www
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 15:32:43
makansiz
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 05:08:18
www يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 15:32 static/image/common/back.gif
كىشلەر ئۆزى بىلمەيدىغان ئىشلار توغرىسىدا مەيلى ياخشى ...
مەرھۇمنىڭ روھى قانچە قورۇنغاندۇ دەيمەن. شۇنچە مەرت، ئېسىل، غۇرۇرلۇق ياشاپ ئۆتكەن كىشىنى ھەي......
كاللىسى ئىشلىمەيدىغان نومۇسسىز روھى كېسەللەر!
ERKIZADE
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 16:36:55
دوستلار، مەرھۇمغا مۇناشىۋەتلىك سىن ۋە رەسىملىك ماتېرىياللار بولسا مۇنبەرگە يوللاپ قويغان بولساڭلار، ھەممىمىز تەڭ بەھرىلەنگەن بولساق، مەسىلەن، ئۇنىڭ بۇرۇن مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان ۋاقىتتىكى ۋىدېيو فىلىملىرى ۋە ياكى رەسىملىرى دېگەندەك. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ ئىككى قىزىنى بەك كۆرۈپ باققۇم بار.
Hechkim
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 17:12:44
تاۋۇت
(نەجىب فازىل كېساكۈرەك)
تاختايدىن ياسالغان بىر ئۇزۇن ساندۇق،
باش تەرىپى كەڭرى، ئاياقلىرى تار.
ياسىغان ئۇستاممۇ بىلەر بۇ قۇرۇق-
ساندۇقتا ئەتىلا ئۇ ئۆزى ياتار.
تۆت تېمى تاردىن تار كىچىك بىر ئۆيدەك،
تاملار قىستاڭچىلىق، ئۆگزىسى بەك پەس.
خۇددى بىر تاش بوۋاق ئۇخلاپ ياتقاندەك
خىيالىم ساندۇقتا ئالماقتا نەپەس.
ئاجىز ۋۇجۇدۇمغا نەق كۆرۈنسىمۇ
كۆڭلۈم دەر، بۇ تارغا سىغالمايمەن ھېچ.
كەينىدە قالغانلار ھەر يان قاچسىمۇ،
ئىنسان بىردىن بىردىن كىرىپ ياتار تىنچ.
ئۆلگەنلەر قايتىدىن تىرىلەرمىش، ھە؟
بۇ تاۋۇت ئەمەس، ياغاچ بۆشۈك، باق.
بۇ ئېغىر ھەدىيە كىمگە بارار ھە؟
مىخلىنار مىخلانماس ئۈستىگە قاپقاق؟
tumaq
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 19:45:46
ئاللاھ بۇ قېرىندىشىمىزغا قەبرىدە رەھىم قىلسۇن، قىيامەت كۈنىدە رەھىم قىلسۇن، ئۇنى قەبرە ئازابىدىن، دەۋزەخ ئازابىدىن ساقلىسۇن، ئۇنىڭ بىلىپ بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلسۇن، ئۇنىڭ ئىمانىنى قوبۇل قىلسۇن ۋە جەننىتىگە كىرگۈزسۇن!
ھايات دىندىن خالىي ياشىغۇدەك ئۇزۇن ئەمەس!
Life is too short to be secular!
ilioghli
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 19:40:49
رەھمەتلىك ئابدۇراھمان ئاكامنىڭ ‹سېپىل ۋە سېپىل مەنتىقىسى› دېگەن ماقالىسى مېنى بەك تەسىرلەندۈرگەن ۋە ھەيران قالدۇرغانىدى. 2009-يىلى قىشنىڭ ئاخىرى، ئەتىياز ۋە يازنىڭ گۈزەل كۈنلىرىدە بۇ ماقالىسىنى ئوقۇغانىدىم.
تەسىرلەنگەن يېرىم، بىر كەسپىي تەنھەرىكەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىمان-ئېتىقادىمىز ھەققىدە مۇنچىلىك چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ئىنتايىن مەنىلىك بىر ئەسىرىنى بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگىنى.
