karwan38 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 15:06:07

باللار بىردەم جىننىڭ گىپىنى قىلىشمامدۇق؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karwan38 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-24 15:10  

تىخى ئۆلەنمىگەن ۋاقلىرىم ئىدى،زىرىكىش ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇرت كۆرۈش مەقسىتىدە دىيارىمىزدىكى يەكەن ناھىسىگە باردىم،نىمىشقا دەمسىلەر؟ چۈنكى يەكەندە بىزنىڭ ئۇرۇق تۇققانلار بار ئىدى.يەكەنگە تۇنجى كىلىشىم بولغاچقىمىكىن ئۆزەم شۇنچىلىك خوش ئىدىم، ھەي بۇ خوشاللىغىممۇ نەچچە كۈنگە بارمىدى.ئالدىن خەۋەر قىلىپ قويغاچقا بىرنەۋرە ئىنىم شۆھرەت ئىشەك ھارۋىسى بىلەن ئالدىمغا كىرىپتۇ.ئۇ مەندىن ئارانلا 3 ياش كىچىك ئىدى.نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ ئۆيگە يۇرتتىن تۇققانلار كەلگەندە شۆھرەتمۇ ئۇلار بىلەن بىللە كەلگەن بىز شۇ چاغدا تۇنۇشقان ئىدۇق. نەچچە ئاي بىللە ئويناپ يۈرۈپ مۇناسىۋىتىمىز ئالاھىدە يىقىن بۇلۇپ كەتكەن ئىدى.بىز قۇچاقلىشىپ كونا قەدىناسلادەكلا خوش بۇلۇپ كەتتۇق.ئىشەك ھارۋىسىغا تۇنجى قىتىم ئولتۇرشۇم،توپا يولدا كىتىۋاتىمىز،ئىشەنمەسلىگىڭلار مۇمكىن ئەتىراپتا نە ئادەم نە ھايۋان ھىچنىمە يوق.كەينىمىزدە قالغان بىر نەچچە مەھەللىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئالدىمىز تۈپتۈز كەتكەن ساي،مەن بۇنداق مەنزىرنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغاچقا باشقىچە خوشال شۇنداق مىڭىپ 2 سائەتلەردىن كىيىن يىراقتىن شۇنداق چىرايلىق بىر بوستانلىق كۆرۇندى.شۆھرەت ماڭا قارا ئاكا كەلدۇق ،ھارۋىنى ئەككىرۋىتىپ ئۇدۇل ئۆستەڭگە بارامدۇق دىدى.ئۇ ماڭا يولدا كەلگىچە مەھەللىدىكى ئۆستەڭنىڭ دادىسى تىرىغان تاۋۇزلىقنىڭ يانا قايسى زاماندىن قاپ قالغىننى بىلگىلى بولمايدىغان قەدىمقى بىر خارابىلىقنىڭ ئەيتاۋۇر شۇنىڭغا ئوخشاش بىر يۈرۈش يەرلەرنىڭ  گىپىنى توختىماي سۆزلەپ  مىنى راستىنلا بەك قىزىقتۇرۇپ قويغان ئىدى،ئوينايدىغان ئۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىسام مەنمۇ ئۆزەمنى تۇتالماي قالاتتىم.