makansiz يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 17:21:45

مەرھۇمنى ئاكىللىس دىگەن تور نامى بىلەن گۈللۈگتە تونۇغان. ئېسىل پەزىلەتلىك، قەلبى ساپ، ۋىجدانلىق، تەپەككۈرى ئەركىن، پىكىرى ئۆتكۈر، يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي.............ئاھ خۇدا مەن قانداقمۇ دەپ بولاي، ئاغزىمغا گەپمۇ كەلمەيۋاتسا ھازىر....
مەن مەرھۇم بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىغان، ئەمما شۇنچىلىك ھۆرمىتىم ۋە قايىللىقىم بار ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ، دوست بولۇشقانلارنىڭ ئازابىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمەن، ئەمما سىلەر بىزگە قارىغاندا تەلەيلىككەنسىلەر......

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 17:24:03

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-1-21 16:55 static/image/common/back.gif
شۇ ئاكىللىس، بايامدىن بېرى توختىماي سىزنى، رىسالەتنى ...

رەھمەتلىك ئېسىل ئادەم ئىدى، تەقدىرگە بىر نەرسە دېيىشكە ھەددىم ئەمەس، لېكىن بۇ ئېغىر كەلدى...

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 17:44:03

ئاللاھتىن  مەرھۇمغا  مەغپىرەت ۋە رەھمات تىلىيمەن.   مەن مەرھۇمنى داڭلىق  بىر بوكىسچى دەپلا بىلىدىكەنمەن.  ئۇنىڭ ھەققىدە تەپسىلىراق مەلۇمات بەرسەڭلەرچۇ

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 18:09:04

ئىننە لىللەھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن! (ھەممىمىز ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز)
ئاللاھتىن مەرھۇمغا جەننەتتىن ئورۇن بىرىشىنى تىلەيمەن! مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سەۋر تىلەيمەن!
مەرھۇم بەك ئېسىل يىگىت ئىدى. ئۇزاق بوپتىكەن كۆرۈشمىگىلى، لېكىن تېلېفۇندا پات پات ئەھۋاللىشىپ تۇراتتۇق.
يۈرىكىم بەكمۇ ئېيچىشتى.

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 18:28:12

ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!!!
گۈللۈگتە بىر قانچە ئەزا مېنى بەك جەلپ قىلىۋالغانتى... تىكەنقۇش, ئاكىللىس, يىۋون  دېگەندەك... ئاكىللىس ئەسلى مۇشۇ ئاكىمىزكەنتۇقتە...

uqkun75 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 18:28:53

مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن!بۇ پەخرىمىزنىڭ بىزدىن شۇنچە ياش ئايرىلغىنى ھەممىمىزگە ئېغىر كەلدى.
بىراق ھېچقايسىڭلار سەۋەبىنى دىمەپسىلەر.بىلىدىغانلار دەپبەرسەڭلار بۇلاتتى.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 18:33:57

ئايالى بالىسىنى خوتەنگە ئاپىرىپ قويۇپ، غۇلجىدا بىر كۈن تۇرۇپ قايتىپ كەلگىلى ئىككى كۈن بوپتىكەن، بىر ئاغىنىسى بىلەن ئاخشام ئۆيىدە يېتىپ قاپتىكەن. ئەتىگەن تۇرۇپ، ناشتىنى قىلىپ بولۇپ بىردەم يېتىۋالاي دەپلا كۆزىنى ئاچماپتۇ.
مېنىڭ بىلگىنىم مۇشۇنچىلىك.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 18:38:40

ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن.... ئاللا ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن.
بەك كىچىك پىئىل ئىدى، بىلىمى مول، تەپەككۇرى ئۆتكۈر، ئۆزگىچە بىر تالانت ئىگىسى ئىدى... راست گەپكە ئىشەنمەك تولىمۇ تەسكەن...

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 18:39:26

يۈرەك تىقىلمىسى دېگەن زادى قانداق كېسەل، نېمە دېگەن قورقۇنۇچلۇق...

