yoloqi00 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 10:46:57

ھە، دەڭە

yoloqi00 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 10:48:20

قاچان دەيسىز ساقلاپ قالدۇق.كارۋان ھىكايىنىڭ ئاخىرى قاچان چىقىدۇ.

alwun12 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 15:42:46

تەقەزا قىلماي ئاخىرنى دەپ بەرسىڭىزچۇ؟؟؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 20:32:01

مەنمۇ بىرنى دەپ بىرەي ، ئۇنىڭغا چوڭ ئانامنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئىرى ئۇچرىغان ۋەقە ئىكەنتۇق

justone يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 23:01:10

ھەممىڭلار دەپ بېرەيما دەپ قويۇپ يوققۇ ؟ جىنغا ئۇچراپ قالمىغانسىلەر :lol

karwan38 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 00:24:46

نىمە ئۈچۈن ئادەم كەچتە ئۆلسە مىيىتنى باقىدۇ،دەپ گەپ باشلىدى،تاغام بىر كۈنى كەچتە، يەنى بىر نەۋرە ئىنىمنىڭ دادىسى شۇنىڭ بىلەن ھەممىمىز ئەتراپىغا ئولاشتۇق،بىر دەۋىرلەردە بىر جۈپ ياشانغان ئەر خوتۇنلار بۇلۇپ تۇرمۇشى قەدىر ئەھۋالكەن،بىر كۈنى كەچتە ئايالى تۇيۇقسىز ئۇ ئالەمگە سەپەر قىپتۇ.يولدىشى نىمە قىلارىنى بۈلەلمەي خوشنىلارغا خەۋەر قىلاي دىسە ئۇ چاغدا ئۆيلەر بەك يىراق سىلىنغاشقا ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچ بوپكەتكەچكە ئامالسىز باشقىلارغا خەۋەر قىلالماي قاپتۇ.تاڭ ئاتسۇن ئاندىن خەۋەر قىلاي دەپ ئويلاپ ئايالىنى سۇپىغا ياتقۇزۇپ ئۆزى ئىشىك يىنىدا ئوت قالاپ ئولتۇرۇپتۇ، تۈن نىسپى بولغاندا بوۋاينى ئۇيقۇ بىسىپتۇ،ھەم قالىغان ئوتمۇ ئۆچەي دەپ قاپتۇ،بوۋاي شۇ ئارقىقتا ئايالىغا قارىسىا ئايالى ئولتۇرۇقلۇق ھالەتتە ئۆزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغانمىش بوۋاي قوقاپ كىتىپ ئۆچەي دەپ قالغان ئوتقا ئوتۇن ساپتىكەن ئوت تۇتۇشۇپتۇ شۇنىڭ بىلەن ئايالى ئاستا يىتىپتۇ،بۇ ئىش بىر قانچە قىتىم تەكرارلىنىپتۇ،ئوت ئۆچەي دىسىلا ئايالى ئاستا قوپۇپ بوۋايغا قاراپ ئولتۇردىكەن،ئوتقا ئوتۇن سىلىپ ئوتنى كۈچلەندۈرسە ئاستا ياتىدىكەن ،بوۋاي بەك قوقاپ كىتىپتۇ قارىسا قالايدىغان ئوتۇنىمۇ تۈگەي دەپ قالغان شۇنىڭ بىلەن بوۋاي ئۈنلۈك ئاۋازدا ،قوناقلىققا سۇ باشلاپ قۇيۇپ كەلگەنتىم بىرىپ سۇنى باشقا ئىتىزغا باشلىۋىتەي دەپ قالغان ئوتاننىڭ ھەممىسىنى ئوتقا سىلىپ ئوتنى تازا ئۇلغايتىپ قۇيۇپ ئۆيدىن ئاستا چىقىپ ئۇدۇل ئىغىلغا كىرىپ كالىنىڭ ئاستىغا كىرىپ يىتىۋاپتۇ،ئۇ بىر ياغاچتىن توسۇپ ياسىۋاغان ئىغىل بولغاچقا بەزەن ئارلىقلىرىدىن ئەتىراپنى بۇلۇپمۇ ئۆينىڭ ئىشىكىنى كۆرگىلى بۇلدىكەن.بوۋاي قاراپ تۇرسا بىر چاغ بولغاندا ھىلىقى ئۆلگەن ئايالى ئۆيدىن چىقىپ ئۇدۇل ئىتىزلىق تەرەپكە قاراپ مىڭىپتۇ،بوۋاينىڭ پۈتۈن بەدىنى قورقۇنۇشتىن تەرلەپ كىتىپتۇ،تاڭ ئاتاي دىگەن چاغدا ئايالى ئىككى پۇتى لاي ھالەتتە قايتىپ كىلىپ ئۆيگە كىركىتىپتۇ،ئۇ ئايال كىچىچە ئىتىزلىقتا بوۋاينى ئىزدىگەن گەپ ،تاڭمۇ ئىتىپتۇ بوۋاي ياتقان يىرىدىن ئاستا قوپۇپ مەسچىتكە جامائەتنى چاقاغىلى مىڭىپتۇ،جامائەت كىلىپ ئۇ موماينى يۇيۇپ يەرلىكىگە قۇيۇپتۇ،بوۋاي كىچىچە بولغان ئىشلارنى جامائەتكە سۆزلەپ بىرىپتۇ،شۇندىن كىيىن بىرەرسى كەچتە ئۆلسە نەچچە ئادەم مىيىتقا ھەمرا بۇلدىغان بوپتىكەن.