ھەيران قالغىنىم، بىر تەنھەرىكەتچى تۇرۇپ مۇنچىلىك بىر ئەسەرنى قۇرۇلما، مۇلاھىزە ۋە تىل ئىشلىتىش جەھەتتىن بۇنچىلىك راۋانلىقى...
مېھرىبانىم گۈزەل سىيمالىرى بىلەن كۈتىۋالغاي ئاكىمىزنى.
koygandengiz
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 20:37:01
مەن مۇشۇنداق بىر كىشىنىڭ بىر يىللاردا ئاسىيا بوكس چىمپىيونى بولغانلىقىدىن ئىبارەت خاتىرەمدىكى غۇۋا خاتىرىدىن باشقا ھېچنىمىنى بىلمەيدىكەنمەن . ئەمما ئۇنىڭ مۇسۇبەت خەۋىرى ، ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ يېزىلغان ماقالىنى ئوقۇپ نەچچە مىليون ئۇيغۇر قاتارىدا چەكسىز ئازاپلاندىم ، ئۆزۈم بىلمەيدىغان بۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن كۆز ياشلىرىم ئىختىيارسىز تۆكۈلدىكى ، ئىزدىنىشتىكى يۇقۇرىدىكى ئىنكاسلارنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى ھىسسىياتىمنى تېخىمۇ تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن .....ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ئېچىنىپ قەلەم تەۋرەتكەن ھەر بىر قولنى ئىگىسى مەرھەمەتسىز قويماس .....
taychaq
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 21:44:35
yusran يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 18:33 static/image/common/back.gif
ئايالى بالىسىنى خوتەنگە ئاپىرىپ قويۇپ، غۇلجىدا بىر كۈ ...
مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن!
غۇلجىغا، بىر ئاغىنىسىنىڭ ئاپىسىنىڭ، ئۆلۈم پەتىسىگە كەلگەندەك ئىسىمدە.
Comeon
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 22:13:38
يۇسراننىڭ شېئىرى يىغلىتىۋەتتىغۇ ...
مەرھۇمنىڭ ئاككېلىس ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىكەنمەنتۇق...گۈللۈگدە يازمىلىرىنى كۆرۈپ 200% قايىل بولغان ئىدىم مۇنداقمۇ ئېسىل پىكىرلىك ئادەملەر باركەن دەپ ... رەھمەتلىك ئەلەمدىمۇ،قەلەمدىمۇ يېتىشكەن خۇدايىم بىزگە بەرگەنلا بىر ئىنسانكەنتۇق ... ... ... ... ... .... ......................................................
bass
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 22:15:23
ياراتقۇچى مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى فىردەۋىستە قىلسۇن!
paranghumar117
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 22:19:23
بىز ھازىر پەقەت ئۆزىمىزنى كەچۇرۋىتەلىسەقلا ئۇنىڭغا ھەقىقى يۈزكېلەلەيمىز!!!!
putaki
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 13:24:48
dilara يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 01:18 static/image/common/back.gif
ئىننە لىللاھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن! (ئەلۋەتتە ئا ...
مۇشۇ كەمدە يۈرىكى ساق يۈرگەن ئادەملەرگە ھەيران قالىمەن دىسە ، توۋۋا
begir
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 13:30:32
1529993513
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 15:20:04
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن .
paranghumar117
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 22:18:09
begir يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 13:30 static/image/common/back.gif
**** يازغۇچى چەكلەنگەن ياكى ئۆچۈرۈلگەن، مەزمۇن ئاپتومات ...
بەگىرنىڭ خسلىتىنى بەك بىلگۈم بار ، بۈگۈن قامالسا ئەتىسىلا چىقۋالدىكەن!مەن بىر قامىلىپ توپتوغرا 30كۈندە چىققان!