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 18:41:44

ئاخىرقى ھىسابىنى ئاسان قىلسۇن  ئىگىمىز ،
ئائىلىسىگە سەبىر تىلەيمەن.

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 18:41:49

Ozuyghur يوللىغان ۋاقتى  2015-1-21 17:44 static/image/common/back.gif
ئاللاھتىن  مەرھۇمغا  مەغپىرەت ۋە رەھمات تىلىيمەن.   مەن  ...

مەنمۇ شۇنداق بىلىدىكەنمەن !
ئاللاھ بۇكىشىگە دەرگاھىدا يۇقۇرى مەرتىبە بەرسۇن

yusran يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 18:42:48

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2015-1-21 18:39 static/image/common/back.gif
يۈرەك تىقىلمىسى دېگەن زادى قانداق كېسەل، نېمە دېگەن قو ...

مېنىڭ داداممۇ شۇ كېسەل بىلەن تۈگەپ كەتكەن ئەفىفى.
شۇنچىلىك قورقۇنچلۇق كېسەل ئىكەنكى، يولدا مېڭىپ كېتىۋېتىپ، تاماق يەپ چىقىپ، ماشىنىنى يۇدۇرۇپ توختىتىپ بولۇپ كېتىۋېتىپ كېسەل قوزغىلىپ جايىدىلا قەبزە روھ بولغان.
بۇ كېسەلنى ئاڭلىسام شۇنچىلىك نەپرەتلىنىپ كېتىمەنكى، دوختۇر بولۇپ مۇشۇ كېسەلگە سەۋەب قىلغان بولسامچۇ دەيمەن

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 18:44:36

بەك ئېچىنىشلىقكەن ئىشقىلىپ... بەك تۇيۇقسىزلا...

yiltizim يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 18:46:22


مەرھۇمنىڭ (مەرھۇم دېيىشكىمۇ تىلىم بارمايۋاتىدۇ) « سېپىل ۋە سېپىل مەنتىقىسى»دەپ بىر ئەسىرى بولىدىغان، ماڭا بەك تەسىر قىلغان. مۇشۇ سان ژۇرنالدا دەپ قولۇمغا ئالسام، بۇ ساندا ئەمەسكەن...
نېمە دەيلى، ئىشقىلىپ بىرسى كېلىپ ئىچىمدىن بىر نەرسىنى يۇلۇۋالدى، قاتتىق چۆچۈدۈم، ئوڭۇممۇ چۈشۈممۇ دېگەندەك ئەلەڭ-سەلەڭ بولۇپ قالدىم، روھىم چىقىپ كەتتى...
ئېي بۇرادەرلەر، ئەزىزلەر! قەدىردانلار! بۇنىڭغا سەبر قىلىش تەس كەلدى...

Anar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 18:48:59

ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي ! ئائىلىسىدىكىلەرگە سەبىر تىلەيمەن…
تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىمدىغۇ دەيمەن «شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلىدىن بۇ ئاكىمىزنىڭ بىر ماقالىسىنى ئوقۇغان،قىسقا ئەمما مول مەزمۇنلۇق بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ ئاپتورىغا بەكمۇ ھۆرمىتىم قوزغالغانىدى،ئۇنى باشقا تەنھەرىكەتچىلەرگە ئوخشىمايدىغان بىلىملىك كىشى دەپ بىلەتتىم،
بولسا مەرھۇمنىڭ باشقا ئەسەرلىرىنى يوللاپ قويساڭلار ئوزۇق ئالساق…

yehya1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 18:49:50

بۇ ئالەم مۇشۇنچىلىك ئالەم.ھەممىمىز كېتىمىز پەقەت ئىلگىرى كېيىنلىكنىڭ ئىشى.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 18:54:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   radiofan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-21 18:56  

مەن گۇللۇكتىكى ئاكىللىس دېگەن توردىشىمىزنى بىلەتتىم .... ئەمما بوكسىيۇرچى ئابدۇراھمان دەپ ئويلىماپتىمەن....
ئائىلىسىگە سەۋىر تىلەيمەن.  ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي....
بۇ يىلدا مەن  بىلىدىغان تورداشلاردىن  ئاكىللىس، يوليارلار  ئاللاھقا قايىتتى ...
ھەممىمىز بۇ دۇنياغا ئۆتكۇنچى مىھمان .....

