dilara يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 01:18:04

‏‏ئىننە لىللاھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن! (ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز ۋە چوقۇم ئۇنىڭغا قايتىمىز) (بەقەرە 156-ئايەت)
‏مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ ياخشى بولۇشىنى تىلەيمەن. ئۆتكەندە ئىزدىنشتىكى ئابلەتكام ( يوليار) تۈگەپ كەتكەندىمۇ كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولغانتى.
‏بىزدە نېمىشقا ھازىر تويۇقسىز يۈرەك كېسىلى بىلەن تۈگەپ كېتىدىغانلار كۆپىيىپ قالدى؟ دېگەندە، مېنىڭچە نۇرغۇن سەۋەبلەر ئىچىدىكى بىر كىچىككىنە سەۋەب، بىزنىڭ بۇغداينى كۆپ ئىستىمال قىلىشىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكىن (لەغمەن، سومىيەن، نان... قاتارلىقلارغا ئامراقلىقىمىزمىكىن) دەپ گۇمانلىنىمەن. مېنىڭ بۇنداق گۇمانغا كېلىشىمدىكى ئاساسلىق سەۋەب يولدىشىمنىڭ ھازىر بۇغداي ۋە گۈرۈچتىن ئۇزاق تۇرۇشى، تەركىۋىدە قەنت مىقدارى ( كاربۇن ھىدرات) 30 پىرسەنتتىن يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەردىن قەتئىي پەرز تۇتۇشى، نەتىجىدە ئۇرۇقلاپ، قۇرسىقىدىكى مايلارنىڭ ئېرىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ نورمال ھالەتكە ئۆتۈشى....
‏تۈركىيەدە جانان ئەفەندىگىل قاراتاي ئىسىملىك بىر يەتمىش نەچچە ياشلىق دۇختۇر بار.  يولدىشىم بۇ دۇختۇرنىڭ كىتابلىرىنى ئوقىغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى يېمەكلىك ئادىتىدىن 180 گىرادۇس بۇرۇلۇش ياساپ، باشقىچە ئۇسۇلدا ئۇزۇقلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى. ئۈچ ئاي ئىچىدە سالامەتلىكى ياخشىلانغان ئاساستا ئون بەش كىلو ئەتراپىدا ئۇرۇقلىدى. ھەر قانداق يېمەكلىك سېتىۋالماقچى بولسا، ئۇنىڭ تەركىۋىدىكى كاربۇن ھىدرات مىقدارىغا قاراپ، بۇنىڭ ئەڭ ئاز بولغىنىنى سېتىۋالىدىغان بولدى. چۈنكى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرقى خېمىيىۋى ئۇغۇتتا ئەي قىلىنغان بۇغدايلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشى ئاسان ئەمەسمىش،  تۇلۇق ئىرىپ ھەزىم قىلىنمىغان ئۇزۇقلۇقلار بەدەندە ساقلىنىپ، يىغىلىپ نەتىجىدە جىگەر مايلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرارمىش، جىگەر مايلىشىپ، يۈكى ئېغىرلاپ كەتكەندە بۇنىڭ بۆرەك ئىقتىدارىغا بىۋاستە ئەكىس تەسىرى بولارمىش، بۇ پەيدىنپەي دىئابىت كېسىلى، يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارغا يول ئاچارمىش، ۋاھاكازالار.
‏مەن دۇختۇر ئەمەس، ئۇزۇقلۇقشۇناسمۇ ئەمەس، بەدەن ئېغىرلىقىممۇ ئاران 53 ئەتراپىدا (ئېگىزلىكىم 160 سانتىمىتىر). لېكىن ھەر كۈنى ئۆيدە يولدىشىمنىڭ بۇ ھەقتىكى تەۋسىيەلىرىنى ئاڭلاۋېرىپ، بۇنىڭ راستلىقىغا سەل ئىشىنىپ قېلىۋاتىمەن. ئۆيدە ئۇن تامىقى ئېتىشتىن قۇتۇلغىنىم بىلەن مۇشۇ ساھەدە ئىزدەنگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ پىكرىنى بەكلا ئاڭلاپ باققۇم بار.
‏بىزنىڭ ھازىر ئۇن، شىكەر، گۈرۈچتىن (ئاساسلىقى كاربۇن ھىدرات تەركىپى يۇقىرى يىمەكلىكتىن) يىراق تۇرۇش پرىنسىپى ئاستىدا كۆپرەك يەيدىغىنىمىز: بادام، ياڭاق، پىستىق، پىندىق، سۈت، قېتىق، پىشلاق (پەينېر)، زەيتۇن، تۇخۇم، تەرخەمەك، قوي گۆشى، توخو گۆشى، بىلىق قاتارلىقلار. تەمى بەكرەك تاتلىق مېۋە-چىۋە، ھەسەل يېگىلىمۇ قويمايدۇ،  ئۆيدە لەغمەن ئېتىپ باقمىغىلى، نان يەپ باقمىغىلى نەچچە ئاي بولدى.
‏بىزنىڭ شۇنداق قىلىشىمىزغا سەۋەب بولغىنى جانان ئەفەندىگىل قاراتاي خانىمنىڭ كىتاب ۋە تور بەتلىرى، يەنە پروفىسسور ئەخمەت ئايدىن يازغان «يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە تاش دەۋرى دىيەتى (پەرھىزى)» ناملىق كىتاپ، پروفىسسور ئەخمەت مارانكىنىڭ لېكسىيەلىرى، مەخسۇس ھازىرقى خىمىيەۋى ئۇغۇتتا يېتىشكەن بۇغداينىڭ زىيىنى توغرىلىق كىتاب يازغان بىر ئامېرىكىلىق دۇختۇر بار ئىدى، ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالدىم.
‏ئىزدىنىشتىكى دۇختۇرلار، ئۇزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى پىكرىنى بىر ئاڭلاپ باققان بولساق. ئايرىم تېما ئاچساق تېخى ياخشى.
http://www.canankaratay.net/
https://tr-tr.facebook.com/Canan.Efendigil.Karatay
http://www.florence.com.tr/kardiyoloji/1385-dr-canan-karatay-efendigil.html
http://tr.m.wikipedia.org/wiki/Canan_Karatay

