستەقىل دۇنيا قارىشى بولۇشى،باشقىلارغا ئەگىشىپ ئەمەس، مۇستەقىل پىكىر قىلىش،ياشاش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇشى كېرەك.

توردا
16سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
130 
تېما
يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەققەتەنمۇ ئادەمدە مۇستەقىل بىر كۆز قاراش بولشى كىرەك ،بولمسا ئادەم نىمگە ئوخشاپ قالدۇ.

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
11 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 5 سائەت ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئنتايىن توغرا گەپ،چۇقۇم باشقىلار تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنماسلىقڭىز كېرەك،بولىمىسا مەڭگۈ ئىچ پۇشۇقتا ياشايسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-17 21:22

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.