106 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 08:26:02

dilara يوللىغان ۋاقتى2015-1-22 01:18 static/image/common/back.gif
‏‏ئىننە لىللاھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن! (ئەلۋەتتە ئا ...

بۇنىڭدىن ئەمەس. مەن مۇشۇ زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن تۇيۇقسىز ئۆلم كېلىپ چىقامدىكىن دەيمەن. ئۆتكەن يازدا بىزنىڭ بىر تۇنۇشىمىز ياپ-ياش تۇرۇپلا تۈگەپ كەتتى. ئەسلىدە ئۇنى تۆۋەنگە چۈشۈرىپتىكەن. تۆۋەندە بىرنەچچە كەنتنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىپ قويۇپتىكەن. موتۇ بىلەن بىرنەچە كەنت ئارىسىدا چىپىپ يۈرۈپ بەك چارچاپ كېتىپتىكەن.«خەپ بىر ئارام ئالمىسام» دەپ يۈرۈپ تۇيۇقسىز تۈگەپ كەتتى

ersoy يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 09:16:49

‏‏ئىننە لىللاھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن!ئاللاھ پالۋىنىمىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن،گۇناھلېرىنى كەچۈرسۇن.
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باقسام مەن گۈللۈگ مۇنبىرىگە تىزىملاتقىلى ئۇزۇن بولدى لىكىن ھىلىغىچە ئىنكاس يىزىش ھۇقوقۇم يوق،گۈللۈگنىڭ باشقۇرغۇچىلېرى بولسا ياردەم قىلساڭلار بۇپتىكەن.

anw8735 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 09:31:54

yusran يوللىغان ۋاقتى2015-1-21 18:33 static/image/common/back.gif
ئايالى بالىسىنى خوتەنگە ئاپىرىپ قويۇپ، غۇلجىدا بىر كۈ ...

ئايالى بالىسىنى خوتەنگە ئاپىرىپ قويۇپ، غۇلجىدا بىر كۈن تۇرۇپ قايتىپ كەلگىلى ئىككى كۈن بوپتىكەن، بىر ئاغىنىسى بىلەن ئاخشام ئۆيىدە يېتىپ قاپتىكەن. ئەتىگەن تۇرۇپ، ناشتىنى قىلىپ بولۇپ بىردەم يېتىۋالاي دەپلا كۆزىنى ئاچماپتۇ.
مېنىڭ بىلگىنىم مۇشۇنچىلىك.

يۇقاردىكى زادى قانداق گەپلەردۇ؟،مەن ئويلاپ-ئويلاپ زادى تىگىگە يىتەلمىدىم.
ئايالى ئىككى بالىسىنى خوتەنگە ئاپىرىپ قويۇپ غولجىدا بىركۈن تۇرۇپ قايتىپ كەپتۇ،بۇ خوتەن بىلەن غولجا بىر يولدىكى(بىر يۆنۈلىشتىكى)شەھەرلەر بولمىسا قانداقسىگە خوتەنگە بالىسىنى ئاپىرىپ قويغاچ غولجىدا بىر كۈن تۈرۈپ كەلگىلى بولىدىغاندۇ؟!.
ئايالى غولجىدا بىركۈن تۈرۈپ قايتىپ قايتىپ كەلگىلى ئىككى كۈن بولغان تۇرسا،مەرھۇم ئابدۇراخمان ئۆيىدە ئايالى بىلەن بىللە ياتماي قانداقسىگە بىر ئاغىنىسى بىلەن بىرگە ياتقاندۇ؟.
مەن بۇگەپلەرنى كىچىدىن بىرى ئويلاپمۇ ھېچبىر چۈشۈنەلمىدىمغۇ؟.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 09:48:57

anw8735 يوللىغان ۋاقتى2015-1-22 09:31 static/image/common/back.gif
يۇقاردىكى زادى قانداق گەپلەردۇ؟،مەن ئويلاپ-ئويلاپ ز ...