karwan38 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 00:30:10

قانداق بالىلار قىزىۋاتامدۇ يا؟

karwan38 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 00:33:18

ھازىر سائەت 12.28 مىنۇت ئۆتتى ئىشەنساڭلار بۈگۈن مەن ئۆيدە يالغۇزتۇم ما ھىكايىنى يىزىپ بولغۇچە ئازراق سۈر باستى جۇمۇ

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 11:36:16

جىننىڭ پارىڭى تۈگىدىما ؟

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 13:44:47

karwan38 يوللىغان ۋاقتى2014-8-4 00:24 static/image/common/back.gif
نىمە ئۈچۈن ئادەم كەچتە ئۆلسە مىيىتنى باقىدۇ،دەپ گەپ با ...

ئەڭ ياخشىسى جىن بىلەن سوزلىشىپ باققان كورۇپ باققان بالىلاردىن بىرسى بۇ تىمىغا كىرسە بولاتتى ئاندىن بۇ تىما ئەھمىيتىنى تاپاتتى .

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 15:05:32

2-ھېكايەت
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم تەتىل مەزگىلى ئىدى، شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۈنەك ئاخشىمى كەلدى،
ئۇ چاغلاردا چوڭلارمەسچىتتە ياكى بىرەر باينىڭ چوڭراق ئۆيىگە يېغىلىپ،ئەر ئاياللار ئايرىم ئۆيلەرگە جايلىشىپ ۋەز نەسىھەت ئاڭلاپ ،تىلاۋەت قىلىشىپتۈنەپ چىقاتتى، بۇنى غەنىمەت بىلگەن بالىلار توپلىشىپ مەھەللىدە مۆكۈشمەك ئويناپ،ئوغرىلىققا چۈشمىگەن قوغۇنلۇق، ئالمىلىق باغلار قالمايىتتى،
شۇ كۈنى كېچە بالىلار ئادىتىمىز بويىچە يېغىلىپ مۈكۈشمەك ئوينىدۇق، ئويۇن راسا قىززىپ   ئۈچ بالاBتەرەپ يوشۇرنۇۋالغانلارنى ئىزدەشكە ئاتلاندۇق، بىر قانچەيلەننى يوشۇرۇنغان يېرىدىن تېپىپ بولۇپ يەنە ئادەم تېپىشقا ماڭدۇق، مەھەللىنىڭ چېتىدە بىر قومۇشلۇق بار ئىدى ،شۇ يەرگە بارساق ئايدىڭدا بىر كىشى قومۇشلۇققا قاراپ ئېڭىشىپ ئولتۇرۇپتۇ،بىز بۇ چاغدا تۈنەككە بارمىغان بۇ كىشىچوقۇم بەڭگىكەن دەپ قارىدۇق، ئارىمىزدىن بىر بالا چالمىدىن بىرنى بىر ئېتىۋىدى ھېلىقى «بەڭگى»   بېشىنى دەرھال كۆتۈردى،بىراق ھەيران قالارلىق يېرى ھېلىقى ئادەم بېشىنى كۆتۈگەن بىلەن گەۋدىسى قىمىر قىلىپ قويمىدى،ئۇ بىزگە تىكىلىپلا تۇراتتى، بىز ئاستا قاچايلى دەپ كەينىدىن ئاستا ئۆتسەك ھېلىقى باش ئاستا بىزگە ئەگىشىپ ئايلاندى ،لېكىن گەۋدىسى قىمىر قىلىپ قويمىدى،باش360گىرادۇس ئايلىنىۋىدى ھەممىمىز قورقۇپ قاچتۇق، بىز قاچقاچ قارىساق ھېلىقى ئادەمنىڭ بويى ئېگىزلەپ قاپتۇ، توختاپ قاراپ تۇرساق، ئۇ ئادەم ئاستا كۆتۈرلۈپئېگىز ئۆرلەپ غايىب بولدى
بىز يەنە قورقۇپ كېتىپ قېچىپ مەھەللىگە كېلىۋالدۇق، بولغان ئىش مۇشۇ
دېمەك جىنغا يولۇققان ئىدۇق

