tilmix يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 19:35:55

كۆڭلۈم يېرىم بولدى............
نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم، .....
ئەتىكى نامازغا ................
توۋا....

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 19:37:40

yiltizim يوللىغان ۋاقتى  2015-1-21 13:46 static/image/common/back.gif
مەرھۇمنىڭ (مەرھۇم دېيىشكىمۇ تىلىم بارمايۋاتىدۇ) « سېپ ...

http://www.xsada.com/show.asp?id=5&from=timeline&isappinstalled=0
.........
سېپىل ۋە سېپىل مەنتىقىسى         
ئابدۇراخمان ئابلىكىم
- كىتاب ئوقۇش تەسىراتىمدىن تامچە: ئەنئەنە ۋە ئېتىقاد ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

       
-" ئادەمدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلۇر"
- ئۇيغۇر خەلق ماقالى

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىز ياۋايىلارچە ، ھەرخىل خېيىمخەتەر ئىچىدە ، ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەي
نادانلىقتا ياشاۋاتقان چېغىمىزدا بىر ئۇلۇغ ئادەم ھاياتلىق ماكانىمىز ۋە تىنچ- ئامانلىقىمىز ئۈچۈن بىزگە
ئەڭ مۇستەھكەم سېپىل سېلىپ بەرگەنىكەن . سېپىلنىڭ ئۈچ تەرىپى ئىنتايىن خەتەرلىك دەريالار بىلەن
قورشالغان بولۇپ، بۇ ھەيۋەتلىك سېپىل دەريالاردىكى زەھەرلىك دۇتنىڭ بىزنى زەھەرلەپ قويۇشىدىن،
كەلكۈن كەلگەندە بولسا دەريالار تېشىپ بىزنى غەرق قىلىۋېتىشىدىن ساقلاش ئۈچۈن سوقۇلغانىكەن. ئۇ-
لۇغ ئادەم بىزنى مەڭگۈ سېپىلنى قوغداشقا، سېپىلدىن چىقماسلىققا دەۋەت قىپتۇ. شۇنداق قىلغاندىلا
ئەلدە تىنچ- ئەمىنلىك ۋە بەرىكەت بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇلۇغ ئادەمنىڭ دېيىشىچە،بۇ سېپىل ئىنتايىن
مۇستەھكەم ۋە بىخەتەر بولۇپ، بىز ئىزدەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سېپىلنىڭ ئىچىدە بار ئىكەن. ئۇ
زاتى مۇبارەك يەنە بۇ سېپىلنىڭ دۈشمىنى سېپىلنى يالاپ ئاقىدىغان ئەشۇ خەتەرلىك دەريالاردۇر، دەپتۇ
ۋە يەنە سېپىلنىڭ دەريا يالاپ-چېقىپ ئاقىدىغان يەرلىرىنى قانداق پۇختىلاش چارىلىرىنى ئۈگىتىپ قويۇپ
بىز بىلەن خوشلىشىپتۇ.