مېنىڭ ئاڭلىغىنىم شۇنچىلىك،
قاندىقى قانداق بولغانلىقىنى نەق مەيدان كىشىلىرى بىلمىسە مەنمۇ بىلمىدىم.
ئەمما ئابدۇراھمان رەھمەتلىكنىڭ بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغىنى راست.
سالماقنى دەڭسەپ ئىنكاس يازساق بولىدۇغۇ

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 09:50:19

anw8735 يوللىغان ۋاقتى2015-1-22 09:31 static/image/common/back.gif
يۇقاردىكى زادى قانداق گەپلەردۇ؟،مەن ئويلاپ-ئويلاپ ز ...

››بىلەن‹‹ دېگەن سۆز كەم قاپتۇ شۇ !ئايالى بىلەن بالىسىنى خوتەنگە ئاپىرىپ قويۇپ ، غۇلجىغا بېرىپ بىر كۈن تۇرۇپ ،يېنىپ كەلگىلى ئىككى كۈن بوپتىكەن دېگەن گەپ ! !

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 09:59:14

مەن مەرھۇمنى پەقەت مۇنەۋۋەر تەنھەركەتچى دەپلا توناتتىم،ئىنكاسلاردىن ئابدىراخماننىڭ بىلىملىك ،ئىسىل كىشى ئىكەنلىگىنى بىلىپ يىتىم مەرھومنىڭ ئولومىدىن قاتتىق ئازاپلاندىم:'(

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 10:14:47

توۋا...
تۈنۈگۈندىن بېرى ئىچىم ئاچچىق، ئىشەنگۈم كەلمەيلا ھە
يۇسران بىلەن مەستۇرەدەكلا ئويلاپتىمەن، مەنمۇ ئۇنى بىر بوكسچى دەپلا بىلگەن بولسام، ئاكىللىس ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالمىغان بولسام بەلكىم ھازىرقىدەك ياشلىرىمنى تۇتۇۋالالماي قالماس بولغىيمىدىمكىن... ئاللاھتىن ئۇنىڭغا جەننەتتىن ئورۇن بېرىشىنى تىلەيمەن
ئەتىگەندىن بېرى گۈللۈكنى ئاچالمىدىم... كۆڭلۈم تېخىمۇ بۇزۇلۇپ كەتتى

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 10:38:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adiyat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-22 10:40

ئەر ئايالھەممىمىزمەرھۇم ئۈچۈن ئىككى رىكەت مىيىتھەققىنامىزنىئوقويلى.
نامازنىيىتى-‹ئاللانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىبلەم كەبىگە قاراپ پالانچىنىڭ ئوغلى ئابدۇراخمانغا ئاتاپ ئىككى رىكەت مىيىت ھەققى نامىزنى ئوقوشنى نىيەت قىلدىم›.    دۇئاسىدا‹نامازنىڭ ساۋابىنى مەرھۇمنىڭ روھىغا ھەدىيە ئەيلىدىم›.
پالانچى--مەرھۇمنىڭ ئانىسى كۆزدەتۇتىلىدۇ.
ئانىسىنىڭ ئىسمىنى بىلسەكئەۋزەل، بىلمىسەك مەرھۇم ئابدۇراخماندەپ ئالساقبولىدۇ.

urhun3 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 10:58:44

ئۈلۈمگە سەۋەب كەتمەيدۇ.كىتىدۇ دىيىلسە پەقەت بىرلا سەۋەب بار. رىزقى تۈگىدى.
ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ئۇ دۇنيالىقىنى ياخشى قىلغاي.ئامېن.