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 15:33:12

3-ھېكايەت
كەنتىمىز بىلەن قوشنا كەنىت ئارىسىدىكى زەيكەش ئېقىنغا بىر بىتون قۇرۇلمىلىق كۆۋرۈك سېلىنماقچى بولدى، قۇرۇلۇش ئەتىرىتى ئۈسكۈنىلىرىنى ئەكىلىپ چېدىرلارنى تىكىپ ئىش باشلىۋەتتى
ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن غەلىتە ئىشلار يۈز بېرىشكە باشلاپتۇ، بىر يولداش ئۇخلاۋاتسا چېدىرىغا قاپقارا تۈتۈن بېسىپ كىرىپتۇ، بىر ئەر خوتۇن يولداشئۇخلاۋاتسا كېچىسى بىرسى راۋاپ چېلىپ ئارام بەرمەپتۇ، بىرسى كېچىدە سىرتقا چىقاي دەپ ساپما كەشىنى كىيەي دەپ شۇنداق پۇتىنى ئاپارسا كەشى يۈگۈرۈپ قېچىپ كېتىپتۇ، باشقا ئىشچىلارغىمۇ كېچىسى نەغمە ئاۋازى، مەسخىرە قىلىپ كۈلگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ زادىلا ئۇخلىيالماپتۇ
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۆرپ ئادىتى بويىچە جىن قوغلاپ باققان ئىمىش، بىراق ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ ئۇ ئىشلار تېخىمۇ ئەدەپ كېتىپتۇ،ھەتتا بىر ئىشچى كېچىسى ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىپ ھەممىسىنى قاتتىق قورقىتىپتۇ
شۇنىڭ بىلەن ئىش بېشى كەنىت ئىشخانىسىغا.كىرىپ شىكايەت قىلىپ يىغلاپتۇ، كەنت مۇدىرى ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىش مەيدانىدا پولۇ ئېتىپ جامائەتكە نەزىر بېرىپ قارىيلار،ئىماملار قۇرئان تامام قىلىپدۇئا قىلىپتۇ، شۇ كۈنى كەچتىن باشلاپ ئۇ ئىشلار بېسىقىپتۇ
ئىش بېشى يولداشمۇ شۇندىن بېرى ئىمام ئاخۇنۇم موتسىكىلىتىنى مىنىپ يولدىن ئۆتسەدەرھال تاماكىسىنى ئۆچۈرۈپ، ھىجىيىپ ئېگىلىپ سالام قىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ
كۆۋرۈك پۈتكۈچە خاتىرجەملىك بولۇپ قۇرۇلۇش سۈپەتلىك تاماملىنىپتۇ

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 18:09:09

ماۋۇ ھارۇنجاننىڭ بولىدىكە ، ئاشۇنداق يېزىلاردا كۆپ ئۇچىرايدىكەن جىن دەپ ئاڭلايتۇق بۇرۇن.يېزىدا چوڭ بولغان باللا يوقمۇ يا ئۇ گەپ يالغانمۇ ؟ھەقىقىسى بولسا ئاڭلىساق بولاتتى.

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 18:58:54

asalam يوللىغان ۋاقتى2014-8-7 18:09 static/image/common/back.gif
ماۋۇ ھارۇنجاننىڭ بولىدىكە ، ئاشۇنداق يېزىلاردا كۆپ ئۇ ...