شۇندىن باشلاپ بىز بۇ سېپىل ئىچىدە بىخەتەر- خاتىرجەم، ئىناق، بەخىتلىك ياشاپتۇق.ئۇلۇغ ئادەمنىڭ
نەسىھىتى بويىچە سېپىلنى مەزمۇتلاشنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋام قىپتۇق. بىزدىكى بۇ بەخىتلىك ھايات تالاي
يىللار داۋاملىشىپتۇ. كېيىنچە، بارا- بارا سېپىل سىرتىدا يەنە باشقا شەھەرلەرمۇ قۇرۇلۇشقا باشلاپتۇ.
زامان ئۆزگىرىپتۇ. سېپىلدىكى بەزى ئادەملەر سېپىل سىرتىدىكى شەھەر كىشىلىرىنىڭ باشقىچە بىر خىل
ئەركىن تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى،ئۇلار سېپىلنى قورشاپ تۇرغان دەريالاردا ئەر-ئايال دېمەي ئۈزۈپ
ئويۇن- تاماشا، ئىشقىۋازلىق قىلىشىدىغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇلۇغ كىشى: بۇ دەريالارنىڭ سۈيى بەكمۇ
خەتەرلىك، ئۇلاردا ئېقىۋاتقىنى سۇ ئەمەس ئەيىش- ئىشرەتتىن ئاققان قان- يىرىڭدۇر، دەپ نەسىھەت
قىلغانىكەن. ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقان تىنچ- ئەمىنلىك بۇ نادانلارنى بىخۇدلاشتۇرغاچقا ئۇلار كەلگۈسى
خىيىمخەتەرنى ئۇنتۇپتۇ؛ غەپلەت پەردىسى كۆزلەرنى توسۇۋېلىپ دەريادىكى قان- يىرىڭنى سۈزۈك سۇ
قىلىپ كۆرسىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىرلەپ- ئىككىلەپ سېپىلدىن چۈشۈپ دەريادا چۈمۈلۈپتۇ. ئۇلار
دەريا سۈيىدە ئۆزلىرىنى تولىمۇ ئەركىن- ھوزۇرلۇق سېزىشىپتۇ. يىللار- قەرنەلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ
بۇ نادانلارنىڭ سانىمۇ كۆپىيىپتۇ.ئەجداتلار نەسىھىتىنى ئۇنتۇشقا باشلاپتۇ.سېپىلدىن چۈشكەن ئادەملەرنىڭ
كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇلار چۈشكەن جاي شورا بوپتۇ. بۇ نادانلار شورىنى ئېتىشنىڭ ئورنىغا تالاغا
چىقىشىمىزغا ئەمدى ئاسان بولدى، دەپ خۇش بوپتۇ. ئاخىرى بىر كۈنى سېپىلنىڭ بىر تەرىپى ئۆرۈلۈپ
چۈشۈپتۇ. دەريا سۈيى شەھەرگە بېسىپ كىرىپتۇ. كىشىلەر ئەمدى دەريالارنىڭ ئۆز ئىشىكلىرى ئالدىدا
ئاققىنىدىن شادلىنىپتۇ. گەرچە بەزىلەر دەريا سۈيىدە ئېقىپ كېتىپ تۇرسىمۇ ھېچكىم ئىبرەت ئالماپتۇ.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ دەريا ئۇلارغا قورقۇنچلۇق تۇيۇلمايدىغان بوپتۇ.دەريادىن چىققان زەھەرلىك
دۇت ئۇلارنىڭ ئەقلىنى كېسىپتۇ. شۇنداق قىلىپ تولا كىشىنىڭ دەرياغا بولغان كۆز قارىشى ئۆزگىرىپ
سېپىلنىڭ ئەھمىيىتىنى ئۇنتۇپتۇ؛ سېپىلنى پۇختىلاش ئىشى تاشلىنىپ قاپتۇ. گەرچە بەزى ئەقلى ئويغاق،
ئىمانى كامىل كىشىلەر سېپىلنىڭ ئەھمىيىتىنى ئەستىن چىقارمىغان،سېپىلنى مۇستەھكەملەشنى داۋام قىلىپ
كەلگەن بولسىمۇ ھەممە ئادەم بىللە قىلمىغاچقا ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىغاننى ئاز دەپ ئۆز قېـ-
ـرىنداشلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچراپتۇ. يەنە تالاي يىللار ئۆتۈپ سېپىلنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى بۆلىكىمۇ
ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ. ئەقىل- ھوشى جايىدا كىشىلەر قايغۇرغان بولسىمۇ ئامالسىز قاپتۇ. شۇنداق قىلىپ
كىشىلەر سېپىلنىڭ يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى تۇيمايلا قاپتۇ. سېپىلنىڭ يوقاپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئادەملەردىن
ئىنساب، دىيانەت، شەرم- ھايا، يۇرتتىن بەرىكەت كۆتۈرۈلۈپ، نىزا-ئاداۋەت، جەڭگى-جېدەل،ئوغرىـ-
ـيالغان، زىنايى- ھارام، بەڭگىلىك باش كۆتۈرۈپ، يوقۇملۇق كېسەل، ئاغرىق- سىلاق ئاۋۇپ كېتىپتۇ.
روھى ساغلام،تەندۇرۇست ئادەملەر ئاز قاپتۇ. دەريادىن كۆتىرىلگەن زەھەرلىك دۇت ئادەملەرنى سېھىر-
لەپ، دىللىرىنى كور قىلىپ، ئوڭنى تەتۈر، رۇستنى قىڭغىر كۆرۈدىغان قىلىپ قويۇپتۇ. لېكىن تالاي
كىشىلەر بۇ ئاپەتلەرنىڭ سىرىنى بىلەلمەپتۇ. بىلگەنلەرنىڭ گېپىگە ئەتراپتىكىلەر ئىشەنمەپتۇ.

