خوش ئابدۇراھمان...
يۈرىكىم ناھايىتى ئېغىر، نەپەس ئېلىشمۇ قىيىنلىشىپ كەتكەندەك....قىسقىچە گەپ، بىزنىڭ ھۆرمەتلىك دوستىمىز، ئىزدىنىش تورىدىكى توردىشىمىز، بىر سۆيۈملۈك ئاتا، قەدىردان ئەر، قابىلىيەتلىك، تەلەپچان ئۇستاز، بىلىملىك، تىرىشچان، يەنە بىر ئوخشىشى تېپىلمايدىغان ئېسىل دوستىمىز ئابدۇراھمان ئابلىكىم رەببىمىزنىڭ دەرگاھىغا كېتىپتۇ.
ھەممىمىز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىمىز، يەنە ئۇنىڭغا قايتىمىز.
ھېچ ئىشەنگۈم كەلمىدى، بۇنى نېمىشقا يوللىغىنىمنىمۇ بىلمىدىم. ئىشقىلىپ ئاخىرىتىگە ئاسانلىق، ئائىلىسىگە سەبر تىلەيمەن.... بىز ئاللاھنىڭ دەرگايىدىن كەلدۇق ئاللاھنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگايىغا قايىتقۇچىلاربىز.
توردىكى ئىسمى نىمە ئىدى ؟ ئۈندىداردىن بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ يۈرۈكۈم يۇم يۇم يىغلىدى.....ئۇ بىزدىن چىققان ساناقلىق ئەزىمەتنىڭ بىرسى ئىدى،مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا سەۋرى تىلەيمەن! Achilles ئەمەستۇ؟:funk: يۇقىرىدىكىنى يېزىپ بولۇپ ھەممە ئېنىرگىيەرىم تۈگەپ كەتكەندەك بولۇپ قالدىم.
10 يىلدىن بۇيان توردا ئاكىللىس دېگەن نامنى قوللانغان ئىدى. ئىزدىنىشتا باشقا ئىسمى باردەك يادىمدا. مەن ئارىلىقتا ئۇزۇن ۋاقىت ئىزدىنىشقا كىرمىگەچ ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
2004-يىلى ئاسىيا بوكس چېمپىيونى دەپ ھەممىمىزنى پەخىرلەندۈرگەن ئىدى....
لېكىن ئۇنى تونۇيدىغان دوستلىرى ئۇنىڭ ئادىمىلىكىنى ئاسىيا چېمپىيونى دېگەن سۆز بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ...... ھېلى ئوڭشىلىپ قالارمەن، مانا ئوڭشىلىپ قالارمەن دەپ ئۆزۈمگە سەبىر تىلەپ ئاخىرى بولمىغاندا بۇ قۇرلارنى كومپىيوتىر يۈزىگە پۈكۈپ ئولتۇرۇپتىمەن.
يەنە بىر يۇلتۇز شۇنداقلا كەتتى.
نېمىسىنى دەي!
نىھايەت بىزگە قالغىنى چەكسىز ئۆكۈنۈش، چەكسىز ھىجران بولدى خالاس.
بىرىنچى قېتىم ئابدۇراھمان ئابلىكىمنى 2008-يىلى 12-ئايدا ئۇچراتقان ئىدىم. ئەمدىلا توربەتلەردە ئۇنى بۇنى تىمسىقىلاپ يېزىشنى باشلىغىنىمدا، ئابدۇراھمان قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ زور رىغبەتلەندۈرىشىگە ئېرىشكەن ئىدىم. مۇبادا ئابدۇراھمان رەھمەتلىكنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى رىغبىتى، ئېتىراپ قىلىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى بولمىغان بولسا بەلكىم بۈگۈنكى يۇسرانمۇ بۇ يەردە بولمىغان بولاتتى.
سىز جەننەتكە لايىق قېرىندىشىم، ياراتقۇچۇمنىڭ سىزنى مۇشۇنداق پەۋقۇلئاددە ئېلىپ كېتىشىدە چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئۆزگىچە قاراشلىرىڭىزغا ئوخشاش ئۆزگىچە سەۋەبى بار.
مەڭگۈلۈك بار دۇنيادا خاتىرجەم يېتىڭ قېرىندىشىم! سىزنى سېغىنىپ تۇرىمىز، ئالقانلىرىمىزنى يوغان ئېچىپ سىزگە دۇئا ئەيلەيمىز!
سىزنى ئىزچىل ياخشى دوستى دەپ بىلىپ كېلىۋاتقان دوستىڭىز: يۇسراندىن.
aypalta يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 16:51 static/image/common/back.gif
Achilles ئەمەستۇ؟
شۇ ئاكىللىس، بايامدىن بېرى توختىماي سىزنى، رىسالەتنى، ئابدۇراھماننى....ئويلاپ چىقىپتىمەن. بۇ نېمە ئىشتۇ ئەنۋەر؟ قەتئىي ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ يۈرۈگۈم كۆيۈپ كەتتى يەنە بىر قېتىم
ئۇنىڭ بىلەن بىر سائەت پاراڭلىشىش نەچچە كىتاب ئوقۇغاندەك قىلىۋېتەتتى.
مەن نېمىسىنى دەپ نېمىسىنى قويۇشنى بىلمىدىم رەھمەتلىكنىڭ.