مەيلى ئۆستەڭگە بارايلى دىدىم مەنمۇ،راس گەپنى دىسەم مەن ئازراق ئەنسىرەۋاتىمەن،مەن ئەزەلدىن ئۆستەڭدە سۇغا چۈمۈلۈپ باقمىغان سۇدا ئىقىپ كىتەمەنمۇ ۋە ياكى باشقا بىرەر ئىش بوپ قالارمۇ، ئۆيگە كەلدۇق ئاكا شۆھرەت خىيالىمنى بۇزىۋەتتى،پاھ نىمدىگەن چىرايلىق مەنزىرە ھەيران قالدىم.قايسى بىر كىتاپتا سەھرا جەننەتنىڭ ئۆزى دەپ يىزىپتىكەن راس ئىشەندىم،مەن سەھراغا كەپ باقمىغاچقا شۇنداق بىلىندىمۇ؟ ئەيتاۋۇر ماڭا شۇنداق بىلىندى،نىمانچە چوڭ ھويلا بۇ بىزنىڭ بۇ يەرلەدە نەدىمۇ ئۇنداق چوڭ ھويلىلار بولسۇن ،ھەممە تۇققانلار بىلەن بىر قۇر تۇنۇشۇپ چىقتىم،چوڭ كىچىك تۇققانلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئالاھىدە مۇئامىلە قىغانلىقتىنمىكىن شۇنچە تىزلا ئۇلار بىلەن چىقىشىپ كەتتىم ،تاماقتىن كىيىن ھاممامنىڭ شۇنچە، ھىرىپ كەتتىڭ ئارام ئال دىگىنىگە ئۇنىماي شۆھرەت  مەھەللىدىكى چوڭ كىچىك بۇلۇپ ئوننەچچىمىز  ئۆستەڭگە چاپتۇق.ئۆستەڭنىڭ بۇيغا كەلگەندە ئەنسىرشىمنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى بىلدىم،بۇ ئۆستەڭنى مىشا دەيدىكەن ئىككى قىرغىقى سۆگەت سۇنىڭ ئاستى قۇم سۇ شۇنچىلىك ئاستا ئاقىدىكەن،بۇ مەنزىرنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەن بولساڭلار ئۆزەڭلارنى تۇتالماي سۇغا ئاتاتتىڭلار،پاھ سۇنىڭ گىرادوسىنى تەڭشەپ قويغاندەكلا ھىلمان كەچ كىرگىچە ئويناپتۇق،قوساق ئازىراق كوكىرغىلى تۇردى ئامالسىز قايتۇق،كەچلىك تاماقنى يەپ پۇت قولىمىزغا ئازىراق جان كىردى.شوھرەت تاۋۇزلۇقتا ياتامدۇق ئاكا دەپ سورىدى، تاۋۇزلۇقتا شۇنداق تاۋۇزلۇقتا داداممۇ باريەنە دادامغا جىننىڭ ھىكايىسىنى ئىيتقۇزۇپ ئاڭلايمىز بەك پەيزى بۇلىدۇ قانداق  ياتامدۇق دەپ سورىدى،مەندىغۇ چاتاق يوق شۇ تاغاملا ئۇنماسمىكىن ئۇنايدۇ ئەنسىرمە دەپلا دادىسىىدىن يەنى تاغامدىن ئۈتۈنگىلى تۇردى مەنمۇ ئۈتۈنۈپ تۇرۋالدىم تاغام ئامالسىز ماقۇل بولدى،ئەمىليەتتە بۇ تاۋۇزلۇق بەكمۇ چوڭ ئەمەس ھويلىنىڭ كەينى تەرەپتىكى بىر پارچە بوش يەرگە تىرىپتۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھويلىنىڭ كەينە ئىشىكىدىن چىقسىلا شۇ تاۋۇزلۇققا چىققىلى بۇلدىكەن.