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 11:09:14

ئۇنىڭ يازمىلىرىنى ئىنكاسلىرىنى ئوقۇپ ئۇنىڭ تامامەن باشقىچە تەپەككۇرىدىن ھەيران قالغان بولسام، كېيىن ئۇنىڭ ھەقىقى سالاھىيىتىنى بىلگەندە تېخىمۇ بەك ھەيران بوپ، ئىشىنەلمەي...
خۇددى بىر بوكسچى ھەرگىز بۇنداق نەرسىلەرنى يازالمايدىغاندەك بىلىنىپ، خېلى ۋاقلارغىچە راست شۇ ئابدۇراخمان ئابلىكىممىدۇ دەپ شۈبھىلىنىپ...
ياپيېشىل لىمون پوستىدىن كىلىئوپاتراچە چاچ پوسۇنى چىقىرىپ بېشىغا كىيىۋالغان ئاپپاق مۈشۈك ھازىرقىدەكلا ئېسىمدە تۇرۇپتۇ...
ئۇنىڭ كېيىن قوللانغان راخمانىزىم دېگەن تور نامىنىڭ ئۆزگىچىلىكىچۇ تېخى...
نېمىسىنى دەي، ئۆپكەم ئۆرۈلۈپلا تۇرىدۇ، باياتىندىن بېرى ئىشخانىغا بىرەرسى كىرىپ قالغان بولسا مېنى دەپ قالار بولغىيتتى دەيمەن، ياشلىرىمنى توختىتالمايۋاتىمەن، مەستۇرە، يۇسران، غەمكۈز، نەسىن، تەپەككۇرچى... سىلەرنىڭ ئىنكاسىڭلارنى ئوقۇغانچە تېخىمۇ ئىچىم ئېچىشىپ كەتتى
مەرھۇمنىڭ نامىزىغا ئىمكانىڭلار بارلار چوقۇم بېرىڭلار بالىلار

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 11:41:18

قالۇ ئىننەلىللاھى ۋە ئىننائىلەيھى راجىئۇن.
مەرھۇم ئەينى دەۋىردە ئۇيغۇرلارغا زور ھاياجان ئېلىپ كەلگەن، شان-شۆھرەت قازانغان پالۋان ئىدى. ئەينى دەۋىردىكى ئاپتونۇم رايون رەئىسى ۋە رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن شەرەپ گۈل چەمبىرىكىنى بوينىغا ئېسىىپ گۈل تەقدىم قىلغان ئىدى. كىچىكلىكىمىزدە قايسى بىر ئۇيغۇر زور شان-شۆھرەت قازانسا شۇ ساھە ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلار ئارىسىدا مودىغا ئايلىناتتى. جۈملىدىن مەرھۇم ئابدۇراھمان ئابلىكىم، ئابدۇشۈكۈر، ئەكرەملەر ئاسىيا بوكىس چىمپىيونى، جۇڭگو بوكىس چىمپىيونى ۋە نادىر تەنھەركەتچىلەر بولۇپ غۇل-غۇلا قوزغىغاندا ھەتتا تېلىۋىزوردا ‹‹تەلەپ ۋە تەقدىم›› قانىلىدا بوكسىيورچىلارغا ئاتالغان ئۆسمۈرلەر ناخشىسى ھېلىمۇ غۇۋا ئېسىمدە. ئېسىمدە قېلىشىچە ناخشا تېكىستىدە ‹‹ئابدۇراھمان بولغۇم بار، ئابدۇشۈكۈر بولغۇم بار›› دېگەن مىسرالار بار ئىدى. شۇ دەۋىرلەردە يۇرت-يۇرتلاردا بوكىس مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈش ئەۋجىگە ئالغان ھەتتا مەنمۇ شۇ پالۋانلاردىن ئۆگۈنۈپ پالۋان بولۇپ يېتىشىپ چىقىش نېيىتىدە دادامغا خالتىغا قۇم قاچىلاتقۇزۇپ شۇنى قۇم خالتىسى قىلىپ چېنىقماقچى ئىكەنلىكىمنى ئېيىتقان ئىدىم. سەھەرلىرى تۇرۇپ چېنىقىدىغان قوشنىمىزنىڭ ئەسۋاپلىرىغا قاراپ ھاياجاندا قاراپ مەنمۇ چېنىقىمەن دەپ كەينىگە كىرىۋالغانلىرىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. دېمەك مەرھۇمنىڭ ھاياتى مېنىڭ ئۆسمۈرلۈك ھاياتىمغا تەسىر كۆرسەتكەن، بەلكىم نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگىمۇ ئورتاق بولسا كېرەك.
بىر مىللەت ياكى دۆلەتتە قايىسى ساھەدە زور بۆسۈش خاراكتېرلىك بىر نەتىجە ۋۇجۇدقا كەلسە شۇ مىللەت ياكى دۆلەت توپى ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا شۇ ساھەگە بولغان زور قىززىقىش ۋە تەلپۈنۈش بىلەن ياشلار ئېقىمىدا بىر دولقۇن شەكىللەندۈرىدىكەن. خۇددى مەرھۇم ئابدۇراخمان ئابلىكىم، ئابدۇشۈكۈر، ئەكرەملەر ئەينى دەۋىردە دىيارىمىز بوكىسچىلىقىغا زور ئىلھام ۋە مەدەت بولۇپ دىيارىمىزدا ئومۇمىي يۈزلۈك بوكىس قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگىنىدەك، خۇددى ئادىل ھوشۇر سەنشا بوغىزىدىن ئۆتكەندە مەھەللىمىزدە دەرۋازا لىملىرىدا مېڭىش، تاملاردا مېڭىش مودا بولۇپ كەتكىنىدەك، خۇددى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچنىڭ ئۇدا نەچچە يىل مەملىكەت بويىنچە بىرىنجى بولۇشى ۋە كۈچلۈك دەپ قارالغان ياپونىيە، كورىيە ئۆسمۈرلەر كوماندىللىرىنى يېڭىشى پۈتۈن دىيارىمىزدا مەكتەپلەردىكى پۇتپۇل قىزغىنلىقىنى كۆتۈرگىنىدەك، خۇددى ياۋمىڭنىڭ MBA گە كىرىپ شۆھرەت قازىنىشى جۇڭگودىكى ياش-ئۆسمۈرلەردە بىزمۇ MBA گە كىرىپ دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋاسكىتبولچىلارغا ئايلىنالايدىكەنمىزغۇ دېگەننى ھېس قىلدۇرۇپ ۋاسكىتبول قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگىنىدەك... بۇ مىساللار بىزگە تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردە يېڭىلىق يارىتىش ۋە نەتىجە قازىنىشىمىزنىڭ نەتىجە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي بەلكى شۇ ساھەلەردە قىززىقىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسۈتۈپ تۇرىدۇ.