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 19:07:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aypalta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-21 19:17  

  سېپىل ۋە سېپىل مەنتىقىسى

ئابدۇراخمان ئابلىكىم

- كىتاب ئوقۇش تەسىراتىمدىن تامچە: ئەنئەنە ۋە ئېتىقاد ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
  
-" ئادەمدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلۇر"
- ئۇيغۇر خەلق ماقالى

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىز ياۋايىلارچە ، ھەرخىل خېيىمخەتەر ئىچىدە ، ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەي نادانلىقتا ياشاۋاتقان چېغىمىزدا بىر ئۇلۇغ ئادەم ھاياتلىق ماكانىمىز ۋە تىنچ- ئامانلىقىمىز ئۈچۈن بىزگە ئەڭ مۇستەھكەم سېپىل سېلىپ بەرگەنىكەن . سېپىلنىڭ ئۈچ تەرىپى ئىنتايىن خەتەرلىك دەريالار بىلەن قورشالغان بولۇپ، بۇ ھەيۋەتلىك سېپىل دەريالاردىكى زەھەرلىك دۇتنىڭ بىزنى زەھەرلەپ قويۇشىدىن، كەلكۈن كەلگەندە بولسا دەريالار تېشىپ بىزنى غەرق قىلىۋېتىشىدىن ساقلاش ئۈچۈن سوقۇلغانىكەن.
ئۇلۇغ ئادەم بىزنى مەڭگۈ سېپىلنى قوغداشقا، سېپىلدىن چىقماسلىققا دەۋەت قىپتۇ. شۇنداق قىلغاندىلا ئەلدە تىنچ- ئەمىنلىك ۋە بەرىكەت بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇلۇغ ئادەمنىڭ دېيىشىچە، بۇ سېپىل ئىنتايىن مۇستەھكەم ۋە بىخەتەر بولۇپ، بىز ئىزدەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سېپىلنىڭ ئىچىدە بار ئىكەن. ئۇزاتى مۇبارەك يەنە بۇ سېپىلنىڭ دۈشمىنى سېپىلنى يالاپ ئاقىدىغان ئەشۇ خەتەرلىك دەريالاردۇر، دەپتۇ ۋە يەنە سېپىلنىڭ دەريا يالاپ-چېقىپ ئاقىدىغان يەرلىرىنى قانداق پۇختىلاش چارىلىرىنى ئۈگىتىپ قويۇپبىز بىلەن خوشلىشىپتۇ.
شۇندىن باشلاپ بىز بۇ سېپىل ئىچىدە بىخەتەر- خاتىرجەم، ئىناق، بەخىتلىك ياشاپتۇق.ئۇلۇغ ئادەمنىڭ نەسىھىتى بويىچە سېپىلنى مەزمۇتلاشنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋام قىپتۇق. بىزدىكى بۇ بەخىتلىك ھايات تالاي يىللار داۋاملىشىپتۇ. كېيىنچە، بارا- بارا سېپىل سىرتىدا يەنە باشقا شەھەرلەرمۇ قۇرۇلۇشقا باشلاپتۇ. زامان ئۆزگىرىپتۇ. سېپىلدىكى بەزى ئادەملەر سېپىل سىرتىدىكى شەھەر كىشىلىرىنىڭ باشقىچە بىر خىل ئەركىن تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى، ئۇلار سېپىلنى قورشاپ تۇرغان دەريالاردا ئەر-ئايال دېمەي ئۈزۈپ
ئويۇن- تاماشا، ئىشقىۋازلىق قىلىشىدىغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇلۇغ كىشى: بۇ دەريالارنىڭ سۈيى بەكمۇ خەتەرلىك، ئۇلاردا ئېقىۋاتقىنى سۇ ئەمەس ئەيىش- ئىشرەتتىن ئاققان قان- يىرىڭدۇر، دەپ نەسىھەت قىلغانىكەن.
ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقان تىنچ- ئەمىنلىك بۇ نادانلارنى بىخۇدلاشتۇرغاچقا ئۇلار كەلگۈسى خىيىمخەتەرنى ئۇنتۇپتۇ؛ غەپلەت پەردىسى كۆزلەرنى توسۇۋېلىپ دەريادىكى قان- يىرىڭنى سۈزۈك سۇ قىلىپ كۆرسىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىرلەپ- ئىككىلەپ سېپىلدىن چۈشۈپ دەريادا چۈمۈلۈپتۇ. ئۇلاردەريا سۈيىدە ئۆزلىرىنى تولىمۇ ئەركىن- ھوزۇرلۇق سېزىشىپتۇ. يىللار- قەرنەلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ نادانلارنىڭ سانىمۇ كۆپىيىپتۇ. ئەجداتلار نەسىھىتىنى ئۇنتۇشقا باشلاپتۇ. سېپىلدىن چۈشكەن ئادەملەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇلار چۈشكەن جاي شورا بوپتۇ. بۇ نادانلار شورىنى ئېتىشنىڭ ئورنىغا تالاغاچىقىشىمىزغا ئەمدى ئاسان بولدى، دەپ خۇش بوپتۇ. ئاخىرى بىر كۈنى سېپىلنىڭ بىر تەرىپى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ. دەريا سۈيى شەھەرگە بېسىپ كىرىپتۇ. كىشىلەر ئەمدى دەريالارنىڭ ئۆز ئىشىكلىرى ئالدىدا ئاققىنىدىن شادلىنىپتۇ. گەرچە بەزىلەر دەريا سۈيىدە ئېقىپ كېتىپ تۇرسىمۇ ھېچكىم ئىبرەت ئالماپتۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ دەريا ئۇلارغا قورقۇنچلۇق تۇيۇلمايدىغان بوپتۇ. دەريادىن چىققان زەھەرلىك دۇت ئۇلارنىڭ ئەقلىنى كېسىپتۇ. شۇنداق قىلىپ تولا كىشىنىڭ دەرياغا بولغان كۆز قارىشى ئۆزگىرىپ سېپىلنىڭ ئەھمىيىتىنى ئۇنتۇپتۇ؛ سېپىلنى پۇختىلاش ئىشى تاشلىنىپ قاپتۇ. گەرچە بەزى ئەقلى ئويغاق، ئىمانى كامىل كىشىلەر سېپىلنىڭ ئەھمىيىتىنى ئەستىن چىقارمىغان، سېپىلنى مۇستەھكەملەشنى داۋام قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ھەممە ئادەم بىللە قىلمىغاچقا ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىغاننى ئاز دەپ ئۆز قېــرىنداشلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچراپتۇ. يەنە تالاي يىللار ئۆتۈپ سېپىلنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى بۆلىكىمۇ
ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ. ئەقىل- ھوشى جايىدا كىشىلەر قايغۇرغان بولسىمۇ ئامالسىز قاپتۇ. شۇنداق قىلىپ كىشىلەر سېپىلنىڭ يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى تۇيمايلا قاپتۇ. سېپىلنىڭ يوقاپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئادەملەردىن ئىنساب، دىيانەت، شەرم- ھايا، يۇرتتىن بەرىكەت كۆتۈرۈلۈپ، نىزا-ئاداۋەت، جەڭگى-جېدەل،ئوغرى-يالغان، زىنايى- ھارام، بەڭگىلىك باش كۆتۈرۈپ، يوقۇملۇق كېسەل، ئاغرىق- سىلاق ئاۋۇپ كېتىپتۇ. روھى ساغلام، تەندۇرۇست ئادەملەر ئاز قاپتۇ. دەريادىن كۆتۈرۈلگەن زەھەرلىك دۇت ئادەملەرنى سېھىرلەپ، دىللىرىنى كور قىلىپ، ئوڭنى تەتۈر، رۇستنى قىڭغىر كۆرۈدىغان قىلىپ قويۇپتۇ. لېكىن تالاي كىشىلەر بۇ ئاپەتلەرنىڭ سىرىنى بىلەلمەپتۇ. بىلگەنلەرنىڭ گېپىگە ئەتراپتىكىلەر ئىشەنمەپتۇ.
  كېيىن سېپىلنىڭ بىر بۈرجىكىلا قاپتۇ. شۇ بۈرجەككە قاراپ نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا ئۆزىنى سېپىلدىكى ئادەملەر دەيدىكەن. لېكىن بۇ كىشىلەرنىڭ سېپىل سىرتىدىكى ئادەملەردىن قىلچە پەرقى يوق ئىكەن.بىز ھەممىمىز ئۆزىمىزنى سېپىل ئىچىدىكى ئادەملەر دەيمىز. لېكىن قېنى بۇ سېپىلىمىز؟ پەقەت ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان سېپىل پارچىسى بىلەنلا ئۆزىمىزنى سېپىل ئادەملىرى دىيەلەمدۇق؟
ھازىر ئالدىمىزدا ئىككى يول تۇرۇپتۇ. بىرى، ئەسلى تەبىئىتىمىزدىن ياتلاشقان، ساختىلىق، ئەقىدە- ئېــتىقادسىزلىق، رىياكارلىقتىن بۇلغانغان ۋۇجۇدىمىزنى پاكلاپ ئۆزىمىزنى ھەقىقىي تونۇش؛ يەنە بىرى، گۇمراھلىق يولىغا مېڭىپ ئاخىرى بىر كۈنى دەرياغا غەرق بولۇش. ياكى بولمىسا ئىككى پۇتىمىز گۆرگە ساڭگىلىغاندا ئاندىن دەريانىڭ ماھىيىتىگە يېتىپ، سېپىلىمىزگە سېغىنىش.
دەريا بىزگە قاراپ ئېتىلماقتا. نادان كىشىلەر دەريادا ئېقىۋاتقىنى ھاياتلىق سۈيى دەپ قارىماقتا. سېــپىلنىڭ ئاخىرقى بۈرجىكى ئۆرۈلۈپ تۈگىمەكتە… ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر سېپىل سوقۇش بىلەن ئاۋارە. لېكىن ئۇلار دەريا دولقۇنى ئالدىدا ھالسىز ۋە ئاجىز…