تاۋۇزلۇقنىڭ ئوتتۇرىغا تۆت ئادەم پاتقىدەك قىلىپ ياساپ قويغان كارۋات بۇلۇپ ئانچە قىستىلىپ كەتمىدۇق،بىر كۈنى دەپ ھىكايىسىنى باشلىدى تاغام،مۇشۇ كارۋاتتا ئۆزەم يالغۇز ياتقان پاشا چاقمىسۇن دەپ ساماندا ئىس چىقىپ تۇرسۇن دەپ ئىس ساپقويغان بىر چاغدا كۆزۈم ئۇيقىغا كىتىپتۇ،بىرسىنىڭ كۈلگەن ئاۋازىدىن ئويغۇنۇپ كەتتىم بىشىمنى كۆتىرىپ قارىسام دادۈيدە ئاياللار خىزمىتىنى قىلدىغان ئىككى ئايال ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ،دەرھال تۇرۇپ سالاملاشتىم ئۇلار تاۋۇزلىرى بەك ئوخشاپتۇ تاۋۇز يىگىلى كەلدۇق دەيدۇ،ياخشى بوپتۇ مەن تاۋۇز تىلاي دەپ تازا پىشقان تاۋۇزدىن بىرنى ئۈزدۇم ئۇ ئاياللار كارۋاتقا كىلىپ ئولتۇردى ئەمدى تىلاي دەپ پىچاقنى قۇلۇمغا ئىلىشىمغا باياتتىن ئىس چىقىپ تۇرسۇن دەپ ساپ قويغان سامان شۇنداقلا بىر ئوت ئالدى ھىلىقى ئاياللار وايجان دەپلا بىر ئوتقا ئايلىنىپ يوقاپ كەتتى،شۇنداق قوقاپ كەتتىم شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە قىچىپ كىرۋالدىم دەپ ھىكايىسىنى تۈگەتتى تاغام.راسما دەپ سورىدىم قايتىلاپ ھەئە شۇنداق راس بىلدىغان ئايىتىڭلارنى ئوقۇپ يىتىڭلار جۇمۇ كىچىچە دىدى تاغام. ئىچىمگە بىر قورقۇنۇش كىرۋالدى،پەقەت ئۇيقۇم كىلدىغاندەك ئەمەس ،ئىچىمگە ھەر خىل قورقۇنۇشلۇق خىياللار كىرۋالدى شۇنداق خىياللار بىلەن سائەتكە قارىسام بىر بۇلاي دەپتۇ،تۇيۇقسىز بىزگە ئانچە يىراق بولمىغان يەردىن بىر بۇۋاق بالنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى،يۇرۇگۈم قارت قىلىپ قالدى خۇددى ئاغزىمغا قاپلىشىپ قالغاندەك جىم يىتىپ ئاڭلىدىم راسلا بۇۋاق بالنىڭ يىغلىغان ئاۋازى پۈتۇن بەدىنىم سۇ بوپ كەتتى،ئاستا شۆھرەتنى ئوغاتتىم نىم بولدۇڭ ئاكا،،، جىم تۇرۇپ ئاڭلا دىدىم ئۇنىڭغا ئۇمۇ ئاڭلاپ قوققاندەك يوتقاننىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى.ئۇنىڭ بۇ غەلىتە ھەركىتىنى كۆرۈپ ماڭا تىخىمۇ تىتىرەك ئولىشىپ كەتتى.ئارلىقتا تاغام ئويغاندى ئۇمۇ بوۋاقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ گەپ سۆز قىلماڭلار ئايەت ئوقۇپ جىم يىتىڭلار قالغان گەپنى ئەتە دىيشەيلى دىدى.راس گەپنى دىسەم ئۇ كۈنى كىچىچە مەن پەقەت ئۇخلىيالمىدىم.نەس باسقان تاۋۇزلۇقتا ياتقىنىمغا مىڭ پۇشايمان قىلدىم،خۇداغا شۈكرى تاڭمۇ ئاتتى،ئاخرى بار ،