مەرھۇم ئابدۇراھمان ئابلىكىم ئوغلى نىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي. بۇ كۆپلىگەن ئىنسانلارنىڭ ياخشى باھاسى ۋە تەرىپلەشلىرى بىلەن ھەدىس روھى بويىنچە ‹‹جەننەت ۋاجىپ›› بولۇپ كەتكەي. ئامىن.

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 11:50:01

كالا ھارۋىسىدا توشقان تۇتۇش

arislan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 13:12:26

ئاللاھ دوستىمىز، قېرىندىشىمىز ۋە پىكىردىشىمىز ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەت قىلغاي!. ئۇ سەمىمىي، كىچىك پىئىل، دوستانە، كەمتەر، غورورلۇق، ۋىجدانلىق، غەيرەتلىك، ئىمانلىق يېگىت ئىدى... ئۇ ھاياتىدا غەيرەتكە مۇھتاجقا غەيرەت، دوستقا مۇھتاجقا دوست، غورورغا مۇھتاجقا غورور، پاك قەلىپكە مۇھتاجقا پاك قەلپ ئاتا قىلىپ كەلگەن. ھەممەيلەنگە سەبىر تىلەيمەن.

shemsi19 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 13:45:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shemsi19 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-22 13:49

قېرىندىشىمىز مەرھۇم ئابدۇراھمان ئابلېكىمنىڭ مېيىت نامىزى بۈگۈن بەيتۇل مەئمۇر( نوغاي) مەسجىدىدە پىشىن نامىزىدىن كېيىن ئوقۇلدى (ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن) .
    كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى . ئىچىمدە نۇرغۇن گەپلەر بولسىمۇ دىيىشكە ئامالسىزمەن .