كېيىن سېپىلنىڭ بىر بۈرجىكىلا قاپتۇ. شۇ بۈرجەككە قاراپ نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا ئۆزىنى سېپىلدىكى
ئادەملەر دەيدىكەن. لېكىن بۇ كىشىلەرنىڭ سېپىل سىرتىدىكى ئادەملەردىن قىلچە پەرقى يوق ىكەن.

بىز ھەممىمىز ئۆزىمىزنى سېپىل ئىچىدىكى ئادەملەر دەيمىز. لېكىن قېنى بۇ سېپىلىمىز؟ پەقەت ئۆرۈلۈپ
چۈشەي دەپ قالغان سېپىل پارچىسى بىلەنلا ئۆزىمىزنى سېپىل ئادەملىرى دىيەلەمدۇق؟

ھازىر ئالدىمىزدا ئىككى يول تۇرۇپتۇ. بىرى، ئەسلى تەبىئىتىمىزدىن ياتلاشقان، ساختىلىق، ئەقىدە- ئېـ-
ـتىقادسىزلىق، رىياكارلىقتىن بۇلغانغان ۋۇجۇدىمىزنى پاكلاپ ئۆزىمىزنى ھەقىقىي تونۇش؛ يەنە بىرى،
گۇمراھلىق يولىغا مېڭىپ ئاخىرى بىر كۈنى دەرياغا غەرق بولۇش. ياكى بولمىسا ئىككى پۇتىمىز گۆرگە ساڭگىلىغاندا ئاندىن دەريانىڭ ماھىيىتىگە يېتىپ، سېپىلىمىزگە سېغىنىش.

دەريا بىزگە قاراپ ئېتىلماقتا. نادان كىشىلەر دەريادا ئېقىۋاتقىنى ھاياتلىق سۈيى دەپ قارىماقتا. سېـ-
ـپىلنىڭ ئاخىرقى بۈرجىكى ئۆرۈلۈپ تۈگىمەكتە… ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر سېپىل سوقۇش
بىلەن ئاۋارە. لېكىن ئۇلار دەريا دولقۇنى ئالدىدا ھالسىز ۋە ئاجىز…


2000- يىل سىنتەبر، سدنېي.

(بۇ يازما بوكس چېمپيونىمىزنىڭ تۇنجى ئەسىرى)

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 20:06:59

ئاھ... ئېسىت!!! بىر ئېسىل ئوغلانىمىز ۋاقىتسىزلا كېتىپ قاپتۇ.
9-ئايدا بىر قېتىم يۈز كۆرۈشۈپ تۈزۈكرەك مۇلاقەتتە بولۇشقىمۇ پۇرسەت بولمىغان ئىدى.... ئاكېللىس بۇرادەر كۆڭلۈمنىڭ تۆرىدىكى ئىنسانلارنىڭ بىرى ئىدى. شۇ تاپتا ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قېلىۋاتىمەن، بەكلا پەرىشان بولدۇم. نېمە دەپ ئۇنىڭ بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىۋالمىغان بولغۇيدۇم دەپ ئۆزۈمنى ئەيىپلەۋاتىمەن...
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 20:19:48

    قېرىندىشىمىز ئابدۇرراھمان بىزگە يېتەرلىك بىر پەندى - نەسىھەتنى قالدۇرۇپ قويۇپ كەتتى... {:118:}  سىزمۇ ئۇزاققا قالماي مۇشۇنداق جىمجىتلا ئاخىرەت سەپىرىنى قىلىسىز، نىمىلەرنى تەييارلىدىڭىز دەپ...
     ئاللاھ بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ مەنزىلگاھىنى نۇرلاندۇرىۋەتسۇن، ھەممىمىزنى ھىدايەت ۋە سالىھ ئەمەللەر ئۈستىدە قىلسۇن!