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 16:13:43

ئاخىرىچۇ ؟

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 16:41:38

تېمىلارغا سەل بى چەك قويساق بولىتى.  ئىزدىنىش؟...

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 17:18:45

ئىزدىنىش بەك ئالدىراش،قارىغۇدەك ۋاقتى  يوق  ئوخشايدا ....................

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 17:37:55

تۈن بالىسى ئاۋۇ يىغلىغىنى

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 17:40:24

تۈن بالىسى دىگىنى جان كىرىپ بولغان ھامىلە چۈشۈپ كەتسە ياكى تۇغۇلۇپلا ئۆلۈپ كەتكەن بوۋاقلارغا ئىسىم قويماي يەرلىككە قويۇۋەتسە تۈن بالىسىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ :funk:

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 17:41:11

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-7-24 16:41 static/image/common/back.gif
تېمىلارغا سەل بى چەك قويساق بولىتى.  ئىزدىنىش؟...

ھازىر تىرىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كەتتىمۇ ، تۇنۈگۈن بىر قوي سويغان ئۆيدە 13 كىلو گۆش چىقتى ، تىرىسىنى 25 كويغا ئالدى .

  لىكىن مۇشۇنداق تىمىلارمۇ خىلى قىزىقارلىق .

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 17:47:58

ئا.......  مۈشۈكنىڭ ئاۋازى ئۇ  بەزى چاغدا ئاشۇندا بۇۋاق بالىدەك ئاۋاز چىقىرىدىكەن مىياڭلاپ قالمىسىلا پەرىق ئىتەلمەيدىكەن ئادەم.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 17:48:04

قىنى داۋامى تىزراق بولىلى .

karwan38 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 18:39:00

مەلۇم بولدىكى بۇۋاقنىڭ يىغا ئاۋازى تۇققانلارنىڭ مال سولايدىغان ئىغىلنىڭ كەينى تەرپىدىكى بىر تۈپ جىگدە دەرىخىدىن چىققان ئىكەن،چۈنكى ئۇ دەرەختە جىن باركەن.نىمىشقا دىسىڭىز بىر نەۋرە سىڭلىم بىر كۈنى كەچتە شۇ دەرەخنىڭ تۈۋىگە كىچىك تەرەت قىلىپ قويغاچقا ئاغزى مايماق گەپ قىلالماس بۇلۇپ قاپتىكەن،تاغاملار باشقا مەھەللىدىكى بىر جىنكەش موللامنى تىپىپ كىلىپ نەچچە كۈن ئوقۇتۇپ ئاران ساقايتىپتىكەن.شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ دەرەخبىڭ ئالدىغا ئىغىلدىن بىرنى سىلىپ دەرەخنى شۇ ئۆينىڭ كەينىگە ئادەم ئۆتەلمەيدىغان قىلىپ توسۇپ قۇيۇپتىكەن،شۇندىن باشلاپ ھەر سەيشەنبە وە چاشەنبە كۈنى شۇنداق بۇۋاقنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلىندىكەن.مەن پەقەت شۇنىڭغا توغرا كەپقاپتىمەن خالاس،بىز پەقەت ئۇ دەرەخنىڭ يىنىغا بارمىساقلا ھىچ ئىش بولمايدىكەن.شۇنداق قىلىپ قورقۇنۇشمۇ سەل بىسىقىپ قالغاندەك بولدى.بىر كۈنى شۆھرەتكە يولدا كەلگىچە دەپ بەرگەن ھىلىقى خارابىلىققا بىرىپ كىلەيلى دىدىم،ئۇمۇ ماقۇل بولدى بىز پىيادە يولغا چىقتۇق.تۆۋە،،،، يول بۇيدا ماشىندا ئەكىلىپ تۆكۈپ قويغاندەك قۇم دۆۋىسى بەزەن قۇمنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل ياغاچ قۇمۇشلارنى ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل رەڭدىكى رەخلەرنى باغلاپ قۇيۇپتۇ،قارىغان ئادەمگە بىر خىل قورقۇنۇشلۇق تۇيغا بىرەتتى.شۆھرەتنىڭ دىيىشچە بۇ تەرەپكە ئانچە ئادەم كەلمەيدىكەن،نىمىشقا دىسىڭىز بۇ يەردە ئىزىتقۇ بارمىش،ئىزىتقۇ توغورلۇق بۇرۇن مەن ئاڭلىغان ئادەمنى ئىزىقتۇرۇپ ئىلىپ كىتىدىكەن،نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مۇشۇ مەھەللىدىكى بىر ئايال نان ياقماقچى بۇلۇپ ئۆزى تۇنۇر بىشىدا قىزىنى ئۆيدىن نان ئەچىقىشنى بۇيرۇپتۇ،قىزى بىر قىتىم نان ئەچىقىپ بىرىپتۇ،ئاپىسى ساقلقسا چىقمىغان چاقىرىپ بىقىپتۇ،يەنە يوق ئاپىسى ئاچچىقىدا ئۆيگە كىرسە قىزى ئۆيدە يوق شۇ يوقىغانچە نەچچە كۈن يوقاپ كىتىپتۇ،بىرسى قۇرۇپ قالغان توغراق ياغىچى ئەچىقاي دەپ قۇملۇققا كىرىپتىكەن،يىراقتا بىرسىنىڭ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ قوقۇپراق قىشىغا بارسا شۇ نەچچە كۈن ئىلگىرى يوقاپ كەتكەن ھىلىقى قىز ئىكەن.شۇ جايىدا ئولتاغان پىتى ئۈلۈپ قاپتىكەن.ئىنىمنىڭ دىيىشچە بۇ قۇم دۆۋىسى مازارلىق ئىكەن ،شۇنداق پاراڭلار بىلەن مىڭىپ ھىلىقى خارابىلىققا كەپ قاپتۇق.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 18:42:53

ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ مەنغۇ ھازىرغىچە جىندىن قورقىمەن شۇڭا قورقۇنچلىق كىنو كۆرمەيمەن. داۋامىنى كۆرۈپ باقىلى قېنى...