مەن يوللىغان ئۈچ ھېكايەت، بۇرۇن ھەقىقى بولغان ئىش، سىز يالغان دەپ ئويلاپ قالدىڭىزمۇ نېمە:oماۋۇزۇسىنى ھېكايەت دەپ قويمىسام بوپتىكەن

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 20:14:33

مەن سىزنىڭ ھېكايىڭىزنى يالغان دىمىدىم.كىچىكىمدە تولا ئاڭلايدىغان سەھرالاردا جىن تولا ئۇچىرايدىكەن دىگەن گەپ يالغانمۇ دىمەكچى.بېشىدىن ئۆتكەننى يازغان سىزلاكەنسىز ، بىرنەچچىسى دەپبېرەيمۇ دەپقويۇپ يوقاپكەتتى. ئەسلى مۇشىندا ھەقىقى بولغىنى ئادەمنى سۈر باسقۇزىدۇ.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 21:10:35

مەن مەھەللىدە بالىلاردىن ئۇلارنىڭ دادىلىرى جىنغا ئۇچرىغان ئىشلارنى بەك كۆپ ئاڭلاپ كەتكەن. دەسلەپ ھەيران قالاتتىم، كېيىن بىر بالىنىڭ دادىسى ياكى بوۋىسى ئۇچرىغان ۋەقەنىڭ يەنە باشقا بالىلارنىڭمۇ دادىسى ياكى بوۋىسى ئۇچرىغان ۋەقە بولۇپ چىقىپ، تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇنداق ھېكايىلارنىڭمۇ قىزىقى قالمىدى. كېيىن كىتابخانىدىن چىن تىلىدا «جىن مەدەنىيىتى» دېگەن بىر كىتابنى ئېلىپ ئوقۇغانىدىم، ھېلىقى مەھەللىمىزدىكى بالىلارنىڭ دادىلىرى ئۇچرىغان ۋەقەلەر ئىچكىرىدىكى چىنلارمۇ ئۇچرىغان ۋەقە بولۇپ چىقتى. ھاڭ تاڭ قالدىم. كېيىن يەنە خوكوڭدا نەشر قىلىنغان «چىننىڭ سىرلىق مەدەنىيىتى - جىن ئەرۋاھ» دېگەن كىتابنى ئوقۇۋىدىم، ھېلىقى ھېكايىلارنىڭ خوڭكوڭدىمۇ ئوخشاشلا يۈز بەرگەنلىكىنى بايقىدىم. كېيىن بىر ئامېرىكىلىقنىڭ كىتابىدا (كىتاب ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ، كۈتۈبخانىدىن ئارىيەت ئالغان) ئوخشاشلا يەنە شۇ ھېكايىلار. كالىفورنىيەدىكى جىنلار ئاتۇشنىڭ شورۇق يېزىسىدىكى جىنلار بىلەن مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك ئوخشاش قىلىقنى ۋە ئوخشاش گەپ سۆزلەرنى قىلىدىكەن.
مەن ئۆزەم ئىككى قېتىم غەلىتە ئىشقا ئۇچرىغان. لېكىن ئۇنىڭ جىن چېپىلىش ياكى قارابېسىش ئىكەنلىكىگە ھازىرغىچە بىر نىمە دېيەلمەيمەن.
پىسخولوگىيەدە جىن چېپىلىشنى سكىپزېنىيە دەپ چۈشەندۈرىدۇ. سىكپزېنىيە بولغانلارنى داۋالاپ ساقايتىش ئىنتايىن قىيىن. بەزى نېرۋىلوگىيە دوختۇرلىرى ئۇنى داۋالاپ ساقايتىش مۇمكىن دەپ قارايدۇ، بەزىلەر بولسا ئۈمىدسىز قارايدۇ. ئەلبەتتە بۇنداق ئۈمىدسىز قارايدىغانلار ئىچىدە ھەرقانداق پىسخىك كېسەلنى مەيلى يىنىك بولسۇن ياكى ئېغىر بولسۇن، داۋالاپ ساقايتىش پەقەت خام - خىيال دەپ قارايدىغانلارمۇ خېلى بار.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 21:12:51

asalam يوللىغان ۋاقتى2014-8-7 20:14 static/image/common/back.gif
مەن سىزنىڭ ھېكايىڭىزنى يالغان دىمىدىم.كىچىكىمدە تولا ...

جىن شەھەردە كۆپرەك بولامدىكىن دەيمەن. چۈنكى شەھەردىكى تەنھالىق تۇيغۇسى يېزىدىن ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا يېزىلىقلارغا قارىغاندا شەھەرلىكلەرگە جىن بەكرەك كېرەكلىك.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 21:16:03

ئۆزۈمنىڭ گېپىدىن نەقىل:
كالىفورنىيەدىكى جىنلار ئاتۇشنىڭ شورۇق يېزىسىدىكى جىنلار بىلەن مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك ئوخشاش قىلىقنى ۋە ئوخشاش گەپ سۆزلەرنى قىلىدىكەن.