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 20:20:43

بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ئېگىسى بۇلغان ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ياخشىلار قاتارىدىن قىلىشىنى تىلەيمەن

1225 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 20:29:19

[دوكتور قەيسەر مىجىتنىڭ مەرسىيەسى
‏(بوكسچى ئابدۇراھمانغا بىغىشلايمەن)
‏             قەيسەر مىجىت
‏******
‏‏تاڭ سەھەر، مۇسىبەتلىك شۇمپەن خەۋەر،
‏يۈرەكنى ئەزدى ھەجەپ، كۆڭۈل يىرىم.
‏يىغلايدۇ  خەلقىڭ سىنىڭ، قايغۇ بىلەن،
‏ئەل ئۈچۈن شاۋكەت قۇچقان باتۇر ئىنىم.
‏ۋاقىتسىز قازا قىلىپ كەتتىڭ ئەجەپ،
‏ئازاپتا تىترىمەكتە مىنىڭ جىسمىم.
‏جەننەتتىن بولغاي ئورنۇڭ، مۆمىن يىگىت،
‏دۇئاغا قول كۆتۈردى پۈتۈن خەلقىم!
‏ياش ئىدىڭ، ياخشى ئىدىڭ، ياشىغانتىڭ،
‏كۆمۈلگەن ئىدىڭ ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە.
‏ئەل -ئادىل، قەدىرلەيدۇ كىشىلەرنى،.
‏ئىرىشكەن تا-ئەبەتلىك سۆيگۈسىگە.

(ئامېرىكا، بوستۇن شەھىرى)

mahammatjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 20:29:53




        ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن!
        ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋە ئۇرۇق-تۇغقان،دوست-بۇرادەر،قېرىنداشلىرىغا سەبر تىلەيمەن.
        http://ulinix.cn نى ئېچىپلا كۆرگىنىم شۇ خەۋەر بولدى،ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋاقىرىۋەتتىم...دەرھاللا ئىزدىنىشقا كىردىم،‹‹چوقۇم بۇ يەردە بۇ توغرىلىق تېخىمۇ تەپسىلىي خەۋەر بار››دەپ ئويلاپ.مۇنبەرداشلارنىڭ يازمىلىرىدىن مەن تونىمايدىغان يەنە بىر ئابدۇراخمان ئابلىكىمنى كۆردۈم...بىز تەغدىر ئالدىدا نېمىدىگەن ئاجىز-ھە!

sawr55 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 20:41:22

زەبەردەس قامىتى،چەبدەس مۇشىتلىرى بىلەن رىقابەتچىللىرىنى يېڭىپ ئۇيغۇرنى بوكىس سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىپ،دۇنيادا بۇنداقمۇ باتۇر مىللەت بار ئىكەن ،دەپ تونۇتقان،خەلقىنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان ھەم ئوتىدا كۆيۈپ سۈيىدە ئاقىدىغان بىر ئېسىل ئوغلانىمىزدىن ئايرىلىپ قاپتۇق...  ئاللا ئۇنىڭ روھىنى جەننەتتە قىلغاي.ئۇنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى ۋە باتۇرلۇقۇدىن ئۆرنەك ئالغان مىڭلىغان ئابدۇرەھمانلارنىڭ ئۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ روھىنى خوش قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنىچىم كامىل .ئامىن.

mahammatjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 20:43:31

mahammatjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 20:44:21

bariber يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 20:46:07

ئىننا لىللاھى ۋە ئىننالىللاھى راجىئون.

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 21:27:32

ئاللاھ ئاخىرەتلىكىنى ئاسان قىلغاي.
گۈللۈكتىكى ئىنكاس-تېمىلىرىنى تولا كۆرەتتىم، كىيىن بوكىسچى ئابدۇراخمان ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھەيران قالغان ئىدىم. نەزەر-دائىرىسى كەڭ، بىلمەيدىغان نەرسىلىرى يوقتەك تۇيغۇ بېرەتتى...
رەھمەتلىك تېخى 40 ياشقىمۇ ئۇلاشماپتىكەن.