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 18:43:37

ماۋ بولاپ قالغان( كۈيلەپ قالغان) مۈشۈكلەر بوۋاق بالىدەك يىغلايدىكەن دىسە.

ozugh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 18:51:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ozugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-24 18:56  

ياز كۈنلىرىغۇ دەيمەن، يالاڭئاياق، تاقىر باش، كۆينەكنىڭ ئالدى ئوچۇق ياكى كىندىككچە ئىچىۋەتكەن، ئىشتان باغ ئىگىز-پەس ساڭگىلاپ قالغان، ياكى بەشۋارلىق تۆمۈر تاقىسى بار ھەربىيچە كەمەرنى( تاسما) نى باغلاپ يۈرۈيدىغان ئاقسا چاغلىرىمىز 8-10 بالا باغنىڭ كەينىدىكى ئەنجان تاملىقنىڭ كامىرىدىكى بوڭ-بوڭ ھەرىلەرنىڭ ئۇۋىسىنى ئاۋۋال تاياق بىلەن راسا قوچۇپ، نەچچە مېتىر بېرىدىكى قوناقلىققا ئۆزىمىزنى ئاتاتتۇق. ھەرىلەر ئاچچىقلاپ غوڭشىپ، بىزنى ئىزدەيتتى ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن... سەل كۈتۈپ تۇرۇپ ۋەزىيەت جىمىققاندىن كېيىن قوناقلىقتىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، يەنە قوچۇيتتۇق. ھەرىلەر يانا بەك خاپۇلاپ ئىگىز-پەس ئۇچۇپ ئالەمنى-مالەم قىلاتتى ئۆيىگە كىرىپ كەتكىلى ئۇنىماي...شۇنداقلا مەقسىتىمىزنى ئۇقۇپ قالغاندەك پوسنى كۆپەيتىتى... شۇنىڭ بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتەلمەي ئىچىمىز پۇشۇپ، بەزىلىرىمىز قوناقلىقتىن چالما، كۆتۈشەك ... تىرىپ ھاۋا ھۇجۇمى قىلاتتۇق. بەزىلىرىمىز ئېرىقلاردىن لاي ئېلىپ كېلىپ ، كامارغا ئىتىۋىرەتتۇق. قوناقلىققا يېڭى سۇ ئاچقان بولسا تەلەي دېگەن شۇتى.... ئېڭىشىپلا بىرە زۇۋۇلا لاينى ئېلىپلا ئاتاتتۇق. شۇ تەرىقىدە ئېتىۋىرىپ بىر غۇلاچ تامنى ئىككى غۇلاچ قىلىۋىتەتتۇق .... غەلبە مىۋىمىزدىن شادلىنىپ ، كىمنىڭ نەچچە كىلو لاي ئاتقانلىقىنى ، نەچچە پارچە لاينى زايا قىلماي دەل جايىغا تەككۈزگەنلىكىنى، نەچچە تال «دۈشمەن» بىلەن قوشۇپ تامغا چاپلىۋەتكەنلىكىنى تالىشىپ، بەستە-بەستە چۇڭۇلدىشىپ كېتىپ بارساق، بالۇجۈننىڭ يامغۇردەك ئوقلار ئارىسىدىن ئاخىرقى تىنىقلىرى بىلەن ساق چىقىپ، «پاكار»لارنىڭ ئەڭ چوڭىدىن بىرنى تۇيۇقسىز ئىتىۋالىدىغان، چىشلەپ بويۇن تومۇرىنى ئۈزۈۋالىدىغان ۋەتەنپەرۋەر ئەسكىرىدەك ھەرىدىن بىرسى قاياقتىندۇر ئۇچۇپ كېلىپ، ئارىمىزدىكى كالامپايراق بىرەيلەننى جايلايتتى... ئۇ بىچارە گۇناھلىرىغا تۆۋە قىلىپ يىغلاۋاتقان... قالغانلار ئەتراپىدا بىر تەرەپتىن ھەرە چاققان جاينى شوراۋاتقان (ھەممە يەرنى ئەمەس جۇما:lol ) ، لاي چاپلاۋاتقان... بىر تەرەپتىن ئويۇن بولاپ كۈلۈۋاتقان... شۇنداق قىلىپ بىر كۈنلۈك مەھەللىۋى، ئەنئەنىۋى ساپ دوستلۇق، ئاغىنىدارچىلىقنى يۇغۇشتۇرۇپ، توپىلىق يوللاردا شاخ سۆرىگەندەك بىر-بىرىمىزنى قوغلۇشۇپ تاڭ شەپىقىگە ئەگىشىپ ئۆيگە قايتىشاتتۇق...:lol
      نېمىدىگەن گۈزەل مىنۇتلار ھە!:P