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 01:20:01

مۇسىبەت پەسلى
(خەندان)
–سابىق گۈلىستان مۇنبىرىمىزنىڭ ئالاھىدە ئەزاسى، ئۆتكۈر قەلەم ئىگىسى ئابدۇراھمان ئابلىكىم ئاكىمىزنى ئەسلەپ–
كېتىش بار،
قايتىپ كەلمەك يوق،
بىر ئارىدا
يېڭىباشتىن كۈلمەك يوق.
شۇڭا
سەپەر ئەمەس
قايتىش دەيدىكەن،
بىزگىمۇ بار، دېسەكمۇ
بۇ مۇسىبەت يۈرەكلەرنى يەيدىكەن.
كېتىش بار،
تۇتۇپ قالماق يوق،
ياكى بىللە كەتمەك ئۈچۈن
كىملەرنىدۇر ساقلىماق يوق.
شۇڭا
ئۆلۈمدىن باشقىسى
تاماشا دەيدىكەن،
ئۆلۈملا
ئويۇن ئەمەس، ھەقىقەتنى سۆزلەيدىكەن.
ئۈنسىز يىغلايسەن،
رەببىم دەيسەن،
يەنە
كىملەرگىدۇر ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيسەن،
كەتكەنلەرگە ئەجىر،
قالغانلارغا سەۋر تىلەيسەن.
باش كۆتۈرۈپ
كەلگەندە زىمىستان
بۇ ھازىلارنى ئاچارغا
ئۈچ كۈنلۈك مادار بارمۇ؟
ئۇلانغاندا
ماتەمدار يۈرەكلەر بىر–بىرىگە
ئۈرۈمچىنى بويلىغان
ياشلارغا تۇغان سالار بارمۇ؟
غۇنچە پەسلىگە
ئىككى ئاي قالغان بولسا كېرەك،
پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەرنىڭ سۈرىتى
چاناقلاردا قالدى،
ئۇيقۇدىكى قاناتلاردا قالدى.
ئۇلارنى ئۈششۈتمەي ساقلاش ئۈچۈن
قانچە يىگىت ئات سالدى؟
قانچە قىزنىڭ دىلىدا
بىر پارچە ئوت ياندى؟
كېتىش بار
قايرىلىپ قارىماق يوق،
ئۇنتۇلغانلارغا
ئەسلەپ يەنە باقماق يوق.
شۇڭا
ئۇزۇن بىر ئۇيقۇ ئىكەن
ئۆلۈم دېگەن.
بەزىلەر ئۈچۈن
ھېچكىم ئىشىنەلمەس تۇيغۇ ئىكەن.
مۇسىبەت
قاپلىدى تەڭرىتاغنى، تارىمنى،
يىغلىتار
بالام دېگەن ئاتاڭنى،
باغرى خازان يارىڭنى.
تالاي ئۆتتى
ئۇيغۇرنىڭ مۇسىبەت پەسلى،
كەلدى يەنە
ئۇنىڭ يېڭىچە ئەسلى...
بەلكىم
ھەركۈنى
بىر مۇسىبەت پەسلى...
2015–يىلى 21–يانۋار