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 21:42:27

مەرھۇم تەييارلىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا  سىيدنى ئولىمپىكتىن قايتىپ جۇڭگۇ ئولىيمپىك ئۆمىكىنىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە بىر قانچە خەنزۇ ئالتۇن مىدالچىلار بىلەن بىللە بىزنىڭ مەكتەپكە كەپتىكەن. چوڭ زالدا  دوكىلات بەرگەندىن كىيىن سۇئال سوراڭلار دىسە خەنزۇلار ياكى خەنزۇچە سۆزلەيدىغانلار مەن تونۇمايدىغان بىر قاتار چولپانلاردىن ئۇنى بۇنى دەپ سۇئال سورغىنى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن مەن قانداق غەيرەتكە كەلدىمكىن تاڭ قولۇمنى كۆتۈرسەم ماڭا نۆۋەت تىگىپ قالدى.  ئۇيغۇرچە ئابدۇراخمان ئاكىمىزدىن سۇئال سورماقچى ئىدىم دىسەم رىياسەتچى مەقسىدىمنى ئاران چۈشىنىپ مەرھۇمنى سەھنىنىڭ ئالدنقى قاتارغا چىقىرىپ مىكروفوننى بەردى. مەن  «ئابدۇراخمان ئاكا، سىزنىڭ ئاسىيا چىمپىيونى بولغانلىقىڭىز ھەم ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى بولۇپ ئولىمپىكقا قاتناشقىنىڭىزدىن (ئۇ ۋاقىتلاردا روسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئولىمپىكقا قاتناشقىنىنى ھەم  دۇنياچىمپىيونى بولغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن ) بىز ئىنتايىن پەخىرلەندۇق. سىز گەرچە ئولىمپىكتا نەتىجىگە ئىرىشەلمىگەن بولسىڭىزمۇ سىزنىڭ بۇ قىتىم سىدنىيدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپكا قاتناشقىنىڭىزنىڭ ئۆزى بىز ئۈچۈن چوڭ ئىلھام بولدى ھەم چوڭ بىر غەلبە دەپ قارايمەن. سىز خەلقىئارا مۇسابىقىگە قاتنىشش جەريانىدا يۇرتىمىزنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەنھەركەت ئىىشلىرى، تەرەققىياتى توغۇرلۇق قانداق ئويلىدىڭىز دەپ بەرگەن بولسىڭىز » دەپ سورىدىم. سۇئالم تۈگىشى بىلەن زالدا كۆتۈرلۈپ كەتكۈدەك ئالقىشلار ياڭراپ كەتتى،  قارىسام زالدىكى ھەممىسى دىگۈدەك ماڭا قاراۋاتقان، مۇخبىرلار ئەتراپىمغا ئولىشىپ سۈرەتكە تارتىۋىتىپتۇ، ئىشقىلىپ ھودۇقۇپ  پۇت قوللىرىم تىترەپ دىگۈدەك ئاران ئولتۇۋالغان ئىدىم.  مەرھۇم بۇ كۈتۈلمىگەن سۇئالدىن سەل تەمتىرەپ قالغان بولسىمۇ لىكىن ئۆزىنىڭ كۆپ نەرسىلەرنى ھىس قىلغىنىنى، يۇرتىمىزنىڭ تەنھەركەت ئىشلىرىنىڭ ئارقىدا ئىكەنلىكى، تىرىشىش ھەم قوللاشلارنىڭ لازىملىقىنى دەپ ئۆتكەن ھەم  بۇ يىغىندىكى ئەڭ ئۇزۇن چىلىنغان چاۋاك مەرھۇمغا ماڭغان، سەھنىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ئوتتاغان چولپانلار مەرھۇمغا قايتىدىن بىر قارىشىپ كەتكەن ئىدى. كىيىن تەنتەربىيدە ئوقۇيدىغان باللا ئوبدان گەپ قىلدىڭلا، مەرھۇمنڭ گەپ قىلغىنى بەك ياخشى بولدى دەپ كىتىشكەن ئىدى، ئەتىسى سىنىپ مۇدىرىمىز يولداشقا يەنە بىر يولداش ئوقۇتقۇچى مىنى ئاخشام يىغىندا ئۇيغۇرچە سۇئال سوردى دىسە ماڭا قاپاقلىرىنى سوزۇپ بىر قارىۋەتكەن.  بۈگۈن مەرھۇمنىڭ ماتەم خەۋرىنى ئاڭلاپ شۇ ۋاقىتلار يادىمغا يىتىپ كۆڭلۈم تولىمۇ يىرىم بولدى. بىزگە بىر چوڭ خۇشاللىق ھەم پەخرلىنىش بەرگەن ئىدى، يازغان ئەسىرىنى ياقتۇرۇۇپ ئوقىغانتۇق، بەزى ئاغىنلەر ھەتتا كىسىپ ياتاق تاملىرىغا چاپلىۋالغان ئىدى.  مەرھۇمنىڭ بۇنداق ياش ھەم تۇيۇقسىزلا كىتىپ قالغانلىقغا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ.  ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلغاي.


uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 21:44:14

نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم، ئۇ مۇشۇنداقلا ئارىمىزدىن كەتتىمۇ؟
ئىننە لىللاھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئون، ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي ،دوست بۇرادەر ،قوۋم قېرىنداشلىرىغا سەبىر تىلەيمەن…

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 21:55:40

ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن!
:'(:'(:'(

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 22:04:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anur77 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-21 22:06  

ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي، ئامىن.
گۈللۈك مۇنبىرىنىڭ ئادىرىسىنى قالدۇرغان بولساڭلار، رەھمەت.

nasin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 22:42:07

anur77 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-21 22:04 static/image/common/back.gif
ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي، ئامىن.
گۈللۈك مۇنبىرىنىڭ  ...

www.gullug.com

yurak-sadasi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 22:52:46

پەرۋەردىگارىمىز ئاخىرەتلىكىنى جەننەتتە  قىلسۇن
مەنمۇ تىما ئىنكاسلىرىنى ئوقۇغان غايىبانە ھۆرمىتىم بار ئىدى بوكىسچى ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلىپتىمەن ھەقىقەتەن
ئېسىل ئوغلانىمىز ئىكەن  مېنىڭمۇ يۈرىكىم ئېغىپ كېتىۋاتىدۇ

xayih يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 23:09:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-22 03:21  