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 13:53:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mastura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-22 15:51

ئابدۇراخماننى تۇنجى قېتىم ئارمان قۇۋۋەت تالقىنىنىڭ ئېلانىدا كۆرگەن ئىدىم، تولۇق ئوتتۇرىغا چىققان يىلىم بولسا كېرەك. شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدە خوش خەۋەرلەر خېلى كۆپ ئىدى. دەسلەپتە ئابدۈشۈكۈرنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆردۇق، كېيىن ھەممە مەتبۇئاتلاردا ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ ئاسىيا چېمپىيونى بولغانلىقى ھەققىدىكى گەپلەرنى كۆرۈپ شۇنچىلىك پەخىرلىنىپ كەتكەن ئىدۇق. ئارماننىڭ ئېلانىدا تۇنجى كۆرگەندە كۆزلىرىگە ھەيران بولۇپ بۇ بالا راستلا ئۇيغۇرمىدۇ، دەپ قالغانلىقىم يادىمدا.
2007-يىلى ئىچكىرىدە چەت بىر سەھرادا خىزمەت قىلىشقا باشلىدىم، يالغۇزلۇقتا قانداقتۇر بىر سەۋەبلەر بىلەن گۈلىستان تورىغا كىرىپ قالدىم، كىرىپلا قارلۇق، نازىمى، يۋون، ئاكىللىس، ئارىسلان، ئەفىيفىي، قارائوت، خالىس، چىنار، خەندان، ئەنۋەرجۇلا.....قاتارلىق تورداشلارنىڭ تېما-ئىنكاسلىرىغا مەپتۇن بولدۇم، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارمۇ مېنى قوينىغا ئېلىپ كەتتى. گەرچە يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساقمۇ شۇنچىلىك ئىچەكىشىپ كەتتۇق. بىر-بىرىمىزگە ئاتاپ ئۇنى-بۇنى يازاتتۇق، تېلىفونلاردا كۆرۈشۈپ تۇراتتۇق. نازىمى ئاكامنىڭ ھەر يازمىسىدا بىر بىلىم بار ئىدى، ئابدۇراخماننىڭ بولسا ھەر يازمىسى بىر يېڭىلىق ئىدى. ئۇ ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان بىر نۇقتىدىن چىقىپ پىكىر قىلاتتى؛ يۋون ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئاجايىب قابىلىيەتلىك ھەم بىلىملىك، بەكمۇ سۆيۈملۈك قىز ئىدى؛ خالىس تاڭدا ئېچىلغان قىزىلگۈلگە ئوخشايتتى.................
ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەرىپلەپ بولۇشۇمغا بەلكى سەھىپىلەر يېتىشمەيدۇ. ئۈرۈمچىدىكى دوستلار پات-پات يىغىلىشىپ تۇراتتى، يىغىلىشلىرىدا ماڭا ۋە يۋونغا تېلىفون قىلاتتى، ھەممەيلەن بىر باشتىن كۆرۈشەتتى، بىرگە رەسىمگە چۈشۈپ ئەۋەتەتتى.
2008-يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىش ئۈچۈن خىزمىتىمدىن ئىستېپا بېرىپ قايتىپ كەتتىم. ئۈرۈمچىگە چۈشكەن كۈنۈمنىڭ ئەتىسى ئاكىللىس ۋە قارا ئوت بىلەن خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ ئالدىدا كۆرۈشتۇق. ئاكىللىس مۇنبەردە بەرگەن تەسىرىنىڭ ئەكسىچە ئىنتايىن جىمغۇر ئىدى، قارا ئوتمۇ كۆپ سۆزلىمەيتتى. مەن ئەسلى خارەكتېرىمدىكى ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكتىنمۇ، ۋە ياكى ئۆزەم ھۆرمەت قىلىدىغان چولپاننى كۆرۈپ تەمتىرىدىممۇ ئەيتاۋۇر، شۇ ئەتراپتىكى «قورغان» تاماقخانىسىدا تاماق يەپ تاكى ئۇلار مېنى ماشىنىغا سېلىپ ئۇزىتىپ قويغۇچە ھېچ گەپ قىلغىنىم يادىمدا يوق. گەرچە مۇنبەردە ۋە تېلىفوندا كۆرۈشۈپ تۇرغان بولساقمۇ، تۇنجى كۆرۈشۈش مۇشۇنداق بولدى.
كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە ھەر 2-3 كۈندە بىر قېتىم ئۇلار بىلەن كۆرۈشتۇق، دېسەم ئېشىپ كەتمەيدۇ. بىرىنچى قېتىمدا نازىمى ئاكام سەپەردە بولغاچ كۆرۈشەلمىگەن ئىدۇق، كېيىن نازىمى ئاكام ، خالىس (سۆيۈملۈك شائىرە رىسالەت مەردان) ئايپالتا، تۇماق، ئەفىيفىي قاتارلىق دوستلار كەلدى. ئاجايىپ ئېسىل سۆھبەتلەر بولاتتى. ئاكىللىس مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك كىتابنى ناھايىتى كۆپ ئوقۇيتتى، ئىنگلىزتىلىدا رومان ئوقۇپ ئۇنىڭ تىلىنىڭ گۈزەللىكىنى، بەدىئىيلىكىنى تەھلىل قىلىدىغان دەرىجىدە ئىدى. سۆھبەتلىرىمىز كىتابلار ھەققىدە، دۇنيا ھەققىدە، تارىخ ھەققىدە بولاتتى، ئۇنداق ئېسىل سۆھبەتلەرگە قايتا داخىل بولمىدىم.....
رىسالەت بىلەن «ئاۋرالغا بېرىپ ماروژنا يەپ كېلەيلى» دەپ ئەتىگەندىلا كۆرۈشىۋالاتتۇق، چۈشلۈك تاماقنى بىللە يەۋەتمەيلىمۇ، بىر مەيدان كىنو كۆرۈۋەتمەيلىمۇ، دېيىشىپ ئايرىلغۇمىز كېلىشمەي كۈننى كەچ قىلىۋېتەتتۇق. نازىمى ئاكاملار بىلەن بىللە تاماق يەمدۇق يا، دېيىشىپ تېلىفون قىلىپ ئاۋارە قىلاتتۇق. نازىمى ئاكامنىڭ ئائىلىسى ئۈرۈمچىدە بولمىغاچ ئۇنىڭغىمۇ خوش ياقاتتى، ئاكىللىس بىلەن قارا ئوت بويتاقلاردىن بولغاچ ئۇلارمۇ بىردەمدىلا پەيدا بولاتتى. ئابدۇراخماننى تونۇيدىغانلار جىق بولغاچ بىزگە ئەتراپتىكىلەر بويۇنداپ قارىشاتتى. رىسالەت ئىككىمىز «ئاۋۇ قىزلار ئابدۇراخماننى كۆرۈپ ئىككىمىزنى قاغىۋېتىپ بارىدۇ» دەپ چاقچاقلاشساق شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.
شۇ يىللىرى، ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىنىڭ، تور ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ جانلانغان ۋاقىتلىرى ئىدى. دوستلار بىلەن كۆرۈشۈش، ئۆزىمىز ياقتۇرغان ئاشۇ تېمىلاردا پاراڭلىشىش تەسىۋىرلىگۈسىز گۈزەل ئىش ئىدى. 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا سۇمرۇغ تورىدىكىلەرنىڭ يىغىلىشى بولدى، شۇ چاغدا شەيخ، يۈسۈپجان نىياز ئەلقۇت بىلەن، يەنە ئارغتۇغ بىلەن كۆرۈشكەن ئىدۇق. يادىمدا قېلىشىچە ئۇ سورۇندا شائىر، يازغۇچىلار كۆپ ئىدى، باشقىلارنى ھازىر يادىمغا ئالالمىدىم. شۇ كۈنى كەچتە شائىر بوغدا ئابدۇللا ئاكىمىزنى نازىمى ئاكام تاماققا تەكلىپ قىلغان ئىكەن،ئېسىمدە قېلىشىچە ئاخىرقى قېتىم بىللە تاماقلىنىشىمىز شۇ بولسا كېرەك. بوغدا ئۇستاز ئىنتايىن بىلىملىك، خەلقچىل، راست سۆزلۈكناھايىتى ئېسىل كىشى ئىكەن. قەتئىي ئېسىمدىن چىقمايدىغىنى بوغدا ئۇستاز ماڭا چاقچاق ئارىلاش بىر گەپ قىلغاندا، مەن نېمە دېيىشىمنى ئويلىنىپ بولغۇچە ئابدۇراخمان شۇنداق ئېسىل جاۋاب بەرگەنىدى.
ئىككى كۈندىن كېيىن يۇرتقا قايتتىم، سەپەر تەييارلىقىنى قىلىپ ئۈرۈمچىگە كەلگىنىمدە بىر سەۋەبلەر بىلەن كۆرۈشۈش نېسىپ بولمىدى.كېيىن تور يۈزىدە كۆرۈشۈپ تۇردۇق. گۈلىستان تاقىلىپ قالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ گۈللۈگكە كىردۇق. بۇ يەردە بۇرۇن كۆرمىگەن، تېخىمۇ ھەقىقىي ئابدۇراخماننى كۆردۇق.