dilara يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 01:27:43

كاربون ھىدرات نېمە؟ دېگۈچىلەرگە:
http://zh.m.wikipedia.org/wiki/糖类
http://karbonhidrat.nedir.com/
http://iyigelenyiyecekler.com/karbonhidrat-iceren-gidalar/

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 01:39:24

«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىدىن ئىش-ئىزلىرىنى، ئۇتۇقلىرىنى كۆرۈپ شۇنداق ھۆرمىتىم قوزغالغانىدى، كىيىنرەكتە «شىنجاڭ ياشلىرى» دىغۇ دەيمەن بىر قانچە ماقالىلىرىنى ئۇچرىتىپ بوكىسچى ئىكەنلىكىدىن ھەيران قالغانىدىم… بولسا مەرھۇمنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنى تېما ئاستىغا توپلاپ قويساق بوپتىكەن… مۇشۇ خېلىدىن بىرى سول تەرەپ مەيدەم ئېغىردەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم…:(

p1dakar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 01:48:10

xayih يوللىغان ۋاقتى  2015-1-21 23:09 static/image/common/back.gif
ئۇ مېنىڭ دوستۇم ئىدى....
تېخىچە ئىشىنەلمەيۋاتىمەن، كاشك ...

تورداش شەيخ! بولسا مۇشۇ ئىنكاسىڭىزنى بىر تەھرىرلىۋەتسىڭىز، ئۆلۈم پەتىسىدە ئولتۇرۇپ دېيىلمەيدىغان گەپلەرنى يازمىساڭلار تورداشلار!

dilara يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 02:06:41

كاربون ھىدرات نېمە؟ دېگۈچىلەرگە:
http://zh.m.wikipedia.org/wiki/糖类
http://karbonhidrat.nedir.com/
http://iyigelenyiyecekler.com/karbonhidrat-iceren-gidalar/