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 18:58:22

بۇ ئىنكاسىڭىزنى ئاۋۇ ھەرە توغۇرلۇق تېمىغا يوللىسىڭىز بۇلامتى نىمۇ ن

ozugh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 19:09:15

ئۇ يەرگىمۇ يوللىغان يېزىپ بولۇپ «دېدەك مۇنچاق ئاسسا كىرمىگەن ئۆي قالماپتۇ» دېگەندەك، ھەقاسىلىرىنىڭمۇ ئىچىنى قاينىتاي دەپ قىلىنلىق قىلىپ سالدىم ئۆزرىلەر:lol

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 20:40:12

چىمىگەن ئۆي قالماپتۇ دەپ چىرىۋىرىپ بىرەر ئۆيدە ئەنسىز نالە قىلىدىغان ئىش چىقمىسۇن ، دىققەت قىلايلۇق

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 22:28:07

ئالدىنقى يىلى قىشتا ئۆيگە قايتىمغان ... 7 قەۋەتلىك چوڭ ياتاقتا مەن بىر  ئادەم ... شۇ چاغدا  شۇنداق بىر بوزەك ئەتكەن مۇشۇ مۈشۈك دىگەن گۇي بوۋاق بالدەك يىغلاپ ... بوشراقمۇ يىغلىمايدىكەن يەنە  كىلىپ ... قول چىراقنى ياندۇرۇپ شۇنداق چىقسام  بى بۇلۇڭدا  بىر  قارا  بىر  ئاق مۈشۈك .... بولدى  ئاخىرسىنى دىمەييا  ... داپشاق مۈشۈكلەر  .... :@:@:@:@ ھازىر شۇنداق ئاۋازنى ئاڭلىسام ئىختىيارسىز كۈلۋىتمەن ...ھا ھاھا  ....

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 22:28:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-24 22:45  

رۇسلاننىڭ سېسىق گىپىدىن كىيىن ،  ھەمممە يەگە چىچىۋىرىپ قىچىشپ كەتكەن يەنى يانتاخ تىكەندە بېسىپ ئولتۇغاندەك ھېسياتدا بۇلۋاتمايسىز ھەقچان .... سىزگە دىمىدىم جۇما  ...


چاقچاق ھە   

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 23:29:36

ئاھ خۇدايىم ozughنەچچە كۈندە ھۇشىغا كىلەر ئەمدى:lol

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-25 00:56:35

ئاشۇ باشلىق جىندىن بىرنى تۇتىۋالغان بولسام، دۇنيادىكى بارلىق جىنلارنى يىغىپ ئۇيغۇر قېرىنداشلېرىمىزنىڭ كاللىسىغا نەچچە يۈز خىل لوغەت، ھەر-قايسى پەنلەردىكى بارلىق بىلىملەرنى بارماق دېسكىغا قاچىلىغاندەك قاچىلاتقۇزىۋلاتتىم، ئاندىن ياۋرۇپا بىلەن ئاسىيانى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئۆزەممۇ دۆلەتكە باش باقان بۇلىۋالاتتىم، ئۇ چاغدا ياپونىيە بىلەن ئامىركىنى خۇپيانە بىرە قىتىم دۆلىتىمىز تەرەپكە قاراپ سىيىشكىمۇ پىتىنالمايدىغان قىلىۋىتىمىز-دە...
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9
: باللار بىردەم جىننىڭ گىپىنى قىلىشمامدۇق؟