يېنىدا كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ناماز ۋاقتى بولغاندا يېقىن ئەتراپتىكى مەسچىتكە بېرىپ ئوقۇپ كېلەتتى.
ئۈستىدە شەيخنىڭ يازمىسىغا بىرەيلەن خاپا بوپتۇ، توغرا چۈشەندۇق، لېكىن مەنچە ئۇ يا چاقچاق يا بىر باشقىچە بىر گەپ، ئابدۇراخمان ھاراق ئىچمەيدۇ.
ئۇنى مۇنبەر يازغۇچىسى دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆرمەيمەن. بەزى داڭلىق ئىنسانلار كېتىدۇ، كېتىشتىن بۇرۇن بولسۇن، كېيىن بولسۇن ئۇ كىشى ھەققىدە توم-توم تەرجىمىھاللار يېزىلىشى مۇمكىن، كەتكەندە بەك بولسا «كۆپ مەھسۇلاتلىق يازغۇچىتى، بەك جىق كىتابى بارتى»، «نەسىرنى پەيزى دېكلاماتسىيە قىلاتتى، شىئېرنى نوچى توقۇيتتى» دېگەندەك باھالار بېرىلىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇنىڭ ئورنىنى باسىدىغاندىن يەنە بىرى چىقىدۇ. لېكىن ئابدۇراخمان ئوخشىمايدۇ. ئۇ ھازىرقى بىلىملەرنىڭ قامۇسى ئەمەس، ئۇ كەشپىيات خەزىنىسى ئىدى. ئۇنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسلۇبىنى، ئۇنىڭ ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى، ئۇنىڭ ئادىمىلىكىنى، ئۇنىڭ غۇرۇرىنى، ئۇنىڭ ئەخلاقىنى كوپىي قىلالايدىغانلار چىقمايدۇ. ئۇ بىر ھەقىقىي ئادەم ئىدى.
ئۇنى تور يۈزدە تونۇغاندىن تارتىپ، ھەتتا ئۇنىڭ ئابدۇراخمان ئابلىكىم ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن تارتىپ ئۇ ھۆرمەتلەپ، ئۇنىڭغا قايىل بولۇپ كەلدىم. ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقاندىن بېرى ئويلاپ كۆرسەم بىرەر قېتىممۇ ئۇنىڭ چېمپىيونلۇقى، بوكس ھەققىدە پاراڭلىشىپ باقمىغان ئىكەنمىز. مەن بىلىدىغان ئابدۇراخمان بوكسچىدىن كۆرە بىر بىلىم ۋە ئەقىل بۇلىقى ئىدى، ئۇنىڭ ھەرئېغىز سۆزىدە، ھەربىر يازمىسىدا يېڭىلىق بار ئىدى، بىلىم بار ئىدى، ھېچ نەرسىگە بوغۇلمىغان تەپەككۇر بار ئىدى.
ئۇ بىر رىۋايەت ئىدى.....