ghemkvz يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 02:39:19

ھەممە ئادەم ئۆلدۇ  بۇ  بىر ھەقىقەت  ،،شۈكرى دىمەي ئامالىمىز يوق  ئىنسانلار شۇ قەدەر ئاجىزمىز  شۇندا ئاسان  شۇقەدەر  قىسقا  ۋاقىتتىلا ئەڭ سۆيۈملۈك كىشلىرىمىزنى  يوقىتىپ  قويمىز  كىچىك  چاغلىرىمىزدا  شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان  رەسىمدىن ئۇنى تونۇغاندىم  ئۇنىڭ  ئۇتۇقلىرىدىن  بىر توپ ئۇششاق    ساۋاقداشلار تەڭ  پ پەخىرلىنىپ   روھى تىرەك قىلىپ كېيىن    گۈللۈكتە  ئۈچراتتم   بېكىنمە ھالدىكى تەنھەركەت  ساھەمىزدىكى مۇۋەپىقيىتى بىلەن  ھەممىگە   تونۇلغان  قېرىندىشىمىزم  مۇنبەردە  كۆرگىنىمدە  ئۇ يەنىلا  ئاجايپ تەپەككۈرلىرى بىلە ن مېنى  ھەيران قالدۇرغان،  ئاممىۋىلىىشپ  كەتكەن  پىكىرلىرىمىزنىڭ  خاسلققا  نەقەدەر موھتاجلىقىنى ھس قىلدۇرغان  مۇشۇنداق بىر  ئېسىل  ئىنسان بىلەن مۇنبەرداش  بولغىنىمدىن  پەخىرلىنەتتىم      ئۇنىڭ  ئاجايىپ  ئۆزگىچە  تەپەككۈرى  ئادەتتىن تاشىقىرى  ئېسىل خارەكتىرى   بىلەن  ئۇنى پەرىشتىدەك ھېس قىپ قالاتتىم  قىسقىسى ئۇنىڭ ئارىمىزدا بولىشى  بىر  بەخىت ئىكەندۇق   

تىكەنقۇش  كۈمۈش  پوينىتلار بلەن  قىلغان  پاراڭلىرىنى ئوقۇشمۇ بىر  ھۇزۇر ئىدى  مۇنبەر كۆردىغان  دوسلار بىلەن بىر يەرگە كەلسەكمۇ كىنو  ھەققىدىكى پاراڭلىرىمىز  ئابدۇراخماننىڭ تەھلىلرىنى مۇلاھىزە قىلىش بىلە ئۆتەتتى
،قىزىقچىلق قىلىپ  بەزىدە  كىنو  دىئالوگلىرىدەك    تۇيۇقسىز ئېيىتقان  سۆزلىرى ھەممىسى  كۆز ئالدىمدا  دائىم  بىر  يول باشچىغا ئوخشاش  مەن  كۆرەلمىگەن  بايقىمىغان بىر نەرسىلەرنى   سۆزلەپ قالاتتى ئۇنىڭ بۇنداق ئەركىن  ۋە ئاجايىپ  قالتىس  ئىدىيەلىرىگە  ھەيران قالاتتىم  ئىدىيە تاڭمايدىغان بىردىنبىر  ئىدىيە سۆزلىگۈچىدىن ئۇنىلا  تونۇدۇم   ،مۇنبەرلەردا مۇنازىرنى  ۋىچەتلەرگە  سۆرەپ چىققاندا  قايىل بولماي سىلكىپ سالغان  يەرلىرىمنى ئۇيلىسام ئۆزۈمنىڭ  جاھىل بىرى ئىكەنلىلمدىن خىجىل  بولمەن  نۇرغۇن   نەرسىلەرنى  ئويلىغانتىم  تېخى  يېقىندىلاۆزۈمنىڭ  بىر كەچۈرۈم سوراشقا تىگىشلىك  گەپ قىلغىنمنى ھېس قىلغان ئىدم  ئەمما  ھېچنىمىگە ئۈلگۈرەلمىدىم   ،

بۇ خەۋەرگە ئىشىنىشكە  ئامالسىز قالدىم  ئىشەنگەندە بولسا ئۆزۈمنى قويىدغان  جاي  تاپالماي بىئارام بوپ كەتتىم  ياشلىرىمنى  باشقۇرالمىدىم  گۈللۈك  ۋىچەت  توپىدىكى ئۇنىڭ  ئاۋازىنى قايتا قايتا  ئاڭلىدىم  ئۇ يەنە بىر  سالام بىلەن  كىرىپ قالدىغاندەك بوپ كەتتىم   
ھەي  خۇدا  نە دىمەك بۇ مۇسىبەتكە
ئاللاھ ئاخىرەتلىكىڭىزنى ئاسان قىلسۇن