ئۇ مېنىڭ دوستۇم ئىدى....
تېخىچە ئىشىنەلمەيۋاتىمەن، كاشكى بىر مۆجىزە يۈز بىرىپ قالدىغاندەك...
مەن نىمىمۇ قىلالايتتىم . پەقەت ئۆلۈم ئالدىدىلا ئۈزۈمنىڭ نەقەدەر ئاجز بىر مەخلۇق ئىكەنلىگىمنى ھىس قىلىمەن. بىراق يەنىلا ئەتىكى قۇياش بىلەن تەڭ ھىسلىرىمنى ھارماي ئۇنتۇشقا باشلايمەن.
2002-يىلى بېيجىڭدا باھار بولغان بىر كەچ ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى دىدارى مۇلاقەتتە بولغىنىم ھازىرقىدەكلا ئېسىمدە
ئۇچاغ مەن ئۇنى تېخى كۈرۈپ باقمىغان، مەن ساڭا بىر دوستۇمنى تۇنۇشتۇرۇپ قوياي !
قازاقلارنىڭ پوپ ناخشىچىسى نۇران ئەمدىلا گىتتارنى قۇيۇپ سەھنىدىن چۈشىشىمگە ئالدىمدا كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ بىلە ئىككىنچى قەۋەتكە چىققىنىمدا  ناھايتتى ئىگىز بويلۇق قاۋۇل بىر يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ سالام قىلدى ، ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم! مەن تېڭىرقىغاندەكلا تۇرۇپ قاپتىمەن . ئەيتاۋۇر كۆڭلۈمدە ئۈزگىچە كىيىنگەن ، كۆزلىرىدىن يالت قىلىپ چاقناپ ئۆچكەت كۈكۈچ نۇردىن بۇ يىگىتنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ قالغان بولسام كېرەك،
ۋاھ .. ئۇيغۇرچىنى نىمدا ياخشى سۆزلەيدۇ ، دىدىم مەن
ئۇ، كۈلۈپ قۇيۇپلا جايىدا ئولتۇردى
ھەي.. ئۇ دىگەن ئۇيغۇر پەخرىمىز بىزنىڭ ئابدۇراھمان بېلەرسېنبا..
خجىللىقتىنمۇ ياكى ھاياجاندىنمۇ ئىشقىلىپ بەكلا ئۇڭايسىزلاندىم. بۇ كەچ بىز كۇشادە پاراڭلاشتۇق ئەمما ئۇ كەم سۆز ئىدى.
شۇنىڭدىن باشلاپ بىز تالاي قېتىم ئەسرالاشتۇق .  يېقىن پىكىرداشلاردىن بۇلۇپ قالدۇق. مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا  ئۈزۈمدىن تولىمۇ نەپرەتلەندىم. دائىم گەپنى مەن قىلاتتىم  ئۇ جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلايتتى.ئەما سۈكۈتتىن چاچراپ تۇرۇپ قىلغان سۆزلىرى كىشىنى تاڭ قالدۇراتتى. مېنى گۈللۈگكە باشلاپ كىرگەنمۇ شۇ ئىدى. مەن بېيجىڭدىن قايتىپ كىلىپ ئۆتكەن يىل توي قىلدىم. تېخى ھەپتە ئالدىدا ئوغلۇمنىڭ دۇنياغا كەلگىنىنى تەبرىكلەپ تېلفۇن ئۇرۇپمۇ ئۈلگۈرگەن . باشقىلاردەك ئۇچۇر يازماستىن ئۆز ئاۋازى بىلەن قويغان ئىسىمنى تەبرىكلىگەن ئىدى...
دوستىمىز غېنى سەمەد  ئۇ ئاسىيا چىىمپيۇنلىغىنى ئېلىپ شەرەپ قۇچۇپ قايتقاندا ھۆكۈمەتنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىغا قارىماي بىر سىنىپ ئۇقۇغۇچىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ گۈل ئېلىپ ئايرىدۇرۇمغا ئالدىغا چىققان ، شۇ سەۋەپ غېنىجان ئىشتىن ھەيدەلگەن بولسىمۇ تا ھازىرغىچە غايە ئىچىدە تىپىرلاپ يۈرمەكتە.
ئۇ توغرىلىق تالاي ھېكايىلەر  بېسىلىپ يېتىپتۇ، مەن نىمىمۇ دىيەلەيتتىم، پەقەت ئۇيغۇردا  مۆجىزە يۈز بەرمەيدىغانلىغىغا ۋە ئەزەلدىن يۈز بىرىپ باقمىغانلىغىغا ئىشىنىشكە مەجبۇرمەن..
خەير ، ئەلۋىدا دوستۇم ئابدۇرەھمان ، ھەممىنى بىلگۈچى ئۇلۇغ ئاللا ساڭا جەننەت ئىشكىنى ئۇچۇق قىلغاي، ئامىن!

A.Qarluq يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 00:30:30

مەرھۇم ئۈچۈن كۆزلىرىمدىن ياش بولۇپ ئاقتىم. خۇددى قاراڭغۇ چۈشلەردىن چۆچۈگەندەك بولدۇم. ھاياتلىق نەقەدەر ئاجىز ۋە يوچۇن؟!
مەرھۇم تۇيغۇلىرى زىل ۋە تېرەن،  تەپەككۇرى ئويغاق ئۇرغۇپ تۇرغان، ۋۇجۇدى سۈزۈك پارلاپ  تۇرغان ئەزىمەت ئىنسان ئىدى.
مۇشتى بىلەنلا ئەمەس روھى بىلەن تەڭ چاقناپ  قەلىبلەردە مەشئەل ياندۇرالىغان ئەزىمەت بۇرادىرىمىزگە قايتىش مەنزىللىرىنىڭ ئەڭ خەيىرلىكىنى تىلەپ قالىمەن…اللە مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سەبىر بەرگەي!
بەت: 1 2 [3] 4 5 6 7
: خوش ئابدۇراھمان...