راست گەپ قىلسام مەن تولىمۇ ھالسىزلاندىم تۈنۈگۈن شىركەتكە كەپتىكەن، چوڭلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى مەندىن 7-8 مېتىر نېرىدا.
12 سائەت بۇرۇن كۆرگەن ئادەم ھازىر يوق.
«ھەممىمىز اللەنىڭ ئىلكىدىمىز، ھەممىمىز شۇ يەرگە قايتىمىز.» بۇ يازمىنى ئاخىرىدا makansiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-21 16:59
يېرىم سائەت بۇرۇن ئۈندىداردا شۇنداق بىر خەۋەرنى كۆرۈپ يۈرۈكۈم قارتتىدە قىلىپ قالدى، ھىچ ئىشەنگۈم كەلمەي گۈللۈگكە كىرىپ تىكەنقۇشنىڭ تېمىسىنى كۆرۈپ كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى..........
قەلبى ھۆر، تەپەككۈرى ھۆر ئىنسان ئىدى.......
ئىننە لىللەھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن
ھەممىمىز ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز
ئاللاھتىن مەرھۇمنىڭ قەبرىسىنى نۇرلۇق قىلىپ بېرىشىنى، جەننەتتىن ئورۇن بىرىشىنى تىلەيمەن! مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سەۋر تىلەيمەن!
يۈرىكىم ئېغىپ بىر ئاغىنەمگە تېلېفون قىلدىم. راست شۇ بۇرادىرىمىز بەندىچىلىك قىپتۇ. ئاللاھ ئاسانلىق بەرگەي، نامىزى ئەتە چۈشتە نوغاي مەسچىتتە پېشىندە قىلىنىدىغان ئوخشايدۇ. yusran يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 16:55 static/image/common/back.gif
ھېلى ئوڭشىلىپ قالارمەن، مانا ئوڭشىلىپ قالارمەن دەپ ئۆ ...
نېمە ئىشتۇ بۇ جېنىم؟ ئۇنى تونۇمىغان بولساقچۇ دەپ كەتتىم. ئۇنى مۇنداقلا توردا بىلىپ قالغان بولساق، قانچىلىك ئېسىللىكىنى بىلمىگەن بولساق بۇ قەدەر جېنىمىزدىن ئۆتۈپ كەتمەستى.
ئائىلىسىنى، بولۇپمۇ قىزىنى ئويلاپ تېخىمۇ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. ئىننا لىللاھى ۋە ئىننالىللاھى راجىئون.
زادى نىمە سەۋەبتىن ياش تۇرۇپ قازا قىلدى،تەرجىمىھالى بولسا يوللاپ قويساڭلار؟
yusran@ ئاكىللىسنىڭ تىمىلىرىنى گۈللۈگ تورىدىن كۆرۈپ تۇرغانىدىم،ئاكىمىزنىڭ ئۇ كىشى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن،ئىنگىلزچىگە پىششىقكەن شۇنداقمۇ؟ mastura يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 16:58 static/image/common/back.gif
نېمە ئىشتۇ بۇ جېنىم؟ ئۇنى تونۇمىغان بولساقچۇ دەپ كەتت ...
شۇنى دەڭە،
مەنمۇ بىر بوكىسچىغۇ دەپلا بىلىپ قالغان بولسامچۇ دەيمەن.
ئۇنىڭدىن ماڭا زەررىچە يامانلىق يەتمىگەن ئىدى، ئەمما مەن ئىشقىلىپ.....
ئەسلىدە ئۇ بىزنىڭ ئىدى.
بۇنداقلا كېتىپ قالمىسا بولاتتى
ئىشقىلىپ نېمە دېسەم بولار دەپ ئولتۇردۇم ئىننە لىللەھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن newyork يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 17:01 static/image/common/back.gif
ئىننا لىللاھى ۋە ئىننالىللاھى راجىئون.
زادى نىمە سەۋەب ...
ئىنتايىن پىششىق،
ئۇ بىر بوكىسچى تېرىنىرلا ئەمەس، ئۇ بىر ناتىق، يازغۇچى ئىدى.
تەقرىزچى، تەرجىمان ئىدى. نېمىسىنى دەي ئەمدى قېرىندىشىم Hechkim يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 16:56 static/image/common/back.gif
تۈنۈگۈن شىركەتكە كەپتىكەن، چوڭلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئو ...
قارلۇقتا ئىدى شۇنداقمۇ تۈنۈگۈن كەچ،
توۋا
يېنىدا بىر دوستى قونۇپ قالغان ئىكەنتۇق قالۇ ئىننا لىللاھى ۋەئىننا ئەلەيھى راجىئۇن ،
ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن، قېرىندىشىمىزنىڭ، مەن پەقەت ئۇنى بوكىسچى دەپلا بىلەتتىم، ئۇنىڭ يەنە باشقا ئىش ئىزلىرىنى بىلىدىغان تورداشلار بولساڭلا يوللىغان بولساڭلا ، بىزمۇ خەۋەر تېپىپ قالايلى سەۋەبى نېمىدۇ ؟ :'( tahir2 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 17:12 static/image/common/back.gif
قالۇ ئىننا لىللاھى ۋەئىننا ئەلەيھى راجىئۇن ،
ياتقان يې ...
مەنمۇ سىزدەك قاراشتا...