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 02:45:03

ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي. مەن پەقەت بوكسچى ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەنمەن باشقا دۇنيا قاراشلىرىنى ئىزدىنشتىكلەردىن بىلدىم. رەھمەت.
پەرھات تۇرسۇن ،تۇرسۇن شەيىخ ئەپەندىملەرنىڭ پىكىرلىشىپ تۇرىدىغىنىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. ئەسلى مۇشۇنداق بولسا ياخشى بولىتتى مېنڭچە.

nasin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 02:51:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-22 02:53  

مەرھۇمنىڭ تەپەككۇرى ئۆتكۈر، كۈزىتىشى نوقتىسى ئۆزگىچە ئىدى. كىنولار توغرىسىدا يازغان تەقرىزلىرىدىن ئادەم بۇرۇن ئۆزى چۈشىنىپ كۆرۈپ بولدۇم دىگەن كىنودا يەنە ئويلاپمۇ باقمىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بارلىقىدىن ھەيران قېلىشاتتى. بۇ ئىنكاستا ئۇ يازغان كىنو تەقرىزلىرىنىڭ ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويدۇم. ئوقۇپ مەرھۇمنىڭ بىلىمىنىڭ قانچىلىك كەڭ ئىكەنلىكىگە ھەيران قالىسىلەر. ئەپسۇس، مۇشۇنداق ئىسىل قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆمرى قىسقا بولۇپ قالدى.

ئارگونىڭ سىھرى

كاپىتان فىلىپ--تولۇلمىنىڭ كوپىيىسى

كارامەتتىكى كارامەتلەر

تامامەن كىشەنسىز جەنگو

ياردەم The Help

تىتانىك 3D غا نەزەر

«دولانا دەرىخى» نى پارچىلاش


ghemkvz يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 03:01:39

خايزىنبېرگ  ھەققىدىكى  تېمىنىمۇ  فېردون  بىلەن شۇندا  قالتىس داۋاملاشتۇرۋاتقان ئىدىغۇ   

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 05:29:18

ھېچلا ئىشەنگىم كەلمەيۋاتىدۇ.
ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن.

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 05:40:26

مەرھۇمنىڭ  ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن ،ئائىلە تاۋاباتلىرىغا سەبىر تىلەيمەن

xirhan0999 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 06:20:19

مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن، ھەيرانمەن، مۇشۇ ماختاش، قايىل بولوشلارنى، سۆيۈنۈشلەرنى، ھەيران بولوشلارنى نېمىشقا ئەشۇ مەرھۈم ھايات ۋاقتىدا تىلغا قەلەمگە ئالمىدىڭلار؟ ئەگەر مەرھۈم تۈگەپ كەتمىگەن بولسا مەن مەرھۇمنى بىر ئۆمۈر پەقەت بىر بوكسىيۇرچى دەپلا بىلەركەنمەن.......

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 06:57:03

ئۆيدە لەغمەن ئېتىپ باقمىغىلى، نان يەپ باقمىغىلى نەچچە ئاي بولدى.

ھاياتنىڭ لەززىتىدىن مەھرۈم قىپسىزغۇ ئۆزىڭىزنى.:lol

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 06:58:40

مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!

zahar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 07:09:22

ئاللاھ  ئىگەم مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغاي !

sarwi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 07:35:02

ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلقىدىمىز ۋە چوقۇم ئۇنىڭغا قايتىمىز
كۆڭلۈم مۇزدەك بوپ قالدى.بەزىدە گۈللۈككە كىرىپ قاراپ باقاتتىم،كىنو بىلەن خۇشۇم بولمىسىمۇ ئاكىلىس ئىسىملىك بىرىنىڭ تېما -ئىنكاسلىرىغا دىققەت قىپ قالاتتىم،ئەمما ئۇنىڭ مەن ئۈزۈم ھۈرمەت نەزىرىدە قارايدىغان بوكىسچى ئەزىمەت ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن.شۇنداق،نىمىشقا مەدھىيەلەر نىمىشقا دائىم يامغۇردىن كىىىنكى بەس-بەستە كۆكەرگەن بابمبۇكلاردەك  ياكى ئۆلگەندىن كىىيىن ياسىن ئوقۇپتۇ دېگەندەك مەلۇم كىشى  يا مەشھۇرلىرىمىز،پەخرلىك كىشىلىرىمىز ئۆلۈپ بىزنىڭ ئىككى ئېغىز چىرايلىق سۆزلىرىمىزنى ئاڭلاپ كۆڭۈللىرى سۈيۈنمەس،شۇلار بىلەن قوللاش،مەدەت،رىغبەت،مىھر-مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەس بولغاندىن كىيىن ئېيتىلىدىغاندۇ؟بار چاغدا يەكلەش،ھەكلەش،قۇسۇر،غەيۋەت...تالاي كىشىلەر بىلەن تەڭ ئۈزۈمدىنمۇ نەپرەتلەنگۈم كەلدى.كىملەرگىدۇر ئاچچىقىممۇ،نارازىلىقىممۇ كەلدى ئىچىم مۇزدەك بولۇپ.سىلەرنى ئاغزىدا سۆيىمەن دىمىسىمۇ ئىش-ئەمەللىرى،خىزمەتلىرى،دۇئالىرى،ھال سوراشلىرى،قوللاشلىرى بىلەن سۆيگەن كىشىلەرنى ،ياد ئەتكەن،ئىززەت-ھۈرمەت قىلغانلارنى ،شۇنداقلار سىلەر سۆيگەن ۋە سىلەرنى سۆيگەنلەرنىڭ قەدرىنى بارىدا قىلىشنى ئۇنۇتماڭلار ھەي قېرىنداشلار!ھەممە كىشى پۇل-مالغا،شۆھرەتكە نام-ئاتاققا خۇشتار بولىشى ناتايىن،ئەمما ھەممە كىشى مىھىر-مۇھەببەت ۋە دوسلۇققا ،قوللاشقا ،سۈيۈلۈشكە موھتاج....ئىچىم ئەجەپ مۇزدەك،ئەجەپ سوغۇق ......مەرھۇمغا خەيرلىك ئاخىرەت بەر يا رەب!

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 08:20:03

ئاللا ھەممىڭلارغا سەبرى ئاتا قىلغاي. ئامىن.

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 08:26:02

dilara يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 01:18 static/image/common/back.gif
‏‏ئىننە لىللاھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن! (ئەلۋەتتە ئا ...

بۇنىڭدىن ئەمەس. مەن مۇشۇ زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن تۇيۇقسىز ئۆلم كېلىپ چىقامدىكىن دەيمەن. ئۆتكەن يازدا بىزنىڭ بىر تۇنۇشىمىز ياپ-ياش تۇرۇپلا تۈگەپ كەتتى. ئەسلىدە ئۇنى تۆۋەنگە چۈشۈرىپتىكەن. تۆۋەندە بىرنەچچە كەنتنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىپ قويۇپتىكەن. موتۇ بىلەن بىرنەچە كەنت ئارىسىدا چىپىپ يۈرۈپ بەك چارچاپ كېتىپتىكەن.«خەپ بىر ئارام ئالمىسام» دەپ يۈرۈپ تۇيۇقسىز تۈگەپ كەتتى

ersoy يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 09:16:49

‏‏ئىننە لىللاھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن!ئاللاھ پالۋىنىمىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن،گۇناھلېرىنى كەچۈرسۇن.
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باقسام مەن گۈللۈگ مۇنبىرىگە تىزىملاتقىلى ئۇزۇن بولدى لىكىن ھىلىغىچە ئىنكاس يىزىش ھۇقوقۇم يوق،گۈللۈگنىڭ باشقۇرغۇچىلېرى بولسا ياردەم قىلساڭلار بۇپتىكەن.
بەت: 1 2 3 [4] 5 6 7
: خوش ئابدۇراھمان...