2000- يىل سىنتەبر، سدنېي.
(بۇ يازما بوكس چېمپيونىمىزنىڭ تۇنجى ئەسىرى)

nasin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 19:08:25

گەرچە بىرەر قېتىم يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساقمۇ، مەن مەرھۇمنى يېقىن دوستۇمدەك كۆرەتتىم. ھازىرمۇ شۇ قەدەر كۆڭلۈم يېرىم.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 19:09:09

ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن. ئاللا ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن.
ئەجەب ياش كېتىپتا. بەك كۆڭلۈم يېرىم بولدى.
گۈللۈگ تور بېتىدە كىنولارنى تەھلىل قىلىپ يازمىلىرىنى كۆرۈپ بەك قايىل بولغانتىم .
7-8 يىلنىڭ ئالدىدا بوكس كوماندىسىنىڭ دوختۇرى بىلەن پاراڭلىشىپ قېلىپ، مېنىڭ قان پىلاستىنكام بەك تۆۋەن يوقنىڭ ئورنىدا، بىر يەر قاناپ كەتسە توختىمايدىكەن دېسەم، بىزنىڭ ئابدۇراخماننىڭ سېنىڭ دەل ئەكسىچە بەك يۇقىرى، ئامال قىلىپ تۇرمىسا قېنى بىردەمدىلا ئۇيۇشۇپ كېتىدۇ دېگەندەك قىلغان. شۇ ئاغرىقتىن خالاس بولامماپتىكەندە.
بەت: 1 [2] 3 4 5 6 7
: خوش ئابدۇراھمان...