ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر كىلىن سېنى باقىدۇ
كۆرۈش: 184|ئىنكاس: 11
go

كىلىن سېنى باقىدۇ

توردا
16سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
111 
تېما
15 

ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

كېلىن سېنى باقىدۇ

( مۇخەممەس)

ھۆرمىتى بار كېلىننىڭ قانىتى بار ئۇچىدۇ،
ئىغىر گەپنى قىلسا گەر، دەرھال ئۆيدىن قاچىدۇ ،
يا بولمىسا ئۆيىدە ئىقتىسادنى چاچىدۇ ،
گەپ-سۆزلىرى ئاشكارە، ھەممە گەپنى ئاچىدۇ ،
كىلىن شۇنداق بولامدۇ، بۇ كۆلگە ياقامدۇ ؟

ھوقۇق بەرسە كىلىنگە، بوزەك قىلار ئانىنى،
ئىسسىق-سوغۇق قويىدۇ، قىرىغاندا دادىنى،
تىلى ئۆتمەس قىلىدۇ، باتۇر ئەزمەت بالىنى ،
قۇسۇر ئىزدەپ تۇرىدۇ، تاشلايدۇ ئۇ يارىنى ،
كىلىن شۇنداق قورۇقماس، دائىم شۇنداق ئۆتەمدۇ ؟

<< كىلىن بولسا قەن بولسا >> دەيدۇ تېخى ناخشىدا ،
ناۋات بالام دەپ قويسا ، كۇندە تېخى ناشتىدا ،
كۆڭلى ئەمىن تاپىدۇ، كىلىن دائىم قىشىدا ،
پەرۋانە بوپ تۇرىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ بېشىدا ،
كىلىن مېھرى ئاشۇنداق، دەريا بولۇپ ئاقىدۇ ...

كىلىن ياۋاش بولسا گەر، قاتتىق نانغا كۇچى يوق،
ئوغلى ئۆيدە ئەزىمەت، ئۈلگە بولار نوچى يوق ،
ئاتا-ئانا ئالدىدا، گېپى يوغۇن پوچى يوق ،
باي غوجامدەك ئۆتىدۇ، مەھەللىدە غوجى يوق،
كىلىن شۇنداق ھەم يۇمشاق، غەم-قايغۇغا پاتىدۇ .

كىلىن ئانا بولغاندا، كىلىن كېلەر ئۆيىگە ،
قىسمەت شۇنداق بولىدۇ، ئۆتنە ئالەم بىرىگە ،
قەدىرىنى بىلەيلى، ئاتا-ئانا مېھرىگە ،
ئىللىق دۇنيا كۆز ئاچار، خۇشخۇي مېجەز كىشىگە ،
كىلىن بولساڭ ئانىسەن، كىلىن سېنى باقىدۇ...

ئاپتۇرى: يۈسۈپجان سابىر ئوتياق

توردا
16سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
130 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يىزىپسىز، ھارمىغايسىز ، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

توردا
358سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1240 
تېما
29 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنتايىن توغرا ئېيتىلغان سۆزلەر

توردا
5سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
72 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توغرا ئېيتىلغان

توردا
5سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
72 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
دوست
93 
يازما
2652 
تېما
453 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئوتياق قېرىندىشم ، تېمىللىرىڭىزنىڭ قىممىتى ۋە ئەمەلىيەت تۇمۇشىمىزدا خېلى چوڭقۇر قوللىنىشچانلىقى ۋە تەربىيەت ئەھمىيىتى بار جۇمۇ ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
10سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
17 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يامان دىن قورقىدۇ ياۋاشنى بوزەك قىلىدۇ ، كىلىن بولماق تەس ،قىيىىن ئانا بولماقمۇ تەس ،

Rank: 8Rank: 8

توردا
351سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
423 
تېما
222 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئوتياق ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرىدا ئىپادىلەنگەن مەزمۇن ھەقىقىتەنمۇ ياخشى... ئىلھاملىرىڭىز زىيادە بولغاي~!

توردا
41سائەت 
نادىر تېما
دوست
15 
يازما
150 
تېما
12 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
salkin11 يوللانغان ۋاقتى 2011-3-14 20:34
ئوتياق قېرىندىشم ، تېمىللىرىڭىزنىڭ قىممىتى ۋە ئەمەلىي ...

ھارمىغايسىز.

Rank: 8Rank: 8

توردا
219سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
382 
تېما
185 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار شېئىركەن. كېلىن بولغۇچىلار ئىبىرەت ئالغۇدەك. مۇشۇ كېلىن بىلەن قېينى ئانا ئوتتۇرسىدىكى سۇركۈلۈشلەر قاچانمۇ تۈگەر؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-17 21:22

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.