torqicom يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 13:57:29




Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 14:15:39

ھازىر قېرىندىشىمىز ئابدۇراھماننىڭ نامىزىدىن قايتىپ كىرىشىم. مەن ئابدۇراھماننى پەقەت مىدىيالاردىنلا بىلگەن كىشى ئېدىم. ئەتىگەن بامداتتىن كىيىن ، ئايالىمغا ماتىرىيال چۈشۈرۈپ بەرگەچ ،ئىزدىنىشتا بۇ خەۋەرنى كۆردۈم. «سېپىل ۋە سېپىل مەنتېقىسى »نى ئوقۇدۇم،كەينىدىن ئابدۇراھمانغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق يازمىلارنى ئىز قوغلاپ كۆرۈپ،يىغلاپ كەتتىم. مېنىڭدەك ئاسانلىقچە ياش تۆكمەيدىغان ئادەمنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ ئايالىممۇ ھەيران قالغان ئېدى. ماڭا ئۇنىڭ داڭ چىقارغانلىقىدىن بەكرەك ئادىمىيلىك پەزىلىتى تەسىر قىلغان ئېدى. ..ھەي قېرىندىشىمدىن ئايرىلىپ قاپتىمانغۇ...
تاھارەت ئېلىپ ئىككى رەكئەت خالىس ناماز ئوقۇپ ،مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدىم . ئاندىن مەسچىتكە چىققان ئېدىم،ئادەمگە توشاپ كېتىپتۇ،خىيالغا پاتقانچە ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن، كۆزلىرىمدىكى ياش ئىرادەمگە بوي سۇنماي تۆكۈلگىلى تۇرۇپتۇ، ئۆزۈمگە كېلىپ ئەتراپىمغا قارىسام، نۇرغۇن بالىلار مىشىلداپ يىغلاپ تۇرۇپتۇ. نامازدىن يېنىپ تۇرسام ، بىر مويسىپىت كېلىپ «بۇ ئوغۇلنىڭ ئىسمى نىمىتى بالام، تىلىمنىڭ ئۇچىدىلام ،پەقەت ئەسلىيەلمەيۋاتىمەن!»دەپ سورىدى. «ئىسمى ئابدۇراھمان!» دىيەلىدىم ئارانلا. ئۇ مويسىپىتقائابدۇراھماننىڭ پەزىلىتى ، قەيسەرلىكى، مەردانىلىقى « سېپىل مەنتىقىسى» توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرگىم بار ئېدى .تىلىمغا پەقەت گەپ كەلمىدى.تۇمشۇقۇم قىزىرىپ، ئىچىمدىن بىر نەرسە بىراقلا ئۆپكەمگە قاپلىشىپ قېلىپ ، ئاستا ئۆرۈلۈپ كېتىپ قالدىم...

newyork يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 15:37:19

ackillsنىمە مەنىدۇ؟مەن بىر تەنھەركەتچىنى بۇنداق ئىنگىلىزتىلىغا پىششىقلىنى ھىس قىلماپتىكەنمەن.

newyork يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 15:38:58

mastura يوللىغان ۋاقتى2015-1-22 13:53 static/image/common/back.gif
ئابدۇراخماننى تۇنجى قېتىم ئارمان قۇۋۋەت تالقىنىنىڭ ئې ...

مەستۇرە سىز دەۋاتقان نازىمى ئەپەندى ھازىرمۇ توردۇنياسىدا بارمۇ؟بۇغدا ئابدۇللا سىزنىڭ ئورىنىشىڭىزغا چاقچاق قىلغىنىنى
ئويلاپ سەل غەزىپىم كەلدى.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 15:44:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mastura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-22 15:53

نازىمى ئاكامنى ئۇزۇن بولدى توردا كۆرمىدىم.
بۇغدا ئابدۇللا ئاكىمىز مېنىڭ ئورانغىنىمغاقارىتا بىر نەرسە دېمىدى. خاتا چۈشىنىپ قالماڭ. ئۇ گەپلەرنى بەك تەپسىلىي دەپ كەتكۈم يوق. يازمىنىڭ ئۇ يېرىنى ئۆزگەرتىۋەتتىم. خاتا چۈشەنچە بەرگەن بولسام ئۆزۈر سورايمەن. بوغدا ئابدۇللا ئاكىمىز ھەم مېنىڭ قەلب تۆرىمدىكى ئىنسانلارنىڭ بىرى. ھەركىشىدە ئۇنىڭغا قارىتا خاتا تەسىرات پەيدا قىلىپ قويۇشنى خالىمايمەن.
ئاكىللىس (Achilles) گرېك ئەپسانىلىرىدىكى ئەڭ داڭلىق پالۋاننىڭ ئىسمى. تروي ياغاچ ئېتى ھېكايىسىنىڭ مەركىزى پېرسوناژى.
بەت: 1 2 3 4 [5] 6 7
: خوش ئابدۇراھمان...