مۇشۇ جىنلارنىڭ ئىچىدىمۇ غەربتىكى جاھانگىرلارنىڭ سۈيىقەستلىك ھەرىكەتلىرىگە بويسۇنۇپ، شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە ئۇسۇل ئوينايدىغان جىنلار بارمىكىن دەيمەن.

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 06:02:30

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى2014-8-7 21:10 static/image/common/back.gif
مەن مەھەللىدە بالىلاردىن ئۇلارنىڭ دادىلىرى جىنغا ئۇچر ...

ياخشى ئىزدىنىپسىز، ئېيىتقانلىرىڭىزدەكئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن بىر قانچە جىنغا يولۇققان كەچۈرمىش مەزمۇنى، شەرق ئەللىرىنىڭجىن ھېكايىلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ، بۇنى يەنە ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ
قارىغاندا بىزمۇ خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەنجىن ھېكايىلىرىنى يېغىپ توپلاپ تەتقىق قىلىپ باقىدىغان ئىشمۇ نېمە

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 06:29:06

ئارىمىزدا تارقىلىپ يۈرگەن مەشھۇرتۆت كەچۈرمىش بار،بۇنى كۆپنچە كىشىلەر مېنىڭ ئەجدادىمغا يولۇقۇپتىكەن دەپ تۇرۇۋالىدۇ

1- كەچۈرمىش: دىنى مەلۇماتى يۇقىرى بىرسى كېچىدەئادەمسىز رايوندىن ئۇنىڭ ئالدىنى ئالۋاستى توسۇۋالىدۇ، ھېلىقى كىشى ئەقىللىق بولۇپ ئالۋاستىنى ئالداپ چېچىنى كېسىۋېلىپ چاچنى قۇرئاننى ئارىسىغا سېلىۋالىدۇ، ھەمدە ئالۋاستىدىن ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىغا چېقىلماسلىققا ۋەدە ئالىدۇ

2- كەچۈرمىش: مەلۇم كىشى كېچىدە يولدا كېتىۋېتىپ بىر ئارغامچا تېپىۋالىدۇ، ئۇ كىشى ھەجەپ ئوبدان بولدى دەپ ئارغامچىنى يىغىشقا باشلايدۇ، شۇنچە جىق يىغسىمۇ ئارغامچىنىڭ ئۇچى تېپىلمايدۇ،شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى كىشى ‹ھەجەپ بىر ئۇزۇن ئارغامچىكەن › غايىبتىن بىر ئاۋاز ھېلىقى كىشىنى تىللايدۇ، ئارغامچىمۇ غايىب بولىدۇ

3- كەچۈرمىش: مەلۇم كىشى كېچىدە يولدا كېتىۋاتسا ناتونۇش بىر كىشى ئالدىنى توسۇپ ئۇنىڭدىن بىر قانچە سوئال سورايدۇ، يولۇچى توغرا جاۋاب بېرەلىسەيولۇچىنى ئىززەت ئېكرام بىلەن ئۇزۇتۇپ قويىدۇ، خاتا جاۋاب بەرسە بىر كاچات ئۇرۇپ ئاغىزىنى مايماق قىلىپ قويىدۇ

4- كەچۈرمىش: بىرسىنىڭ تۇغقىنى تۇيۇقسىز قازا قىلىدۇ ، بىراق مەلۇم سەۋەبتىن ئۇ باشقىلارغا خەۋەر قىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ، ئۇ كىشى ئوت قالاپ ئىسىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئوت ئۆچەي دېگەندە مۇردا تىرىلىپ ئۇ ئادەمگە يېقىنلاشماقچى بولىدۇ، ئوتنى يەنە قالىسا مۇردا جىمىقىدۇ، بەزى ۋارىيانىتلىرىدا مۇردا دەپنە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىنمۇ، قوپۇپ كېلىپ ئۇ كىشىنى ئاۋارە قىلىدۇ،مۇردىنىڭ ھايات ۋاقتلىرىدىكىئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن مۇرداقەتئىي ئاۋارە قىلمايدۇ

بۇ بايانلارنى بىر يىلى بىر ئاغىنەم بىلەن خاتىرىگەتوپلاپ قويغان، بۈگۈن ئىزدىنىشقا يوللاشقا پۇرسەت كەپتۇ مانا تەتقىقاتچىلار پايدىلىنىپ قالسا ئەجەب ئەمەس{:87:}
بەت: 1 2 3 [4] 5 6 7 8 9
: باللار بىردەم جىننىڭ گىپىنى قىلىشمامدۇق؟